ئېرىڭىزگە نۇمۇر قويۇپ بېقىڭ !
سىز سورالغان سۇئاللارغا ئېرىڭىزنىڭ ئەمىليىتىگە بىرلەشتۈرۈپ جاۋاپ بېرىپ بېقىڭ . شۇنداق بولسا (+) بەلگىسىنى قويۇڭ ، ئۇنداق ئەمەس بولسا (-) بەلگىسىنى قويۇڭ . بىر قارارغا كىلەلمىسىڭىز (0) بەلگىسىنى قويۇڭ . ئاندىن (+) بەلگىسى قويۇلغانغا 3 نۇمۇر ، (-) بەلگىسى قويۇلغانغا 1 نۇمۇر ، (0) بەلگىسى قويۇلغانغا 2 نۇمۇر قويۇپ چىقىڭ ۋە نۇمۇرلارنى قوشۇپ كۆرۈڭ . ئېرىڭىزنىڭ ئالغان نۇمۇرى قانچە ئاز بولسا ، ئائىلىدىكى ئىپادىسى شۇنچە ياخشى ئەر ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ .
ناۋادا (+) بەك كۆپ بۇلۇپ كەتسە ، نۇمۇرنى ۋاختىنچە ئېلان قىلماي بىر مەزگىللىك تەسىر كۆرسۈتۈش ۋە يىتەكلەشتىن كىيىنكى ئىپادىسىگە قاراپ نۇمۇر قويۇپ باقسىڭىز بولىدۇ .
1. سىز تاماق قىلىۋاتقاندا كېرىسلودا يېتىۋېلىپ گېزىت - ژورنال كۆرەمدۇ ؟
2. تاماكا قالدۇقى ، تاماكا كۈلى قاتارلىق قاتارلىق نەرسىلەرنى خالىغان يەرگە تاشلامدۇ ؟
3. ئاچ كۆزمۇ ، تاماق يىيىشى سەتمۇ ؟
4. كىيىم - كېچەكلىرىنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تاشلامدۇ ؟
5. ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن ، بىر ئېغىزمۇ گەپ -سۆز قىلمايلا ، ئۆز ئىشى بىلەن بۇلۇپ كېتەمدۇ ؟
6. ئۆي ئىشى قىلمايدىغان . قولىدا سۈپۈرگە توختىمايدىغانلاردىنمۇ ؟
7. ئۇنىڭغا بىرەر ئىش توغرىسىدا سۆزلىگىنىڭىزدە ئۇ كۆرۈۋاتقان ماتىريالدىن ياكى تېلىۋىزوردىن كۆز ئۈزمەي ئولتۇرىۋېرەمدۇ ؟
8. ۋاقتىنى سىز بىلەن ئەمەس ، باشقا ھەمرالىرى بىلەن ئۆتكۈزەمدۇ ؟
9. ساقال - بۇرتىنى ئالغاندا ، چىش چوتكىلىغاندا ۋە يۇيۇنغاندا مازغاپلىرىنى ھەممە يارگە چاچرىتىپ زادىلا تازلىمامدۇ ؟
10. ئاتا - ئانىڭىزنىڭكىگە سىز بىلەن بېرىشقا قارشىمۇ ؟