ئانار شەربىتىدىكى شىپالىق سىرلار
ئانار شەربىىتى تەركىبىدە مول ۋىتامىن c، ئاقسىل، سىنىك، تومۈر، كالتىسىي قاتارلىق ئىلمىنىتلار بار . يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، ئانار شەربىتىنى ئىستىمال قىلىپ بېرىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىسى كوپ ئىكەن.
1.سۈت بېزى راكىنى داۋالايدۇ __ ئانار شەربىتى سۈت بېزى راكى ھوجەيرىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرتىدۇ،ئەمما نورمال ۋە ساغلام ھوجەيرىلەرگە تەسىر قىلمايدۇ، شۇنداقلا سۈت بېزى راكى ھوجەيرىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇيالايدۇ.
2.ئوپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ __ ئاق چاشقان تىنىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجىربە نەتىجىسىدە كورسىتىلىشىچە، ئانار شەربىتى ئوپكە راكىنىڭ پەيدا بۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك توسىيالايدىكەن.
3.مەزى بېزى راكىغا شىپا قىلىدۇ __ تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى نورمال مىقتاردا ئانار شەربىتى ئىچىپ بەرسە ،مەزى بېزى راكىنىىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى ئاستىلىتىدۇ .
4.بوۋاقنىڭ مېڭىسىنى قوغدايدۇ __ ئۇزۇن يىللىق تەجىربە نەتىجىسىدە كورسىتىلىشىچە، ئانا بولغۇچى ئانار شەربىتىنى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە،بوۋاقنىڭ مېڭە توقۇلمىلىرىنىڭ زەخمىگە ئۇچىراش نىسبىتىنى توۋەنلىتىدۇ.
5.سوڭەك-بۇغۇم __ تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، ئانار شەربىتىنىڭ، سوڭەك-بۇغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالاھىدە رولى بار ئىكەن .
6.ئارتېرىيە كېسەللىكىگە شىپا قىلىدۇ __ ئانار شەربىتى ئارتېرىيە قان تومۇرى دىۋارى قىسمىدا ياغسىمان ماددىلارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشىدىن كىلىپ چىققان ئارتېرىيە قان تۇمۇرلىرى قېتىشىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
7.ئالتخىيمىر كېسەللىكى(قىسقا مەزگىللىك خاتىرسىنى يوقۇتۇش كېسەللىكى)نىڭ ئالدىنى ئالىدۇ __ ئانار شەربىتى ئالتخىيمىر كېسەللىكى ۋە ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىدۇ. ئامېرىكا لومالىندا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە ، ئانار شەربىتى دېۋەڭلىك كېسەللىك ئالامىتىنى يېنىكلىتىپ ، مېڭە پائالىيىتىنى ۋە ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىكەن.
8.قان بېسىمىنى توۋەنلىتىدۇ __ تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقتاردا ئانار شەربىتى ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە قاننىڭ سۇيۇقلىشىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ، يۇرەكنىڭ قىسىش بېسىمىنى %5 توۋەنلەتكىلى بولىدۇ ، يۇرەكنى ياشارتىدۇ.
9.چىشنى ئاسىرايدۇ __ تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئانار سۈيىنى ئىستىمال قىلىپ بېرىش، چىش باكتىرىيە دېغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىكەن.
تەرمىلەر ژورنىلىدىن ئېلىندى.