daris sohpat بىلىمزار توربېكىتى
ئەنگەر

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 746
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 200
شۆھرىتى: 2205 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2330 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 246 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 128(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-12-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

   تويدىن بۇرۇن ئامال قىلىپ ماڭا پۇل خەجلەتكۈزەتتىڭىز، بىردەم ئۇنى ئىلىپ بېرىڭ، بىردەم بۇنى ئىلىپ بېرىڭ دىگەندە مەنمۇ غىڭ قىلماي ئىلىپ بېرەتتىمغۇ؟ لىكىن تويدىن كىيىنچۇ؟ مائاش، مۇكاپاتلىرىمنىڭ ھەممىنى ئىلىۋالدىڭىز. بىر ئەرنىڭ يانچۇقىدا پۇل بولمىسا،  باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىناۋىتى بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
   تويدىن بۇرۇن كۈندە چىرايلىق ياسىنىپ مەن بىلەن كۆرىشەتتىڭىز،،لېكىن تويدىن كېيىنچۇ؟دائىم ئۆزىڭىزنى تاشلىۋېتىپ يۈرۈيسىز،خۇددى خورلانغان،دەپسەندە قىلىنغان خوتۇنلاردەك.بەزىدە كۆڭۈل قويۇپ ياسىنىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرۈپ قالىمەن.بۇ،سىرتقا چىقىدىغانلىقىڭىزنى،باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ياسانغانلىقىڭىزنى بىلدۇرىدۇ.بۇ ۋاقىتتا كۆڭلۈم بىئارام بولماي قالامدۇ؟
  تۆيدىن بۇرۇن چوڭ سۈپەت،كەڭ قۇرساق،ئارتۇق ئىشلار بىلەن كارىڭىز يوق ئىدى،غەمسىز كىچىك بالىغا ئوخشايتتىڭىز.ئۇ ۋاقىتلاردا نەزىرىمدە شۇنچىلىك چىرايلىق ئىدىڭىز ،لېكىن تويدىن كىيىنچۇ؟ئۆينىڭ ئىچى-تېشىدىكى ئىشنىڭ ھەممىنى بىر قوللۇق باشقۇرىسىز.مەندەك بىر ئېرىڭىز نەزىرىڭىزدە بارمۇ- يوق؟
     تويدىن بۇرۇن ماڭا شۇنداق كۆڭۇل بۆلەتتىڭىز،دائىم مېنى ئىقتىدارلىق دەپ ماختايتىڭىز،كەسپنى موھىم بىلىڭ دەپ ئىلھاملاندۇراتتىڭىز،لېكىن تويدىن كىيىنچۇ؟يانچۇقۇمدىكى پۇلغىلا كۆڭۈل بولدىڭىز،ھىسياتىمغا،خىزمىتىمگە ،كەسپىمگە كۆڭۇل بۆلۈپ باقتىڭىزمۇ؟
     تويدىن بۇرۇن ئۆزىڭىزگە شۇنچىلىك ئىشىنەتتىڭىز،دائىم «باشقا قىزلار مەندىن سېنى تارتىپ كېتەلمەيدۇ»دەپ قارايتتىڭىز،لېكىن تۆيدىن كېيىنچۇ؟دائىم«باشقا قىزلار پېيىڭدا يۈرۈيدۇ»دەپ ئەندىشە قىلىسىز،نىمىلا ئىش قىلسام تىكىلىپ تۇرىۋالىسىز ياكى بولمىسا تېلفۇندا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈسىز.سىز ھارمىغان بىلەن مەن ھاردىم،بۇنداق قىلىپ زېرىكمىدىڭىزمۇ؟
    تويدىن بۇرۇن شىرىن سۆزلەرنى قىلسام خىجىل بولۇپ بېشىڭىزنى كۆتۈرمەييتىڭىز،لېكىن تويدىن كىيىنچۈ؟دائىم مەن بىلەن پاراڭلاشمايسەن دەپ ئاغرىنىسىز.سىزگە خىزمىتىم ،كەسپىم توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرسەم قىززىقماي ئۇيقۇغا كېتىسىز.مېنى سىز بىلەن نىمە توغۇرلۇق پاراڭلاشسۇن دەيسىز؟ئاشۇ تۇتامغا چىقمايدىغان،قوشنىلارنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرى توغۇرلۇق غەيۋەت قىلسۇن دەمسىز؟ئۇ چاغدا مەن يەنە ئەر ھىسابلىنامدىم؟
   تويدىن بۇرۇن دائىم ئىككىمىزنىڭ ئىشى توغۇرلۈق پاراڭلىشىپ ،چىراي ئىپادىمىز ئارقىلىق ھېسيات ئالماشتۇراتتۇق،لېكىن تويدىن كىيىنچۇ؟دائىم مەن بىلەن«سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» قىلدىڭىز،كۆڭلىڭىزدە پەقەت بالىلا بار،ئاغزىڭىزنى ئاچسىڭىزلا«
بالىڭىز...»دەپ سۆزلەيسىز،كۆڭلىڭىزدە يەنە مەنمۇ بارمۇ؟
  سىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ بىز ئوتتۇرا ياشقا بېرىپ قالدۇق،ئۆيدىكىلەرنىڭ چوڭلىرى چوڭ،كىچىكلىرى تېخى كىچىك،تۇرمۇشنىڭ بارلىق ئېغىرچىلىقى بىزنىڭ زىممىمىزغا يۈكلەنگەن.خىزمەت،كەسپتىكى رىقابەتنىڭ رەھىمسىزلىكىدىن تىنغۇدەكمۇ ئىمكانىيەت بولمىسا،ماڭىمۇ ئاسانمۇ؟
  سىزگە دىسەم،بەزىدە مەن سىز بىلەن ھېسيات ئالماشتۇرۇشقا،سىشنىڭ مېنى چۈشۈنىشىڭىزگە ،مۇلايىمغىنە بېششىمنى سىلىشىڭىزغا شۇنچىلىك ئىنتىزار بولىمەن.ئەگەر شۇنداق بولسا كۆڭلۈممۇ كۆتىرىلىپ قالاتتى،لېكىن بەزى ئىشلار توغۇرلۈق ئېغىز ئېچىش تەسكەن،تاش يۈرەكلىك بىلەن سىزنى چىدىسۇن دىگۈم كەلمىدى.
   خوتۇن،بىزنىڭ تويدىن بۇرۇنقىغا ئوخشاش قەلبىمىزنىڭ تۇتاش،بىر-بىرىەە باغلىنىشىنى شۇنچە ئۈمىد قىلاتتىم .ھازىر ئىككىمىزنىڭ تويدىن بۇرۇنقى ھالەتكە كايتىشىمىزنى شۇنچىلىك ئۈمۈد قىلىمەن.ئۇ ۋاقىتلاردا ھەر قېتىم بىرەر ياخشى كىتاپ ئوقۇسام ماختايتتىڭىز،جىمجىت كېچىلەردە ساز چالسام تېنچ ئولتۇرۇپ ئاڭلايتتىڭىز،مەن غېرىپسىنغان ۋاقىتلاردا يېقىملىق كۈلكە ئاۋازىڭىز قۇلاق تۆۋىمدىن كەتمەيتتى.بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇرۇپ چاي ئىچكەن ۋاقىتلاردا شۇنچىلىك مۇلايىم ،نازاكەتلىك ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلاتتىم.
  خوتۇن،ئەگر سىز يەنىلا«ئاجرىشىش ماڭا بەخت ئېلىپ كېلىدۇ»،دەپ قارىسىڭىز ئۇنداقتا بىز ئاجرىشايلى  !لېكىن ئاجرىشىش راستىنلا سىزگە بەخت ئېلىپ كېلەمدۇ؟
«تۇرپان گېزىتى»دىن ئېلىندى.  
mukapat
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-07-27 10:41 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئەنگەر ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

kasiplar
مۇقام
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 552
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 443
شۆھرىتى: 4485 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 4680 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 467 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 174(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-12-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھەي مۇشۇ تۇرمۇشنىزە
maktap
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-07-27 21:35 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇقام ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا