ئاساسى ماتىريالى:قوي قۇۋرىغىسى1.2kg،سەۋزە2باش،مايلىق يېسۋىلىك،كوك-قىزىلمۇچ
تەم خۇرۇچلىرى:تۇز،سۇيېغى،ئاق شېكەر،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان،شاكال بەدىيان،زەنجىۋىل،قۇزاقداچىن،قاقمۇچ،غولپىياز،سامساق،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ،پەمىدۇر قىيامى،
تەييارلاش:قوي قۇۋرىغىسىنى ئۇرۇك چوڭلىقىدا پارچىلاپ،تەييارلايمىز،سەۋزىنى
ياڭاق چوڭلىقىدا توغرايمىز .قالغانلىرىنى ئۇششاق يالپاق توغرايمىز
قورۇش ئۇسۇلى:قازانغا بىر چۇمۇچ ماي قۇيۇپ يېرىم چۇمۇچتىن ئازراق سېكەر
سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ كۇپۇكچىلەر پەيدا بولغاندا،قوي قۇۋرىغىسىنى سېلىپ ئارلاشتۇرۇپ،
قورۇپ،ئاقمۇچ،كاۋۋاچىن،ئارپىدىيان، شاكال بەدىيان،زەنجىۋىل
قۇزاقداچىن،قاقمۇچ،غولپىياز،سامساق،يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ،پەمىدۇر قىيامى،
قاتارلىقلارنى سېلىپ قورۇپ تۇز سېلىپ گوش چىلاشقۇدەك سۇقۇيۇپ1سائەت
(يۇقىرى بېسىملىق قازان بولسا20مىنۇتت) ئەتىراپىدا قاينىتىپ ئاندىن سەۋزىنى
سېلىپ قايتىدىن دۇملەپ سەۋزە پىشقاندا تۇز تەملىرىنى تېتىپ،تەخسىگە ئۇسىمىز.
