ماتىريالى؛قوي گۇشى 400گىرام،باش پىياز 1باش،تۇخۇم3دانە،كۇنجۇت،كىراخمال
قۇيرۇق ماي ,سۇ ماي
تەم خۇرۇچلىرى؛تۇز،ئاقمۇچ،زەنجىۋىل سۇيى
تەييارلاش:گوش باشپىيازنى گوش يۇمشىتىش ماشىنىسىدىن(يۇمشاق چانىساقمۇ بۇلىدۇ)
ئوتكۇزىمىز.بىرقاچىغا سېلىپتۇز،ئاقمۇچ،زەنجىۋىل سۇيى،كىراخمال،تۇخۇم(بىردانە)بىلەن
ئارلاشتۇرۇپ تەملەندۇرۇپ قۇيىمىز.
ئىككى دانە تۇخۇمنى چېقىپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ،قازاننى بوش ئوتقا قۇيۇپ قازان
قىزىغاندا قۇيرۇق ماينى قازانغا تەكشى سۇركەپ (پوشكالنىڭ قازانغا چاپلىشىپ قالماسلىقى)
تۇخۇمنى قازانغا قۇيۇپ تەكشى يېيىتىپ تۇخۇم چەلپىگى(پوشكال)تەييارلىۋالىمىز.
تەييارلانغان چەلپەككە يول كىراخمال شىرنىسى سوركەپ گوشنى ئۇستىگە تەكشى يېيىپ
(يېرىمىغا)گوشنىڭ ئۇستىگەيول كىراخمال شىرنىسى سوركەپ قاتلاپ يېرىم ئاي شەكلىگە
كەلتۇرۇپ چەلپەكنىڭ ئۇستىگەيول كىراخمال شىرنىسى سوركەپ كۇنجۇت سىپىمىز.
قۇرۇش ئۇسۇلى؛قازانغا 2كىلوگىرام ئەتىراپىدا ماي قۇيۇپ نۇرمال قىزىغاندا تەييارلانغان
ماتىرياللارنى چويلىغا سېلىپ پوش ئوتتا مايدىن ئوتكۇزۇپ سۇزىۋالىمىز.
تاختىغا ئېلىپ چىرايلىق توغراپ تەخسىگە رەتلىك تىزىپ تەييارلىساق بۇلىدۇ

ئالاھىدىلىكى؛ئىنتايىن يىيىشلىك بۇلۇپ !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
ئىشەنمىسىڭىز بىر قېتىم تەييارلاپ تېتىپ كۇرۇڭ