ئالىمجاننى تونۇشتۇرغان فىلىم ئادرىسى
.http://tv.sohu.com/20080918/n259627457.shtml?from=814e.com
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ،ئىچكىرىدە بىراۋ كاۋاپچىلىق قىلىمەن دىسە نۇرغۇن ئادەم سوغۇق نەزەر بىلەن قارىشى مۇمكىن .شۇنداق ئىچكىرىدە بەزى مەلئونلار كاۋاپچى قىياپىتىدە مۇسۇلمانلارغا ھارام بولغان جىنايەتلەرنى ئۆتكىزىۋاتىدۇ .كاۋاپچىلارنىڭ تولىسى ئەسلى نامىراتلىق دەستىدىن قاڭقىپ چىقىپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمىزدور .ئەسلى ئۇلارنىڭ مۇشۇ ياشاش ۋە گۇزەل ماكان قۇرۇش ئۈچۈن تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ،ئىگىلىك تىكلەش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كىېرەك ئىدى .لېكىن بۇ بىچارىلەر ئىچكىرىگە چۈشكەندىن كېيىن نائەھلى ئاشخانە خۇجايىنلىرى ۋە مۇناپىق ئاق ساتتىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كىتىدۇ .شۇنداق قىلىپ ئەركەكلىك ۋە جاسارەت قايناپ تۇرغان بىر ئۇيغۇر ياش ئاشۇ پۇلخۇمار ئاقساتتى گەندىخۇمارلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كىتىدۇ .
ئەمدى پىرسۇنازىمىز ئالىمجان ئۆزى بىر كاۋاپچى بولسىمۇ لېكىن ئىچكىرىدە باشقىچە بىر يول تۇتۇپ،ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلىق ئوبرازى بىلەن ئۇيغۇرنى ھېچبولمىغاندا گۇيجو گۇيياڭدا يۈزىنى يورۇق قىلدى .ئۇ يۇرتىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ھەمدە كىلەچىگىنى ئوڭشاش ئۈچۈن 1997-يلى چوڭچىڭ شەھىرىگە كەلدى .لېكىن شۇ چاغدىكى چوڭچىڭلىقلار ئۇيغۇر كاۋىپىغا ئانچە قىزىقمىغاچقا ئالىمجاننىڭ كاۋاپ سودىسى ئانچە ئاقمىدى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئون يىل ھاياتىنى بېېيجىڭ ،شەنشى ،سىچۇەن ،گۇاڭشى ،يۇننەن .....قاتارلىق يەرلەردە كاۋاپچىلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈپ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق چۈچىكىنى يەتكىچە تېتىدى.بۇ جەرياندىكى كەچۈرمىشلىرىنى يازساق نەچچە توم رومان پۈتەر .
شۇنداق قىلىپ ئۇ چوڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپ قىسمىنى ئايلىنپ ئاخىرى 2000-يىل گۇيجو ئۆلكىسىنىڭ بىجىې دىگەن يېرىگە كەلدى. بۇ جايدىكى كىشىلەر ئالىمجاننىڭ ئەتكەن كاۋىپىنى بەك ياقتۇرۇپ قالدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون نەچچە يىللىق سەرگاردانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بىجي دا ھازىرغىچە كاۋاپچىلىق قىلىۋاتىدۇ .ئۇنىڭ چىقىشقاقلىقى ۋە ئاددى ساددىلىقى ھەمدە مەرتلىكى بىجې لىقلارنى تەسىرلەندۇردى .
2002-يىلى 4-ئاينىڭ بىر كۈنى ئالىمجان بىر ئىش بىلەن گۇيجو ئۆلكىسىنىڭ جېنيۇەن (镇远) ناھىسىگە كەلدى .ئالىمجاننىڭ كەلگەن كۈنى دەل ناھىيە شەھەر ئەتراپىدا بىر چوڭ ئوت ئاپىتى بولغان ئىدى .ئالىمجان ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال ئىككىلەنمەي ئوت ئۆچىرىشكە ئاتلاندى .ئالىمجان قاتارلىق پىدايىلارنىڭ كۈچىشى بىلەن ئوت ئاخىرى ئۆچىرىلدى .لېكىن ئالىمجاننىڭ كىيىملىرى ئوت ئۆچىرىش جەريانىدا جۇل جۇل بولۇپ كەتتى .شۇ جايدىكى ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكىلەر ئالىمجاننىڭ بىداكىرانە روھىغا مەدەت بىرىش ۋە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا 300 سوم كىيىم پۇلى بەردى .نەچچە رەت سالاچىلىق ۋە زورلاش بىلەن ئالىمجان ئىلاجىسىز بۇ پۇلنى ئالدى .لېكىن ئالىمجان پۇلنى ئالغاندىن كېيىن كۆڭلى تەسكىن تاپمىدى .ئالىمجان كۆڭلىدە :بۇ پۇلنى ئىشلەتسەم بولمايدۇ چوقۇم بۇ پۇلغا مېنىڭدىنمۇ ئىھتىياجلىق بىرسىگە بىرىپ ،تېخىمۇ ياخشى ئۈلگە تىكلىشىم كىرەك دەپ كۆز ئالدىغا گۇيجو تاغلىق كەنتلىرىدە يامغۇرلۇق كەپىلەردە دەرس ئاڭلاۋاتقان نامرات ئوقۇغۇچىلار كەلدى .
بىر ئايدىن كېيىن ئالىمجانغا ئاياللار بىرلەشمىسىدە ئىشلەيدىغان بىر كادىر ئۇچىرىشىپ قالدى .ئالىمجان بۇ كادىرغا تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق ئېغىر بىر نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۇقۇشۇپ بىرىشنى ئۆتىندى .ناھايىتى تىزلار بۇ كادىر ئالىمجانغا بىجې ئونۋىرسىتىدا جاۋمىن ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى سەۋەپلىك تۇرمۇشتا قينىلىپ ئوقۇشنى تاشلاشقا مەجبورى بولغانلىقنى ئېيتتى .ئالىمجان بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن دەرھال ھېلىقى 300 يۈەن پۇلنى ھەمدە ئۆزى كاۋاپ سېتىپ يىققان 200 يۈەن پۇلنى جاۋمىن غا تاپشۇردى .جاۋمىي ئۆزىنىڭ ئاخىرى ئوقۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىپ ،كۆزلىرىدىن تارام ياشلىرىنى ئېقىتىپ ئالىمجاننىڭ ئالدىغا تىزلىنىپ رەھمەت ئېيتتى .
بۇ كۆرىنىش ئالىمجانغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇندىن كېيىن قولىدىن كىلىشىچە نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش ئىستىكىدە بولدى .ئالىمجاننىڭ ياردىمى بىلەن جاۋمىن ئوقۇشىنى غەلبىلىك پۇتتۇردى ھەمدە گۇيجو ئۆلكىسى دافاڭ بازارلىق ئوتتۇردا ئوقۇتقۇچىلىققا خىزمەتكە چۇشكىتى .
شۇنىڭدىن كېيىن ئالىىمجان بىيجى ناھىيىسىدە تۇرۇش جەريانىدا بۇ ناھىيىنىڭ يېزىلىرىدا نۇرغۇن نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى ئۇلارنىڭ ھەتتا سومكىمۇ ئاسالمايدىغانلىقىنى بىلدى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولىدا ئازراق پۇلى بولسىلا مەكتەپلەرگە چاپتى .
2003-يىلى ئالىنجان بىيجې شەھىرى سەنبەنچىياۋ ئىش بىجىرىش باشقارمىسى لىڭفېڭ كەنتىگە كىلىپ ئىككى نەپەر مىياۋزۇ نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى .
2004-يىلى داۋاڭ ناھىيىسى ئەنلۇۋ يېزىدىكى ئالاھىدە نامرات ئوقۇغۇچى لىيىڭگە 300 يۈەن ياردەم قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ تەتىلدە ئائىلىسىگە كېتىش كىرا پۇلىنى تۆلەپ بەردى .
2007-يىلى داۋاڭ ناھىسى لىخۇا يېزىسى چاڭچۇن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى 41 نامرات ئوقۇغۇچىغا 5000 يۈەن ياردەم قىلدى .
ئالىمجاننىڭ جەمىيەت ئۈچۈن قىلغان يوقىرقى ياخشى ئىش ئىزلىرى پەقەت ۋەكىل خارەكتىرلىك ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزى تۇرىۋاتقان شۇ يەردىكى كىشىلەرگە قولىدىن كېلىشىچە قىلغان ياردەملىرى ئىنتايىن كۆپ .
2006-يىلى ئالىمجان بىيجې ئونۋىرسىتىدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ نەتىجىسى لاياقەتلىك بولسىمۇ لېكىن نامراتلىق تۈپەيلى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىلاجىسى قېلىۋاتقانلىقنى بىلىپ ،
ئۆزى بىر مودىن بىرمودىن جاپادا تاپقان 5000 سوم پۇلنى كۆتىرىپ ئونۋىرسىت رەھبەرلىكىنىڭ قولىغا تاپشۇردى.مەكتەپ رەھبەرلىكى ئالىمجاننىڭ بۇ روھىدىن تەسىرلىنىپ ئالىمجان نامىدىكى ئوقۇش ياردەم فۇندىنى قۇردى ھەمدە ئېچىلىش مۇراسىمى كۇنى ئالىمجان ئىئانە قىلغان 5000 سوم پۇلنى ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىكى چىقارغان ئىقتىساتنى 20نامرات ئوقۇغۇچىغا بەردى .
2007-يىلى 10-ئايدا ئالىمجان نامىدىكى ئىككىنچى ئوقۇش ياردەم پۇلى فۇنتى گۇيجو ئونۋىرسىتى چەتئەلتىلى فاكولتىتىدا تەسىسى قىلىندى ھەمدە بىيجي شەھىرىدىن ئوقۇشقا كەلگەن ياڭمىي قاتارلىق 20يېڭى ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرسى 500 يۈەن پۇل ئېلىپ ئالىمجان فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئالىمجاننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلىش ھەمدە ئۆزىنىڭ مېھرىبانلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن 2008-يىلغىچە كاۋاپ سېتپىپ ئاز ئازدىن يىققان 30مىڭ سومدىن ئارتۇق پۇلنى 30 دىن ئارتۇق نامرات ئوقۇغۇچىغا بىرىپ جەمىيەتتە چوڭ تەسىر قوزغىدى .ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى گىزىتلەردە بېسىلدى .تېلىۋىزىيە ئىستانىلىرى زىيارەت قىىلدى .نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان يىگىتنىڭ گۇيجولۇق نامرات كىشىلەرگە ياردەم قىلغىنى ئۇقۇپ ھەيران قېلىشتى ھەمدە كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى .پۇل كۆپ تۇرۇپمۇ نامراتلارغا تۈزۈك ياردەم قىلمايدىغان بەزى كىشىلەردە ئۇيۇلۇش كەيپىياتى پەيدا قىلدى ھەمدە ئالىمجان فوندىغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغان كىشىلەر مەيدانغا كەلدى .
ئالىمجان بۇ يىل 38گە كىردى ھازىرغىچە ئۆيلىنەلمىدى .ئۇ يەنىلار پۇل تېپىپ ئۆيلىنىپ ئىللىق بىر ئائىلىنى قۇرۇش ئىستىكىدىن ۋاز كەچكىنى يوق .
ئەسلى مەنبەسى :
http://www.gzstv.com/News/rwgs/20081216/20081216285496.htm[ بۇ يازماmuzتەرپىدىن2010-08-05 03:17دە قايتا تەھرىر ]