hantagri illikdunya.biz sohpat
قىران
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 647
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 499
شۆھرىتى: 5275 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 6202 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 561 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 75(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كەڭ كىتاپخان جامائەتچىلىككە تونۇلغان شائىر «نىم شېھىت» ئەرمىيا ئېلى سايرامى 1906-يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىغا قاراشلىق «تىزەك قاغا» كەنتىدە، ئېلى ئاخۇن ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئىلىئاخۇننىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭدىن كىچىكى ئابدۇقادىر ئېلى ئىدى. ئۇ ئىنىسىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن مائارىپچى بولۇپ، 1945-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىر قاتاردا گومىنداڭچىلارنىڭ جادۇسىدا توغرالغان.
ئەرمىيا ئېلى دەسلەپكى خەت ساۋادىنى ئۆز يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە چىقىرىدۇ. 1922-يىلدىن 1930-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇ بىلىم ئىزلەپ ، باي ۋە كۇچار ناھىيىلىرىنىڭ مەدرىسلىرىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1930-يىلى ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى رېتىمى ۋە شەكلى بىلەن يېزىلغان «بازار ۋە مازار» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى ئۆزىنىڭ دوستلىرى ھەم خەلق ئىچىدە يازما ھالدا كەڭ تارقىلىدۇ. كېيىن شائىر بىلىم ئىزلەپ، ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇغ- تۇغقانلىرىنىڭ راسلاپ بەرگەن خىراجىتى بىلەن قەشقەرگە بېرىپ، بىلىم ۋە مەرىپەت تەلەپكارلىرىنىڭ بىر قىسمى بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلارنىڭ سەمىمى ياردىمى بىلەن ئاتاقلىق جامە «خانلىق مەدرىس»كە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ بۇ يەردە تىرىشىپ ئوقۇيدۇ ۋە شېئىر يېزىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئۇستازلىرى ۋە ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا يۇقىرى ھۆرمەت بىلەن قوللاشقا سازاۋەر بولۇپلا قالماي، كەڭ خەلق ئارىسىدىمۇ تونۇلۇشقا باشلايدۇ. مانا شۇ چاغدا شائىردا تۈرلۈك ئىجتىمائىي تېمىدا جۈملىدىن ھەجۋى تېمىدىمۇ شېئىر يېزىش ھەۋىسى پەيدا بولىدۇ. بۇ ھەۋەس دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ۋە تەلىپىگە ماسلىشىپ كۈندىن كۈنگە ئۆسۈپ ۋە كۈچىيىپ بارىدۇ. ئۇ قەشقەردە پەلسەپىۋى پىكىرگە باي «مادارا ئەئزەم» (چوڭ ياراشتۇرۇش) ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ توپلامدا شۇ چاغدىكى مىللىي زۇلۇم ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ بەزى تەرەپلىرى (ئاساسەن بايلىق بىلەن كەمبەغەللىكنىڭ پەرقى ھەم ئۇنىڭ مەنبەلىرى) خېلى گەۋدىلىك ئېچىپ بېرىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىنلا شائىر «ئەنۋارۇلھۇدا» (ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق ئىشقى قەسىدىنى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى 100 بەت ئەتراپىدا بولۇپ، كېيىنكى كۈنلەردە شائىرنىڭ قولىدىكىلىرى گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن مۇسادىر قىلىنىپ كەتكەن.
1933-يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن پاراكەندىچىلىك ۋە تەرەپبازلىق ئۇرۇشىدا شائىر يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالىدۇ. ئۇ ئوق تەگكەن يېرى بىرئاز ياخشىلىنىشى بىلەنلا دەرھال دوختۇرخانىدىن چىقىپ نىم شېھىت (يېرىم جان) دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇس بىلەن يەنە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ چاغلاردا ئۇنىڭ تېنى ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكتىن قەشقەردىن بايغا قايتىپ كېلىپ، باي ناھىيىسىنىڭ «قېرىيە» دېگەن تاغلىق كەنتىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان پەننى باشلانغۇچ مەكتەپتە مۇئەللىمچىلىك قىلىدۇ.
1936-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى «ئاقسۇ ئۇچۇرى» ناملىق گېزىت چىقارغاندا «نىم شېھىت» شۇ گېزىتنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ. ئۇ 1945-يىلىغىچە بولغان 10 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە شۇ گېزىتنى چىقارغۇچىلار قاتارىدا مەسئۇل مۇھەررەرلەردىن بىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1943-يىل 9-ئايدا شائىر ئاقسۇ گېزىتخانىسىغا، گومىنداڭچىلار تەرىپىدىن سۈرگۈن ھېساۋىدا، يۆتكىلىپ بارغان ئوت يۈرەك ئىنقىلابىي شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇلار بۇرۇن گېزىت يۈزىدىلا بىر بىرى بىلەن تونۇشقان بولسا، ئەمدى خىزمەتداش، سەپداش بولۇپ، ئاكا-ئۇكىلاردەك چىقىشىپ، قېرىنداشلاردەك ھەمكارلىشىپ قول تۇتۇشۇپ بىللە ئىشلەيدۇ.
شېئىرلىرىدا يېڭى-يېڭى پىكىر، ئىلغار مەزمۇنلارنى ئىپادىلەپ كەلگەن شائىر بۇ مەزگىللەردە خەلق ئاغزىدا رىۋايەت تەرىقىسىدە تارقىلىپ يۈرگەن «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات-شېرىن» توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى توپلاپ ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىپ شۇ ناملىق داستاننى يېزىپ ئاقسۇ گېزىتىدە ئېلان قىلدۇرىدۇ. ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بۇ داستاننىڭ ۋەقەلىك ھەم بەدىئىي ئالاھىدىلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىپ ئۇنى «نادىر ئەسەر» دەپ ئاتىغان.
شائىر نىم شېھىت بۇ داستاندىن كېيىن خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرنى يىغىپ ئۆگىنىپ، يۇغۇرۇپ « لەيلى-مەجنۇن»نى ئوپېرا قىلىپ يېزىپ سەھنىلەشتۈرىدۇ. بۇ ئەسەر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «غېرىپ-سەنەم»، «تاھىر-زوھرا» ئوپېرالىرى بىلەن ئاقسۇنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوينىلىدۇ. شۇنىڭغا ئۇلاپلا «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد-شېرىن» داستانىنى سەھنىلەشتۈرۈشكە كىرىشىدۇ. بىراق شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئېغىر ئۆپكە ۋە مېڭە ئاغرىقىغا گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن «تىزەك قاغا» كەنتىگە قايتىپ كېلىدۇ.
1944-يىل 11-ئاينىڭ 12-كۈنى نىلقىدىن پارتلىغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى بارغانسېرى كېڭىيىپ، ئۇنىڭ قوراللىق قىسىملىرى «قېرىيە» ئارقىلىق بايغا-جەنۇبقا چۈشىدۇ. شۇ يىلى 17-ئاۋغۇست كۈنى مىللى قوشۇن باي ناھىيىسىنى گومىنداڭچىلاردىن ئازات قىلىدۇ.
شائىر نىم شېھىت ئەرمىيا ئېلى ئۆزلىكىدىن قوماندانلىق شتابنىڭ تەشۋىقات ۋە مەدەنىي ئاقارتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدۇ.
1945-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى مىللىي قوشۇننىڭ ئاقسۇدىكى قىسىملىرى ئىلىغا قايتقاندا شائىرمۇ قولىغا قورال ئېلىپ غۇلجىغا چىقىپ كېتىدۇ. غۇلجىدا مىللى قوشۇن باش شتابى تەشكىل قىلغان «تارىخ يېزىش» ئىشخانىسىدا ئىشلەيدۇ.
1948-يىل 1-ئاۋغۇست ئىلىدا «شىنجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى » قۇرۇلىدۇ ، شائىر بۇ ئىتتىپاقنىڭ كېڭەش ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ نەشرى ئەپكارى بولۇپ سايلىنىدۇ ۋە نۇرغۇن شېئىر ۋە ماقالىلارنى ئېلان قىلىدۇ.
1949-يىلىنىڭ 1-ئۆكتەبىرىنى ھەر مىللەت كىشىلىرى بىلەن بىر قاتاردا تەنتەنە بىلەن كۈتۈۋالدى. 1952-يىلى 1-قېتىم ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۈلگىلىك ھەر مىللەت، ھەر ساھادىكىلەرنىڭ خەلق ۋەكىللەر كونفېرىسىيىسىگە ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى. 1957-يىل مايدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.
«4 كىشىلىك گۇرۇھ» زورلۇق-زومبۇلۇق قىلغان يىللاردىمۇ مەشھۇر شائىر قەلىمىنى تاشلىمىدى. «يۈسۈپ-زىلەيخا» داستانىنى ۋە « گۆر ئاغزىدىن يانغاندا» دېگەن شېئىرىي روماننىڭ 1مىڭ 500 كۇبلىتىنى يازدى. كېيىنكى كۈنلەردە شېئىرىي رومانغا يانداپ 300 دەك رۇبائىيمۇ يازدى. شىڭ شىەي ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قانلىق تېرورلۇقىنىڭ ۋارىسلىرى بولغان لىن بياۋ ۋە «4كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ دەھشەتلىك زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ئۇنىڭ يۈرىكى 1972-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېچىنىشلىق ھالدا ھەرىكەتتىن توختىدى. 1979-يىل 3-ئايدا ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.
[ بۇ يازماقىرانتەرپىدىن2010-07-23 16:50دە قايتا تەھر ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-07-20 13:43 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( قىران ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
كۈلقىز
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 213
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 905
شۆھرىتى: 9155 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 9210 دوللار
تۆھپە: 23 ھەسسە
ياخشى باھا: 927 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 330(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مەرھۇم شائىرىنىڭ تەرجىمھالىنى بىزگە تۇنۇشتۇرغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر.  
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-07-21 10:42 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈلقىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاتەش
دەرىجىسى : تۆھپىكار ئەزا


UID نۇمۇرى : 402
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 130
شۆھرىتى: 1375 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1469 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 165 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 153(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

KOPrahmat
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-28 21:29 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاتەش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » مەشھۇرلىرىمىز
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا