ماتىريالار:قوي گۇشى ،باش پىياز ،ئۇن ،سۇ ماي ،يىسۋېلىك، پەمىدۇ،كۆكمۇچ،
سامساق،كەرەپشە،مايلىق يىسۋېلىك
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،ئاقمۇچ،
تەييارلاش:خېمىرنى مۇنداق يۇغۇرۇپ،تەييارلىۋالىمىز ،گۆشنى ئۇششاق توغراپ باشپىيازنى
چاناپ .تۇز ئاقمۇچ بىلەن تەملەندۇرۇپ قىيما قىلىپ تەييارلاپ ،خېمىرنى يېيىپ تۆت چاسا
كىسىپ چۆچۈرە تۇگۇپ تەييارلاپ قۇيىمىز

قورىمىسى تاييارلاش ئۇچۇن گۆش كوكتاتلارنى دان-دان توغراپ تەييارلىۋالىمىز (رەسىمدىكىدەك)

ئەمدى رەسمى پىشۇرۇشقا كىلەيلى:قازانغا سۇ قۇيۇپ قاينىغاندا تەييارلانغان چۆچۇرىنى قازانغا سېلىپ
پىشۇرۇپ تەخسىگە سۇزۇپ تەييارلايمىز.
قازانغا ماي قۇيۇپ گۆش ،پىيازلارنى سېلىپ تۇز سېلېپ كەينىدىن يىسۋېلىك،كەرەپشە،كۆكمۇچ ،
پەمىدۇرسېلىپ قورۇپ كوك سەي(مايلىق يېسۋېلىك،پالەك) لەرنى سېلىپ سامساق سېلىپ تۇز
تەمىنى تېتىپ چۆچۇرىنىڭ ئۇستىگە سېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ

ئەسكەرتىش:ئۇزىڭىز ياقتۇردىغان كۆكتاتلارنى قىلىپ يىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ مۇمكىن بولسا چۆچىرىنى
قازانغا سېلىپ پىشقىچە بولغان ئارلىقتا يەنە بىر قازاندا قورىمىسىنى تەييارلاپ ئىككىلىسىنى تەڭ
پىشۇرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ.سىز چۆچۇرە خېمىرىنى يۇغۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز
بۇ ئادىرىسنى زىيارەي قىلىڭ:
http://axpaz.cn/bbs/read.php?tid=644ئالاھىدىلىكى :ئائىلىدە تەييارلاپ يىيىشكىمۇ ئەزىز مىھمانلارنى كۇتىۋېلىشتا تەييارلىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ
تەمى ئۆزگۇچە بۇلۇپ مىھمانلارنى ئۇزىگە جەلىپ قىلىدۇ
ئەگەر بۇ قورىمىنى دوسلىرىڭىز ياقتۇرسا ياكى سىز سىناپ ئۇنۇم ھاسىل قىلسىڭىز تور بېكىتىمىزنى
دوسلىرىڭىزغا تەۋىسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ تور بېكەت ئادىرسىمىز
www.axpaz.cn