[
[size=7ئەسسالامۇئەلەيكۇم
مۇنبەرگە يېڭىدىن كىرگەن تورداشلار نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانلارنى كوزدە تۇتۇپ.
بۇ دەرىسلك يوللاشنى قارار قىلدىم.
1- دەرىس يازما يوللاش
بۇ مۇنبەرنىڭ ئاساسى ئىقتىدارى بولۇپ ئەگەر سىزنىڭ يازما يوللاش ھوقۇقىڭىز باشقۇرغۇچى تەرپىدىن جازالىنىپ ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك ئېتىپ قويمىغانلا بولسا ، ھەممە ئەزاللار ئورتاق ئىشلىتەلەيدۇ.
سىز تىما يوللاش كۇنۇپكىسى ئارقىلىق تېما يوللىيالايسىز.
[attachment=1690]
تېما يوللاش ھالىتىگە كىرگەندىن كىيىن ئاۋۋال تېمىسىنى يازىسىز.
ئەگەر تېما بېشدا رەسىم كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز Icon دىكى رەسىملەرنىڭ بىرىنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ ياكى تاللىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تەھرىرلىگۈچنىڭ ئوڭ تەرەپىگە قارىسىڭىز بىر قىسىم ئۇچۇرلار بار Wind Code Open ، img - Open،flash - Open دېگەندەك ، بۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا uypw code نى ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ، img كودى ئارقىلىق رەسىم قىستۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە قىلەش ئەۋەتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىغا قارىسىڭىز شۇنداق ئوماق بولغان سېستىما ئىپادىلىرى بار ، سىز بۇلارنى تېما ئارسىغا خالىغانچە قىستۇرسىڭىز بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئىپادىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز [يەنە بار] كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئىپادىنى كۆرەلەيسىز.
ئۇنىڭ ئاستىغا يەنە قارىسىڭىز ئۆزىڭىز تاللاپ ئىشلىتىدىغان تۈرلەر بار ، مەسىلەن ؛ HTML كۇدى ئىشلىتىش (ھوقۇقىڭىزغا قارىلىدۇ)،ئاپتوماتىك url ئانالىز،ئىمزا قوللىنىش، ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش،يېڭى ئىنكاس بولسا ئۇختۇرۇش قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ مەنىسى :
1.HTML كۇدى ئىشلىتىش - سىز يازغان تېمىڭىزدا HTML كودىنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈمگە ئىگە بولالايسىز ، ئەگەر ھوقۇقىڭىز بولمىسا كۈرەڭ چىقىدۇ.
2.ئاپتوماتىك url ئانالىز - ئەگەر ئۇلانما ئادىرىس بولۇپ قالسا شۇ ئادىرىسنى دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلىنىش ھالىتىدە چىقىرىپ بېرىدۇ.
3.ئىمزا قوللىنىش - تېمىڭىزدا ئىمزا كۆرىنىدۇ.
4.Wind Code ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش - تېما ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك كود بولسا شۇنىڭغا ماس ھالدا كودقا ئۆزگەرتىدۇ.
5.يېڭى ئىنكاس بولسا ئۇختۇرۇش - ئەگەر باشقا ئەزالار ئىنكاس يازسا سېستىما ئېلخېتىڭىزگە بىر پارچە ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ.
ئەمدى تەھرىرلىگۈچ ئىقتىدارلىرىنى چۈشەندۈرەي.بۇ خەتنى توم كۆرسىتىدۇ.
بۇ خەتنى يانتۇ كۆرسىتىدۇ.
بۇ خەتنى ئاستى سىزىقلىق كۆرسىتىدۇ.
ئىناۋەتسىز خەت شەكلى .
خەتنى ئاستىغا كىچىكلىتىدۇ.
خەتنى ئۈستىگە كىچىكلىتىدۇ.
