ماتىرياللار:قوي گۇشى ،باش پىياز ،ئۇن ،سۇ ماي ،يىسۋېلىك، پەمىدۇ،كۆكمۇچ،
سامساق،كەرەپشە،مايلىق يىسۋېلىك
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،
تەييارلاش:خېمىرنى مۇنداق يۇغۇرۇپ،تەييارلىۋالىمىز ،گۆشنى ئۇششاق توغراپ باشپىيازنى
چاناپ .تۇز ئاقمۇچ بىلەن تەملەندۇرۇپ قىيما قىلىپ تەييارلاپ ،خېمىرنى يېيىپ تۆت چاسا
كىسىپ چۆچۈرە تۇگۇپ تەييارلاپ قۇيىمىز
قورىمىسى تەييارلاش ئۈچۈن گۆش كۆكتاتلارنى دان-دان توغراپ تەييارلىۋالىمىز (رەسىمدىكىدەك)
ئەمدى رەسمى پىشۇرۇشقا كىلەيلى:قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندا تەييارلانغان چۆچىرىنى قازانغا سېلىپ
پىشۇرۇپ تەخسىگە سۇزۇپ تەييارلايمىز.
قازانغا ماي قۇيۇپ گۆش ،پىيازلارنى سېلىپ تۇز سېلېپ كەينىدىن يىسۋېلىك،كەرەپشە،كۆكمۇچ ،
پەمىدۇرسېلىپ قورۇپ كوك سەي(مايلىق يېسۋېلىك،پالەك) لەرنى سېلىپ سامساق سېلىپ تۇز
تەمىنى تېتىپ چۆچۈرىنىڭ ئۇستىگە سېلىپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ

[ بۇ يازمائاتەش رەناتەرپىدىن2011-12-18 20:28دە قايتا ]