hantagri illikdunya.biz sohpat
شىرىن
مـۇنـبـەر مـەلـىـكـىـسـى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 8
نادىر تېما : 8
يازما سانى : 436
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 241(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ئىلگىرلەتتى .(2010-11-10)


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ئەزىز دوستلار .
گەرچە روزا ھېيتقا يەنە ئىككى ئايچە ۋاقىت بولسىمۇ شۇ ۋاقتى كەلگەندە مەن مۇنبەردە بولماي قالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىرەپ ساڭزا سېلىشنى بالدۇرلا باشلىۋەتتىم .
ئەمىسە ساڭزا پىشۇرۇشنى باشلىدۇق .


خۇرۇچلىرى:
ئاق ئۇن ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ ئېلىنىدۇ،سۇ يېغى ئىككى يېرىم كىلوگىرام ،چۈچۈتۈلگەن سۇ يېغى 200گىرام ،پىياز ئىككى باش ،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،كاۋۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا.


سېلىش ئۇسۇلى:
1.پىيازنى يالپاقلاپ توغراپ ،كاۋۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ،پىياز بىلەن كاۋۋاۋىچىننى سۈزىۋېتىپ ،سۈيى سوۋۇتىلىدۇ، (كاۋۋاۋىچىن بىلەن پىيازنى قايناتقان سۇ ساڭزىنى چېچەكلىتىش رولىنى ئوينايدۇ). چۈچۈتكەن ياغ سوۋۇتىلىدۇ.
2.ئۇنغا  سوۋۇتۇلغان پىياز،كاۋۋاۋىچىن سۈيىگە تۇز ،چۈچۈتۈپ سوۋۇتۇلغان ياغنى قۇيۇپ قاتتىقراق خېمىر يۇغۇرىلىدۇ،خېمىرنى ياخشى چەيلەپ پىشۇرۇپ ، 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن 35گىرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ ئازراق ياغلاپ قۇرۇق داسقا ياكى لېگەنگە ئۈستى-ئۈستىلەپ تىزىپ ،ئۈستىنى تەكشى ياغلاپ 15-20 مىنۇت تىندۇرىلىدۇ،تىندۇرۇش ۋاقتى ھاۋا كىلىماتى،تۇزنىڭ مىقدارى ۋە خېمىرنىڭ قاتتىق يۇمشاقلىق دەرىجىسىگە باغلىق.
3.تىنغان زوۋۇلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چوڭ بارماق قول بىلەن تۈشۈك ئېچىپ ،خېمىرنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنى بىلەن ئېشىپ ھالقىسىمان پىلتە ياساپ ئۇنى يەنە ئېشىپ ئىنچىكە چوكىنىڭ توملىقىدەك بولغاندا ، ئۇزۇنلىقى 25 سانتىمىتىر قىلىپ كالۋىلاپ ،ئىككى تال ئىنچىكە تاياقچىغان ئېلىپ 6 دەرىجە قىزىتىلغان ياغقا سېلىپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرىلىدۇ.

ساڭزىنى پىشۇرۇشتا خېمىرنىڭ چوكىغا چاپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خېمىرنىڭ چوكىغا ئېلىنىپ تۇرغان ئىككى تەرىپىنى نۆۋەت بىلەن ياغقا بىر قېتىمدىن شۇڭغۇتۇپ سەل قاتۇرىۋېلىپ ئاندىن بىر بېشىنى ئوڭغا ،بىر بېشىنى سولغا قايرىپ قىڭغىر قاتلاپ ياغقا سېلىۋېتىپ ،چوكىنى تارتىۋالىدۇ. ساڭزا سەل سارغايغاندىلا ئالسا بۇلىدۇ،پىشقان ساڭزىنى ئىسسىق ۋاقتىدىلا لېگەنگە بىر - بىرىگە يېرىم چىشلىتىپ يانتۇ تىزىپ تۇرۇش كېرەك،ساڭزا سېلىشتا ئوت كۈچىگە دىققەت قىلىش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن بۇلۇپ قالسا ،ساڭزا چېچەكلىمەي سىدام بۇلۇپ قالىدۇ، يۇقىرى بۇلۇپ كەتسە ساڭزىنىڭ ئىچى خام ،تېشى كۆيۈك چىقىدۇ،(ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى بىلىش ئۈچۈن ساڭزا خېمىرىدىن بىر - ئىككى قۇيماق سېلىپ كۈرۈش لازىم ،ياغنىڭ تېمپىراتۇرىسى تەڭشەلگەن بولسا ،قۇيماق چېچەكلەپ تەكشى پىشىدۇ)

ئالاھىدىلىكى:
شەكلى كۆركەم ،چۈرۈك ھەم مەززىلىك ،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي گېزەكلىرىنىڭ بىر خىلى بۇلۇپ،كۆپرەك ھېيت-بايراملاردا داستىخانغا قويۇلىدۇ
.


پىچىنە پىرەنىكلەر بەكمۇ تاتلىق،
بار يەنە شاھ يېمەكلىك ساڭزا ئاتلىق.
تىزىلسا داستىخانغا بۇ يېمەكلەر،
مېھماننىڭ دىلى يايراپ قۇچار شاتلىق
پايدىلىنىش ماتىرىيالى:ئۇيغۇر تائاملىرى.
2010.7.17
[ بۇ يازماشىرىنتەرپىدىن2010-07-17 18:48دە قايتا تەھر ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-07-17 18:35 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( شىرىن ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 684
شۆھرىتى: 7195 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8285 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 737 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ساڭزىنى چىرايلىق رەتلىك تىزىش ئۈچۈن سالغان ھەر بىر ساڭزىڭىز بىر خىل بولۇشى، قاتلىغاندا ئارلىق  تەكشى  بولۇشى، قولىڭىزغا يۆگىگەندە بەك ئۇزۇن يۆگىۋالماسلىق، مايغا سالغاندا ئەڭ ئاۋال ئىككى تال چوكا تەرەپنى سالماي ئوتتۇرىنى بىرلا چىلاپ ئېلىپ (خېمىر سەل يۇمشىغاندا) ئازراقلا سوزۇپ ئاندىن ئىككى قولىڭىزنى بىر بىرلەپ ئىگىزگە كۆتۈرىسىز، بىر چوكا مايغا چىلاشقاندا يەنە بىر چوكا ئۈستىگە كۆتۈرىلىدۇ، بۇ چاغدا ساڭزا ئاساسەن چېچەكلەپ ھۈنجى سەپ بولىدۇ. بەك قاتۇرىۋەتمەي تۇرۇپ ئىككى قولىڭىزنى پاراللىل ھالەتتە 2 - 3 سېكونت ئەتراپىدا سەل مىدىرلىتىپ تۇرۇپ تەكشىلىۋالىسىز، ئاندىن دەرھاللا ئوڭ قولىڭىزنى ئالدىغا سول قولىڭىزنى ئۆزىڭىز تەرەپكە تارتىپ ساڭزىنى قاتلايسىز، مۇشۇ چاغ ئىنتايىن مۇھىم، بىر قولىڭىز ئىچكىرى، يەنە بىر قولىڭىز تاشقىرى ھالەتتە پەسكە ئازراق  بېسىپ ساڭزىنىڭ ئاستىنى پىشۇرىۋالىسىز، قېتىپ بولغاندا ئااۋايلاپ سول تەرەپكە يانتۇ ياتقۇزۇپ ئاۋال ئوڭ قولىڭىزدىكى كويزىنى چىقىرىۋالىسىز، ئاندىن سول قولىڭىزدىكى كويزىنى ئاستا چىقىرىسىز، ئاستى تەرەپ قىزغۇچ سارغايغاندا ئۆرۈپ يەنە بىر تەرەپنىمۇ ئوخشاش قىزارتىسىز، ئاندىن كويزىنى ئوتتۇرىسىغا سېلىپ كۆتۈرۈپ خېمىر ۋاقتىدا كۆيزىغا ئېلىنغان جاينى بىردەم مايغا چىلاپ پىشۇرۇپ سۈزىۋالسىڭىز بولىدۇ. مانا مۇشۇ ئۇسۇلدا پىشۇرغان ساڭسىنى تىزسىڭىز ئۈستى ئۈستىگە جىپسىلىشىپ چۈشىدۇ، بىر قۇر توشاي دېگەندە قۇر ئاخىرىغا تىماقچى بولغان ساڭزىنىڭ ئاستى تەرىپىنى باشتا تىزغان ساڭزىنىڭ ئاستىغا كىرىشتۈرۈپ قويىسىز. ئەگەر قۇر ئۈستى تەكشى چىقمىغان بولسا ئېگىز - پەس قايلىرىغا ئېغىرراق بىر نەرسە قويۇپ قويسىڭىز تۈزلىنىدۇ. ئارلىقلىرى ئاراش بوپ قالسا باشقا ساڭزىدىن بىر تالنى ئېلىپ ئارىسىغا چاندۇرماي قىستۇرسىڭىز ئەيىبىنى ياپالايدۇ.
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-29 23:44 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئائىلىدە پىچىنە-پىرەنىك تەييارلاش
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا