تۆت خىل كۆكتاتنى دائىم يەپ بېرىڭ!
غولپىياز :
غولپىياز قاننىڭ ئايلىنىشىنى تېزلىتىپ ، خولىستىرىنىڭ قان تومۇر دىۋارىدا چۆكۈپ يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتىپ ، قان نوكچىسى شەكىللنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . غولپىيازنى دائىم يەپ بەرگەندە ، ھەزىم قىلىش يولى راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ ، ئىشتھانى ئاچقىلى بولىدۇ .
زەنجىۋىل :
زەنجىۋىلنىڭ تەبئىتى مۆتىدىل ، تەمى ئاچچىق بولۇپ ، سوغۇقنى ھەيدەش ، يۆتەل توختىتىش ، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار .سوغۇقتىن بولغان زۇكامنى داۋالايدۇ. زەنجىۋىل قاننى جانلاندۇرۇپ ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ . ھەيىزنى نورمالاشتۇرۇپ ، سوغۇقنى ھەيدەيدۇ . قىزىق زەنجىۋىل سۈيى بىلەن كۈندە ئىككى ، ئۈچ قېتىم (ئالتە قېتىم ئەتىراپىدا)ئېغىزنى چايقىسا ، چاي ئورنىدا ئىچسە ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ، چىش ئەتراپى ياللۇغىنى داۋالايدۇ . رېماتىزىم كېسىلى بارلار زەنجىۋىلنى قۇرۇتۇپ ، يانجىپ تالقان قىلىپ ، ھەر قېتىمدا يىرىم قوشۇقنى ھاراققا ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە ، كېسلى ياخشىلىنىدۇ .
سامساق :
سامساقنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈپ ، ئىششىق قايتۇرىدۇ ، زەھەر قايتۇرۇش ، ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش رولى بار . سامساقنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن يانچىپ ، ئازراق سۇ قوشۇپ ئۇماچ ھالەتكە كەلتۈرگەندىن كېيىن چىش مىلىكىگە چاپلاپ بەرسە ، مىكروب ئۆلتۈرۈپ ، دېزىنفىكسىيلەش ، چىش مىلىكىنى ئاسىراش ، چىش ئەتراپى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ شۇنداقلا چىشنىڭ قايتىدىن ئۆسۈپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
قىزىلمۇچ :
قىزىلمۇچ تەركىبىدە ۋىتامىن ناھايىتى مول بولۇپ ، ھەر 100گرام قىزىلمۇچ تەركىبىدە 105مىكروگرام ۋىتامىن بار. قىزىلمۇچنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ، سوغۇقتىن بولغان ئىشتھاسى تۇتۇلۇش ، قورساق كۆپۈش ، قورساق ئاغرىشنى داۋالايدۇ . قىزىلمۇچ بىلەن زەنجىۋىلنى شورپا قىلىپ ئىچىپ بەرسە ، سوغۇقتىن بولغان زۇكامنى داۋالايدۇ . قىزىلمۇچنىڭ يەنە ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇش ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىشتەك رولى بار .