ماتىريالى:تۇخۇم بەش دانە ،كۇدە،قىزىلمۇچ،غولپىياز سامساق.زەنجىۋىل

تەم خۇرۇچلىرى: تۇز ،ئاقمۇچ،
تەييارلاش ئۇسۇلى:
تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ تەييارلىۋالىمىز ئازراق تۇز سالساقمۇ بۇلىدۇ
كۇدىنى پاكىز يۇيۇپ ئۇزۇنلىقىنى بارماق ئۇزۇنلىقىدا توغرايمىز
قىزىلمۇچنى ئىنچىكە ئۇگرە توغرايمىز ،غولپىياز سامساق.زەنجىۋىل
لەرنى ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز
قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا يېرىم چۇمۇچ ماي قۇيۇپ قىزىغاندا تۇخۇمنى
سېلىپ ئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ پىشۇرۇپ سۇزىۋالىمىز
قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ ،غولپىياز سامساق.زەنجىۋىللەرنى سېلىپ
قورۇپ كۇدىنى سالىمىز بىر نەچچە قېتىم ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىۋالغان
تۇخۇمنى سېلىپ تۇز،ئاقمۇچ سېلىپ تەخسىگە ئۇسىمىز


تېخىمۇ تەپسىلى كورمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىكى فىلىمدىن كۇرۇڭ
تور بېتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قۇيۇڭ!!!!!!