نەقىل كەلتۈرۈش
كود يېزىش
سىزىق سىزىش
خەتنى ئوڭغا توغۇرلاش
خەتنى ئوتتۇرىغا توغۇرلاش
خەتنى سولغا توغۇرلاش
پۈتۈن ئابزاس بويىچە كۆرسۈتۈش
خەت رەڭگىنى تەڭشەش
خەت تەگلىك رەڭگىنى تەڭشەش
ئۇلىنىش قىلىش
ئۇلىنىشنى بېكار قىلىش
رەسىم قىستۇرۇش
[attachment=1691]
كىنۇ ، ناخشا ،mp3،Flash قاتارلىقلارنى قىستۇرۇش
سودا ئۇچۇرى قوشۇش
ئاتسىغا قارىسىڭىز خەت سانىنى تەكشۈرۈش كۇنۇپكىسى بار ، باسسىڭىز يازغان خېتىڭىزنىڭ سانىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يېنىغا قارىسىڭىز يۈتكەن مەزمۇننى قايتۇرۋېلىش كۇنۇپكىسى بار ، ئۇ بىرەر مەشغۇلات سەۋەبىدىن ياكى بەت يېڭىلىنىپ دېگەندەك ئىشلار تۈپەيلىدىن يازغان خەتلىرىڭىز يۈتۈپ كەتسە مۇشۇ ئىقتىدار ئارقىلىق خېتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز.
2- دەرىس يازما يوللاش
يازما يوللاش ئىنكاس يوللاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇنى كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز ياكى بەت ئاستىنقى قىسمىدا تېز ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايمىسز.
مەشغۇلات ئۇسۇللىرى ئالدىنقى دەرىس بىلەن ئوخشاش
3- دەرىس سودا تېمىسى يوللاش
سىز بۇ ئارقىلىق مەسسۇلاتلىرىڭىزنى باشقا ئەزالارغا ساتالايسىز. Alipay ،Paypal ،99bill قاتارلىقلارنى قوللايدۇ.
يوللاش ئۇسۇلى سىز گە مائۇسىنى ئاپارسىڭىز سودا تېما نى كۆرەلەيسىز شۇنى بېسىڭ ۋە ساتقۇچى ، تاۋار نامى ،باھاسى،ئۈلگە ئادىرسى ،ئالاقە ئۇسۇلى ،سودا شەكلىنى تولدۇرسىڭىز بولىدۇ قالغان ئىقتىدارلىرى 1- دەرىسلىك بىلەن ئوخشاش .
4- دەرىس تارتۇقلۇق تېما يوللاش
تارتۇقلۇق تېما دېگىنىمىز ئەزالار يېنىدىن ئەڭ ياخشى جاۋاپ بەرگەنلەرگە $$$ تەڭگە ، ياردەم قىلغانلارغا $$$ تەڭگە تۆلەش خارەكتىرىدىكى تېمىدۇر . سىز بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ياردەملەرگە ئىگە بولالايسىز ۋە ياردەم قىلغۇچىغا رەخمەت ئېيتالايسىز.
يوللاش ئۇسۇلى : سىز گە مائۇسىنى ئاپارسىڭىزتارتۇق تېما نى كۆرەلەيسىز ، ئاندىن لايىق جاۋاب بەرگەنلەرگە ۋە ياخشى كۆڭۈل بىلەن ياردەم قىلغانلارغا بېرىدىغان پۇلنى يازسىڭىزلا بولىدۇ. قالغان مەشغۇلات 1- دەرىس بىلەن ئوخشاش
5- دەرىس راي سىناش
راي سىناش يەنى بېلەت تاشلاش تېمىسىنى يوللاش بولۇپ ، سىز بۇ تېما ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن ئورتاق بولغان نىشانغا يېتەلەيسىز.
يوللاش ئۇسۇلى : سىز گە مائۇسىنى ئاپارسىڭىز راي سىناش نى كۆرەلەيسىز ، شۇنى بېسىڭ ، ئاندىن راي سىناش ۋاقتى ۋە بىلەت تاشلاش تۈرى قاتارلىقلارنى تولدۇرسىڭىزلا بولىدۇ. قالغان مەشغۇلات 1- دەرىس بىلەن ئوخشاش.
راي سىناش ۋاقتى - ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈن سانىنى كۆرسىتىدۇ.
بىلەت تاشلاش تۈرى - ھەربىر قۇرغا بىر تاللاشنى يازىسىز ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 تۈرنى بېكىتەلەيسىز.
كۆپ تاللاش - بۇنى تاللىسىڭىز ئەزالار كۆپنى تاللاپ بېلەت تاشلايدۇ ، تاللىمىسىڭىز بىرنى تاللاپ بېلەت تاشلايدۇ.
قايتا ئۆزگەرتىشكە بولامدۇ - مەزمۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغان قىلىش
قاتناشسا نەتىجە كۆرەلەيدۇ - بېلەت تاشلىغاندىن كىيىن بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