باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ساياھەت رايۇنى،مېھمانخانا، رىستۇران،تىز تاماقخانىلار دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2011-06-17)
كۈندىلىك تۇرمۇشتا توڭلاتقۇنى قايسى تەرەپلەردىن ئاسراشقا ئەھمىيەت بىرىمىز؟ 1.توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدە ئىشىپ قالغان كوكتاتلارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كىرەك. چۇنكى توڭلاتقۇنىڭ ئىچىدە ئىشىپ قالغان كوكتاتلار باشقا كوكتاتلارنىڭ تەمى بىلەن ئارلىشىپ كىتىشتىن باشقا يەنە ئاسانلا مىكروپلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.شۇڭلاشقا كوكتات ۋە يىمەكلىكلەرنى تىز بىر تەرەپ قىلىۋىتىش كىرەك. 2. مەلۇم ۋاقىت بويىچە توڭلاتقۇنىڭ ئىچىنى تازلاش، 3 ئاي ئەتراپىدا توك توختىتىپ يۇيۇش كىرەك. تازلىغاندا قىتىپ قالغان قىروۋلارنى پاكىز قىرىپ چىقىرىش ، توڭلاتقۇنىڭ ھەر قايسى بۆلۈملىرىنى پاكىز تازلاش ۋە باشقا پۇراقلارنى يوقۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. باشقا پۇراقلارنى يۇتتۇرۇشتە ئاپلىسىن قەلەمچىسى، چاي قاتارلىقلارنى رەخىتكە يۆگەپ توڭلاتقۇنىڭ بۆلۈمچىلىرىگە قۇيۇپ قويسىمۇ بولىدۇ. لېكىن سىسىق پۇراقلارنى ۋاقتىدا يۇتتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بولسا ۋاقتىدا ئىشىپ قالغان يىمەكلىك ۋە كوكتاتلارنى بىر تەرەپ قىلىۋىتىش كىرەك. 3.توڭلاتقۇنىڭ بۆلۈمچىلىرى ئىتىلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىچىدە 10نەچچە خىل مىكرو جانلىقلار بولۇپ، تېزلا كىشىدە ھەرخىل كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ۋاقتىدا توڭلاتقۇنى يۇيۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. مۇتەخەسىسلەرنىڭ دىيىشىچە ئىسپىرت بىلەن ھەر قايسى بۆلۈمچىلەرنىڭ ئىشكىنى ۋاقتىدا يۇيۇپ بەرسە بۇ خىل ھالەتتىن ساقلانغىلى بولدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىر نەچچە خىل توكنى ىجەش ئۇسۇلىنى بىلىش كىرەك. توڭلاتقۇنىڭ ئىشىكىنى كوپ ئاچماسلىق، توڭلاتقۇنى ئامال بار، قۇرغاق، سايە، ئېلىكتىر مەنبەسى ۋە ئوت مەنبەسىدىن يىراق ئورۇنغا قويۇش كىرەك.ھەمدە توڭلاتقۇغا سىلىنغان يىمەكلىك ئۇنىڭ ھەجىمىنىڭ 80%دىن كوپ بولۇپ كەتمەسلىك كىرەك.
|