خۇرۇچلارنىڭ شىپالق رولى !
پىياز - 
شىپالىق رولى : ھەزىمنى ياخشىلاش ، ئىششىق قايتۇرۇش ، بەلغەم بوشىتىش ، تېرىنى پارقىرىتىش ، باھنى قۇۋۋەتلەش ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش ، يۇقىرى قان بىسىمنى ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش رولى بار . 
بەرەنگە ( ياڭيۇ ) - 
شىپالىق رولى : تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلار ئالمىغا قارىغاندا 3.5 ھەسسە كۆپ بولۇپ ، ئوزۇقلۇق مول بولغان كۆكتاتلاردىن ھېسابلىنىدۇ . ئاسان ھەزىم بولىدۇ . شۇڭا ئاشقازان ، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى بارلارنىڭ ياخشى ئوزۇقى . بۆرەك كىسىلىدىن كىلىپ چىققان سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ . 
تاتلىق بەرەنگە - 
شىپالىق رولى : بەدەنگە ئوزۇق بولىدۇ ، تەرەتنى راۋان قىلىدۇ ، ماددىلارنى سۈزۈش خۇسۇسىيتىگە ئىگە . 
تۇرۇپ - 
شىپالىق رولى : ھەزىمنى ياخشىلاش ، يەل ھەيدەش ، سۈيدۈك ھەيدەش ، ئىچىنى يۇمشىتىش ، ئىششىق قايتۇرۇش ، يۆتەل توختىتىپ بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە . 
سامساق - 
شىپالىق رولى : چىرىشكە قارشى تۇرۇش ، جاراھەتلەرنى تازىلاش ، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش ، يەل تارقىتىش ، ھەزىمنى ياخشىلاش ، سىپازمىنى بوشىتىش ، ئىممۇنىتىت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ، قاندىكى خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش ، يۇقىرى قان بىسىمنى چۈشۈرۈش ، يۈرەكنى كۈچەيتىپ ، يۈرەك رىتىمىنى ئاستىلىتش ، راكنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار. 
غولسامساق - 
شىپالىق رولى : قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش ، تاجىسىمان يۈرەك كىسىلى ، ئارتىرىينىڭ بوتقىسىمان قىتىششى ۋە قان نۆكچىسى ھاسىل بولۇشنىڭ ئالدىى ئىلىش رولى بار . 
غولپىياز - 
شىپالىق رولى : تەرلىتىش ، ئىششىق قايتۇرۇش ، سۈيدۈكنى ھەيدەش ۋە راۋانلاشۇرۇش ، بەدەننى ، باھنى قۇۋۋەتلەش ، يۇقىرى قان بىسىمنى چۈشۈرۈش رولى بار . 
پالەك - 
شىپالىق رولى : قىزىتما پەسەيتىش ، تەرەتنى يۇمشىتىش ، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار . 
كۈدە - 
شىپالىق رولى : توسالغۇلارنى ئېچىش ، ئىششىق قايتۇرۇش ، تەرەتنى يۇمشىتىش ، زەھەرنى قايتۇرۇش ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ، بوۋاسىرنىڭ قېنىنى توختىتىش رولى بار . 
يۇمغاقسۈت ( ئاشكۆكى ) - 
شىپالىق رولى : قان خىلىتىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، ئاغرىق پەسەيتىش ، قان توختىتىش ، ئىشتىھانى ئىچىش ، تاماق سىڭدۈرۈش ، قىزىتما قايتۇرۇش رولى بار . 
خەس ( ئوسۇڭ ) - 
شىپالىق رولى : قاننى تازىلاش ، سەپرانى نورماللاشتۇرۇش ، توسالغۇلارنى ئېچىش ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش رولى بار . 
تەرخەمەك - 
شىپالىق رولى : سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش ، قىزىتمىنى پەسەيتىش ، چىرايىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ، خولىستىرىننى تۆۋەنلىتىش رولى بار . 
پىدىگەن - 
شىپالىق رولى :قان كۆپەيتىش ، ئىششىق قايتۇرۇش ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ، مىڭىنى قۇۋۋەتلەش رولى بار . 
قىزىلمۇچ - 
شىپالىق رولى : تەرلىتىش ، ماددىلارنى تارقىتىش ، توسالغۇلارنى ئىچىش ، ئىشتىھانى ئىچىش ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بىرىش رولى بار . 
كۆكمۇچ - 
شىپالىق رولى : تەرلىتىش ، ماددىلارنى تارقىتىش ، توسالغۇلارنى ئىچىش ، ئىشتىھانى ئىچىش ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بىرىش رولى بار . 
چوكا پۇرچاق - 
شىپالىق رولى : ئىچىنى يۇمشىتىپ ، يەل ھەيدەش ، مىڭىنى ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولى بار . 
ئاقچىچەك - 
شىپالىق رولى : قاننى تازىلاش ، قان بۇزۇلۇش كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار . 
كۆكچىچەك - 
شىپالىق رولى : كۆكچىچەكتىكى ۋىتامىنلار ، بولۇپمۇ ۋىتامىن س بىلەن ۋىتامىن ئا نىڭ مىقدارى باشقا كۆكتاتلارغا قارىغاندا كۆپ بولۇپ ، جىگەر ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاش ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار . 
بېدە كۆكى - 
شىپالىق رولى : تەرەتنى راۋان قىلىش ، قان كۆپەيتىش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ، بەدەننى سەمىرىتىش رولى بار . 
يېسسى پۇرچاق - 
شىپالىق رولى : قاننىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش ، راكنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار . 
سەۋزە - 
شىپالىق رولى : رەئىس ئەزالىرىنى ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ ، مەنىينى كۆپەيتدۇ ، تەرەتنى يۇمشىتىدۇ ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ ، بەلغەم بوشىتىدۇ . 
شوخلا ( پەمىدۇر) - 
شىپالىق رولى : سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ ، ئىشتەي ئاچىدۇ ، ھەزىمگە ياردەم بىرىدۇ ، قەۋزىيەتنى بوشتىدۇ ، يىڭى تەتقىقات نەتىجىسدىن قارىغاندا ، ئەرلەر شوخلىنى كۆپ ئىستمال قىلىپ بەرسە مەزى بىزى ياللاغى بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . 
يېسىۋىلەك - 
شىپالىق رولى : ھەزىمنى ياخشىلايدۇ ، قان پەيدا قىلىدۇ ، ئاشقازانغا مەنپەئەت قىلىدۇ ، ئۈچەي يوللىرىنى راۋان قىلىدۇ . 
كاللەك يىسىۋىلەك - 
شىپالىق رولى : سۈيدۈك ، ھەيزىنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ . 
كەرەپشە - 
شىپالىق رولى : سۈيدۈك ، ھەيزىنى راۋانلاشتۇرىدۇ ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، يەللەرنى تارقىتىدۇ ، ئىششىق ياندۇرىدۇ . 
زەنجىۋىل - 
شىپالىق رولى : ئىشتىھانى ئاچىدۇ ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ ، يەل تارقىتىدۇ ، جىگەرنىڭ تۇسالغۇلىرىنى ئىچىپ ،ئارتۇق قۇيۇق ھۆللۈكلەرنى قۇرۇ تىدۇ ، خۇشلۇق كەلتۈرىدۇ . 
ماش ئۈندۈرمىسى - 
شىپالىق رولى : 
ئۈندۈرمىلەر تەرەتنى راۋان قىلىدۇ ، ئىسسىق سەپرانى ھەيدەيدۇ . 
گۈمبەمەدەك - 
شىپالىق رولى : كۆزنى روشەن قىلىش ، ئوزۇق بولۇش ، قان بىسىمىنى تۆۋەنلىتىش ، جىگەر قىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، راكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش . 
قارا قىرىنقۇلاق - 
شىپالىق رولى : قان كۆپەيتىش ، بەدەننى قۇۋەتلەش ، راكقا قارشى تۇرۇپ ، ئۆپكىنىڭ ۋە مىڭىنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش ، چىراينى گۈەللەشتۈرۈش ، تەرەتنى راۋان قىلىش رولى بار . 
ئاق قىرىنقۇلاق - 
شىپالىق رولى : خىلىت ھاسىل قىلىش ، ئۆپكىنى سىلىقلاش ، ئاشقازاننى ئاسراش ، يىلىكنى تۇلۇقلاش ، يۈرەكنى كۈچەيتىش ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتىت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولى بار . 
لامىنارىيە - 
شىپالىق رولى : يۇقىرى قان بىسىمنى چۈشۈرۈش ، ھەزىمنى ياخشىلاش ، سۈيدۈكىنى راۋان قىلىش ، ئورگانىزىمدىكى يود كەملىكىنى تۇلۇقلاپ پوقاقنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، غەيرىي تەبئىي بەلغەم خىلىتىنى تازىلاش ، بەدەندىكى ئارتۇق ماددىلارنى ھەيدەش رولى بار . 
توخۇم - 
شىپالىق رولى : ئوزۇق بولۇش ، بەدەننى قۇۋەتلەش ، مىڭىنى قۇۋەتلەش ، باھنى قۇۋۋەتلەش رولى بار . 
چامغۇر - 
شىپالىق رولى : ئۆپكىنى تازىلاش ، مىزاجىنى تەڭشەش ، بەلغەم بوشىتىش ، روھنى جانلاندۇرۇش ، ئىشتىھانى ئىچىش ، كۆزنى قۇۋۋەتلەش ، سۈيدۈك ھەيدەش رولى بار . 
كاۋا - 
شىپالىق رولى : دىئابىت كىسىلىگە پايدىسى بار . 
تاۋۇز - 
شىپالىق رولى : بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ ، قان ۋە سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىدۇ ، ئۇسسۇزلىقنى پەسەيتىدۇ ، سۈيدۈك ھەيدەيدۇ. 
بۇغداي ئۇنى - 
شىپالىق رولى : قاننى كۆپەيتىش ، تىز ھەزىم بولۇش ، مىزاجىنى تەڭشەش رولى بار . 
گۈرۈچ - 
شىپالىق رولى : تېز ھەزىم بولۇش ، ياخشى خىلىت ھاسىل قىلىش ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش رولى بار . 
مەنبە - « چىلانغان كۆكتاتلار » دىگەن كىتابتىن ئېلىندى