hantagri illikdunya.biz sohpat
بودەك
ئوماق بودەك
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 457
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 661
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 123(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاشپەز ئاشپەز ئەدەبىيات كۆزنىكى دىن بۇ سەھىپىگە يۆتكەپ كەلدى(2010-07-10)
ئۇيغۇرلارنىڭ دورىلىق چاي مەدەنىيتى




ئۇيغۇرلار ئاجايىپ مېھماندوست ھەم چايخۇمار خەلق . ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوست ، چايخۇمارلىقى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات ، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن . شۇنىڭدەك ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ – ئادەت خاراكتېرىنى ئالغان ئېسىل مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر .
  ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە دورىلىق چاي يەنە چاي دورىسى ۋە چايلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئۇ ساقلىقنى ساقلاش ، مىجەزنى تەڭشەپ سالامەتلىكنى ئاسراش ، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە دەپ قارىلىدۇ .
  
  ئۇيغۇر خەلقى دورىلىق چاينى ئىستېمال قىلىشتا پەسىلگە قاراپ تەڭشەشكە ، ھەر قايسى پەسىللەردە شۇ پەسىلگە قاراپ ماس دورىلىق چايلارنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن . ياز پەسلىدە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ قاننى سوۋۇتقۇچى ، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتكۈچى دورىلىق چايلارنى ، كۈز پەسلىدە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدىغان ، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولغان دورىلىق چايلارنى ، قىش پەسلىدە بەدەننى قىزىتىپ قاننىڭ ئايلىنىش سۈرىتىنى تېزلىتىدىغان ، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق دورىلىق چايلارنى ، ئەتىياز پەسلىدە بولسا بەدەننى كۈچەيتىدىغان ، تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولغان چايلارنى تەڭشەپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن .

   قىسقىسى ھەر بىر كىشى چاي دورىسىنى پەسىلگە ، ئۆزىنىڭ تەبىئىتى ، مىجەزىگە قاراپ تەڭشەپ ئىچىشكە ئەھمىيەت بەرگەن . دورىلىق چايلار مېڭە ، يۈرەك ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان چايلار ، ئورۇقلاشقا ، تاماكا تاشلاشقا ياردەم بەرگۈچى دورىلىق چايلار ، باش ئاغرىقى ، نېرۋا كېسەللىكلىرى ، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ، يۈرەك ، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسەللىكلىرى ، ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى ، بۆرەك ، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى ، تېرە ، بوغۇم كېسەللىكلىرى ، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ، بالىلار كېسەللىكلىرى ، شۇنىڭدەك ئاياللار كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار ، ئۇنىڭدىن باشقا ، بىر قىسىم مېۋە ھەمدە مېۋە قېقى دەملەنمىسى قاتارلىق دورىلىق چاي تۈرلىرىمۇ بار . پەن – تېخنىكىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى تېببىي خادىملار دورىلىق چاي مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ ، چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق ، ئۇيغۇر دورىلىق چاي مەدەنيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور ھەسسىلەرنى قوشماقتا .




[upload=1]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+20(axtuzi) قايىل قىلارل ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-07-10 11:19 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( بودەك ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    قىران
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 647
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 499
    شۆھرىتى: 5275 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 6202 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 561 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 75(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    مىنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتىدە يېقىنقى 4-5 يىلدىن بۇيانقى ئىلگىرلەشلەر خېلى زور .
    بودەك خېنىم سورىمىسابەرمەيدىغان چايمىكەن ئۇ؟؟؟
    udum
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-07-10 13:51 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( قىران ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۇيىغۇرلاردا چاي مەدىنىيىتى
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا