hantagri daris sohpat
ئۈمۈد گۇلى
مۇنبەرنىڭ جەلىپكار سەت مەلىكىسى !

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 573
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 214
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 82(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-11-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================


ئادەملەر تېڭىرقايدۇ ،ھەقنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆزلىرى تاپماقچى بولغىندىن تېڭىرقايدۇ.ئالىجاناپلىق -رەزىللىك ،گۈزەللىك -سەتلىك ،بەخىت-بەختسىزلىك .....ۋاھاكازالارغا چىن تەبىر بىرەلمەي تېڭىرقايدۇ.
تۈنۈگۈن ئۆزلىرى ھەقىقەت دەپ بىلگەن تەبىرنىڭ بۈگۈن توغرا ئەمەستەك تۇرغىننى كۈرۈپ   تېڭىرقايدۇ ..
ھالبۇكى، ئاللاھ بۇلارغا ئالىبۇرۇن ھەق ئۆلچەمىنى بىكىتكەن .
ئىنسان شۇ ئۆلچەملەر بۇيۇچە ھاياتنىڭ نىشانىنى بىكىتىپ ،ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشسىمۇ ئۇنىڭ يۈكى تولىمۇ ئېغىر ئىدى .
لېكىن ،ئىنسانلار ئۆز-ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ ،ئاللاھنىڭ قانۇنىيتىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ ،بىھۇدە ئاۋەرە بۇلۇپ ئۆزلىرىنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋالدى.
ئادىمىيلىكىگە قاراپ بىر قەدەم ئالماستىن ئەجەل ئۇقىنى ئۆز كۆكرىكىدە كۆردى ......!

ئاللاھ ئادەم ئاتىنى يارتىپ، ئۇنىڭغا  ئىلىم ئاتا قىلدى. < زىمىندىكى پۈتۈن شەيئىنىڭ نامىنى بىلدۈردى>.شۇ ۋەجىدىن ئۇنى ئەزىز قىلىپ، پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇدى،كۈرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ،ئىلىم ئىگىللىرى  ئاللاھ نەزىرىدە ئەزىز ،ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر.قۇرئاننىڭ تۇنجى كەلىمىسى <ئۇقۇ >دىن باشلانغىنىمۇ  بۇنىڭغا دەلىل.
ئادەم ئاتا،  ھاۋا ئانا  شەيتانغا ئەگىشىپ چەكلەنگەن مىۋىنى يىيىش بىلەن جەننەتتىن قوغلاندى .
ئاللاھ ھۈكىمىدىن غاپىل بۇلۇش ئەنە شۇنداق خارلىققا سەۋەپ بۇلىدۇ .

بىساناق ئەسىرلەر ،تالاي پەيغەمبەرلەر ئۆتتى ..شەكىلدە ئادىمىزات ئالىمى ئۆزگەرگەندەك قىلغىنى بىلەن ،ئاللاھنىڭ قانۇنىيتى قىلچە ئۆزگەرمىدى .ھېلىھەم ئىلىم ئىگىللىرى ئاللاھنىڭ ھىممىتىگە مۇيەسسەر،ئاسىيلار خارلىققا مەھكۇم!
ئادەم جىسمىنىڭ  مەنبەسى تۇپراقنىڭ  ناپاك  خۇسۇسىيتى بىلەن ئاللاھ جىسمىغا پۈۋلەپ كىرگۈزگەن پاك روھ زىددىيەت كۈرىشىدە ھېلىھەم ئېلىشماقتا.

تەبىئەت دۇنياسىغا نەزەر سالساق،يېشىللىققا پۈركەنگەن دالىلار ،رەڭگا رەڭ چىچەكلەر ،ئاپپاق قارلار ،كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قۇياش باغرىدىن پاكلىق ئۇچقۇندايدۇ .
ھالبۇكى ئادەملەر ئۆز ياۋۇزلىقى ،ناپاكلىقى تارقاتقان بەتبۇيلار بىلەن  گۈزەللىك ئالىمىنى بۇلغىماقتا .
كۆپ سالىق ئادەملەرگە ئەگشسەڭ ئۆز قەدىمىڭنى گۇمراھلىق مەنزىلدە  كۈرىسەن .
چۈنكى ھىدايەت مەنزىلى كىشىدىن تۇلىمۇ كۆپ سەۋىرنى تەلەپ قىلىدۇ ...شۇ ۋەجىدىن ھەقنى تەۋسىيە قىلغۇچىلار ئاز ساندا  بۇلىدۇ ..!

سۇقرات''ھەقىقى مۈشكۈلات -ئۈلۈمدىن قانداق قۇتۇلۇش ئەمەس ،بەلكى گۇمراھلىقتىن قانداق ساقلىنىش ''دىگەنكەن .
گۇمراھلىق -دىگەن ياراتقۇچىنىڭ قانۇنىغا قىلىنغان ئاسىيلىقتۇر.
ھەممىگە ئايان ئىنسان تەبىئەت قانۇنىغا بويسۇنمىسا ،تەبىئەت قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ ..تەبىئەت قانۇننى ياراتقۇچى، ئەلۋەتتە جەمىيەت قانۇننىمۇ ياراتقان ...بۇ قانۇنغا بوي سۇنمىغانلار ھەم ۋاستىلىق ھالدا جەمىيەت جازاسىغا ئۇچراپ روھى چۈشكۈنلۈك ئاسارىتىدە ،شەھۋانىيلىق ،زەھەرلىك چىكىملىك ،قىمار ، قاتارلىق ئىپلاسلىقلارنىڭ ئولجىىسىغا ئايلىنىپ ،ھالاكەتكە يۈزلىنىشى مۇھەققەقتۇر-ئەلۋەتتە..!

ئاسماندىكى سان -ساناقسىز يۇلتۇزلار  ،ئاللاھنىڭ  مەڭگۈلۈك قانۇنىغا بۇي سۇنغىندىن ،بىر-بىرگە سۇقۇلۇپ گۇمراھ بۇلۇش خەۋىپىدىن ئەمىندۇر . لېكىن ئادەملەر  كۆپ ھاللاردا ئۆز خاھىشىغا ئەگىشىدۇ . دۇنيادىكى تىنىچسىزلىق ،ۋەيرانچىلىق ،بالايى -ئاپەتلەر  دەل شۇ مەڭگۈلۈك قانۇنغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكنىۇڭ نەتىجىسى ...!خالس .

مەنبە:

بۇنى ئىۋۇ بىر تور بەتتە كۆرگەن ئىدىم مەنىسى بەك ياخىشىكەن بۇ يەرگىمۇ سورەپ ئەپ كەلدىم كۆرەپ قويشقا تىگىشلىك دۇردانىلەركەنبىللە
كۆرەيلىمىكى دەپچۇ!
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+50(axtuzi) ياخشى   ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-07-12 15:31 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئۈمۈد گۇلى ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا