سۇئال: شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ قايسى تەرەپلەردىن تەربىيىلىنىشى موھىم دەپ تونۇيسىز؟ ئۇلار « ساپ ئەدپ » بولۇشنى چەتكە قاقامدۇ؟ جاۋاپ: مەن ئۇلارغا كۆپۈنچە بەدىئى ئىپادىلەشنىڭ ئۆزۈم بىلىدىغان چۈشەنچىلىرىنىلا بەردىم . بۇ بەزىدە كەلگۈسىدىكى شائىرنىڭ پەزىلەت تەربىيىسىگىمۇ چېتىلىپ كەتتى. چۈنكى ، شائىرلىقنىڭ شان-شەرىپى خەلق شائىرى بولۇشتا ، خەلق شائىرى بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خوشاللىق ۋە غەم – قايغۇلىرىغا ئورتاقلىشالايدىغان خەلقپەرۋەرلىك بولۇشى كېرەك. خەلق ئۆزى ھەققىدە گەپ قىلمىغان شائىرنى شائىر دىمەيدۇ. ئۆز پەرزەنتى ھىساپلىمايدۇ. ئەگەر ھېس قىلالىغان بولسا ، ئۇلار مېنىڭ ھەرقانداق ئەدىپ ئۈچۈن ھەققانىيەت تۇيغۇسى موھىم دەيدىغانلىقىمنى ئاللىقاچان بىلىپ بولدى. شائىر ھەرگىز ئالاھىدە شەخىس ئەمەس. ئۇ ئىجتىمائى ئادەم ، ئىنسانىي سالاھىيەتتە ھەممە بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ئادەم، ئۇ جامائەتچىلىكتىن ئايرىلىپ ياشىيالمايدۇ. خەلق بىلەن تەقدىرداشلىق نوقتىنەزىرى ئىنتايىن قىممەتلىك . ھەققانىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئەدپلەر ئۆز مىللىي تىلىنىڭ بۇزۇلىشى ، ئادەتلىرىنىڭ غەيرىلىشىشى ، ناخشىلىرىنىڭ ياۋايىۋىلىشىشى، مىللىي ئۆزلۈكنىڭ سۇسلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ چۈشكۈنلىشىشى قاتارلىقلارغا دائىم سەگەك بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارغا كەسپىي ئەخلاق ۋەجىدىن ئارىلىشىپ مىللىي ئەدەبىياتنى كۆزقارچۇقىدەك قوغدايدۇ. مەن ئۇچراشقان ھەۋەسكارلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ قەلبى پاك ، ئۇلار ئىسلاھاتتىن كېيىنكى يېڭى دەۋىرگە تەئەللۇق . ھازىر قەلەمكەشلەرنى ۋەزىيەتپەرەسلىككە ئۈندەيدىغان سىياسىي ئەدەبىيات يوق. ئىسلاھاتتىن ئىلگىرى ئەدەبىياتىمىز كوچىلىرىدا ئاققان ئەگىزلەرنىڭ گېپىنى قىلىپ بەرسەك ئۇلار ھەيران قېلىشىدۇ. تۇرمۇشنى بوياپ كۆرسۈتىدىغان ، مۇبالىغە قىلىدىغان ، شەخسكە خۇراپىيلارچە چوقۇنىدىغان ئىشلارغا ئۇلارنىڭ قەلبى ئىشىك ئاچىدىغاندەك ئەمەس. بۇ ياخشى ئەھۋال. مېنىڭ كىشىلىك ساپا ھەققىدىكى ئىزاھلىرىم ئۇلاردىكى پەزىلەت ئامىللىرىنى تېخىمۇ بېيىتىدۇ، دەپلا ئويلايمەن. مېنىڭ ياش ھەۋەسكارلار ئۈچۈن پەزىلەت ، ئادىمىيلىك قاتارلىقلارنىڭ موھىملىقى ھەققىدىكى تەۋسىيەلىرىم بەزىلەرنىڭ « ساپ ئەدپ » بولۇشىنىمۇ چەتكە قاقمايدۇ. دېمىسىمۇ بەزىلەر پەقەت شېئىر يېزىش بىلەنلا بولىدۇ-يۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنەرسە بىلەن كارى بولمايدۇ. « ئۆزەڭنى بىل ، ئۆزگىنى قوي » ئېقىمىدىكىلەرنىڭ تۇتقان بۇ يولىنىمۇ خاتا دىگىلى بولمايدۇ. بۇنداقلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەرنىڭ ئەدەبىيات بىلىملىرى خېلى چوڭقۇر بولىدۇ. ئەسلىدىمۇ ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ئەڭ ئالدىدا لازىم بولىدىغىنى كەسپىي بىلىم، ئۇلار بۇ جەھەتتە تولۇق ئۇنۋېرساللىققا ئىگە بولىشى لازىم. بىر شائىر، يازغۇچىنىڭ پەلسەپە، قانۇن، دىن ، تارخ، سەنئەتلەردىن باشقا مۆرىتى ( نۆۋىتى ) كەلگەندە تەبىئى پەنلەردىمۇ سورىغان يەردىن چىقالايدىغان ئىقتىدارى بولىشى كېرەك. مۇنداق ئەدىپلەرنىڭ تىلى ئۇزۇن، قەلىمى كۈچلۈك بولىدۇ. مېنىڭ بايقىشىمچە ، خېلى كاتتا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ياشلارنىڭمۇ پەلسەپە ، سىياسىي ، ھاكىمىيەت ، جەمىيەت ھەققىدە بىلىدىغانلىرى كۆپ ئەمەستەك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىدىنمۇ گۇمانلىنىپ قالدىم. ئۇنداقلار دېسسىرتاتسىيە ماقالىلىرىنى پۇل تۆلەپ باشقىلارغا يازدۇرىۋاتىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ ھەۋەسكارلىرىمىزمۇ ئاشۇلارنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ قالسا ، ئۇلار شائىرلىققا قۇرۇق قىززىقىش بىلەنلا كىرىپ كەلگەن چالا موللىلاردىن ھىساپلىنىپ قالىدۇ. شوڭا مەن ئۇلارنى توققۇزى تەل ، ئادىمىيلىك ئامىللىرى تولۇق ، ئەدەبىياتقا ، تۇرمۇشقا مەسئۇلىيەتچان ، كۆڭلى تۇيغۇن ، ھەممىگە نەزەر ئاغدۇرۇپ تۇرىدىغان قەلەمكەشلەردىن بولۇشقا ئۈندەپ تۇرىمەن. ئىسلاھاتتىن بۇيان ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلاردىن تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم، ئەكرەم ئابدۇمىجىتلار شۇنداقلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەن ياش ھەۋەسكارلارغا ، سىز سورىغانلاردىن ، مىللىي تىل بايلىقىمىز ۋە مىللىي ئەدەبىياتىمىزغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشنى تەكىتلەپ كەلدىم. مۇكەممەل تىل – يېزىق قائىدىلىرىمىز بىلەن تىل گۈزەللىكىمىزنى مەنتىقىي ۋە ئەدىبىي ئۆلچەملىرى بيىچە قاتتىق قوغداشقا چاقىردىم. بىز مىللىي تىلغا باي مىللەت. سۆز ئاتالغۇ تاپالماي ، خەقنىڭ ئاغزىغا قاراپ قالىدىغان مىللەت ئەمەس . ئۇنتۇلۇپ كېلىۋاتقان قەدىم سۆز – ئاتالغۇلىرىمىزنى ، يەرلىك چۈچۈك شىۋىلىرىمىزنى قېزىپ، قوغداپ كېلىۋاتقان شائىر – يازغۇچىلىرىمىز خېلى بار. بەزىلەر شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شېئىرلىرىدىكى بەزى سۆز – ئاتالغۇلارنى چۈشىنەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتىدۇ، مېنىڭچە ، ئوسمانجان ئىستىمالدىن قېلىۋاتقان قېدىم تىللىرىمىزنى قايتىدىن قېزىپ قاتارغا قوشۇۋاتىدۇ، لوغەت تۈزگۈچىلەرنىڭ سەمىگە سېلىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئەمگەك. مەرھۇم شائىر روزى سايىتمۇ شۇنداق ئىدى. ئۇ خوتەننىڭ يەرلىك تىل ، شىۋىلىرىنى قالدۇرماي ئىشلىتىپ ، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىغا تونۇشتۇردى. بۇ لوغەت بايلىقىمىزنىڭ رەڭدارلىقىغا پايدىلىق. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ « ئويغانغان زىمىن » رومانىدىكى قۇمۇل شىۋىسىنىڭ موللىقى بايىقىدەك رەڭدارلىقنى تېخىمۇ نامايەن قىلدى. رومان بىزنى قۇمۇل خەلقى بىلەن يۈزتۇرانە پاراڭلاشقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى. يازغۇچى مەرھۇم زوردون سابىرنىڭ « ئانا يۇرت » رومانىدىكى « گىدىك ( گىدىككىنە ) » دىگەن سۆزلەرگە دىققەت قىلغان بولغىيتىڭىز ، يازغۇچى بۇ ئەمگىگىدىمۇ دىيارىمىزدىكى يەرلىك تىل ، شىۋىلەرنى مىللىي تىلىمىزدىكى غەنىمەت بايلىق دەپ قارىغان. ھازىر مىللىي ئەدەبىي تىلىمىز شالغۇتلىشىپ كېتىۋاتقاندىن تاشقىرى ، مەلۇم ئىدارىدا چەكلىمىگىمۇ ئۇچراۋاتىدۇ. بەزى گېزىتلەرنىڭ ئەدەبىي بەتلىرى شېئىرلاردىن خۇدا ، تەقدىر، ناماز، پەرز، ئۇيغۇر، ئاللاھ، جەننەت ، دوزاق، باقىي دۇنيا ....دىگەندەك سۆز – ئاتالغۇلارنى ئۇنىڭ قايسى تەرىقىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىدىن تاشقىرى شاللاپ چىقىرۋېتىپ بارىدۇ. نەتىجىدە گېزىتتىكى شېئىرلارنىڭ بەدىئى تۈسى سۇسلاپپ، ئۇقۇملىشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمما شېئىرىيەت بۇ ئېقىمنى ھامان قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۆز تىلى چەكلىمىگە ئۇچرىغان شېئىرىيەت ئەركىن شېئىرىيەت بولالمايدۇ. مەن ياش ھەۋەسكارلارنىڭ تىل – يېزىق قائىدىلىرىگە مۇكەممەل بولىشۇغىمۇ قاتتىق تەلەپ قويدۇم. ھەتتا قول يازمىلىرىدىكى بىرەر پەش ، چىكىت ، ئۈندەشلىرىگىچە جۆندەپ قويىمەن. قەلەم خېتىڭىز سەت ، جۈملىلىرىڭىز مەنتىقىسىز ، تىنىش بەلگۈلەر جايىدا بولمىسا ، مۇھەررىرلەر سىزنىڭ كەسپىي تەربىيىلىنىشىڭىزدىن چوقۇم گۇمانلىنىدۇ. ھازىر بەزى ئىشلارغا « ھاي! » دەيدىغان ئادەم يوق . ماركىلارغا ئىشلىتىۋاتقان بەدىئىي ناملارنى قوش تىرناق ئىچىگە ئالمايدىغانلا بولۇۋالدى. بۇ ، ھەم ساۋاتسىزلىق ، ھەم ، بىپەرۋالىقتىن بولىۋاتىدۇ. « ئاممىۋى ھاجەتخانا » دىگەن ئاتالغۇ ئىلى رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدا « ئاممىۋى ئوبۇرنى » دەپ يېزىپ قويۇلۇۋاتىدۇ. « تاللا بازىرى» دىگەن ئاتالغۇدىكى جۈملە خاتالىقى ھەققىدە ، شىنجاڭدا « زەرەپشان » دەرياسى دىگەن دەريانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ، « ۋاخ-خا » ئەمەس « ۋاھ-ھا » دىيىلىشى كېرەكلىكى ، « پارالىچ » ئەمەس « پالەچ » دىيىلىشى لازىملىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئاپتورلار خېلى يازدى، لېكىن تۈزىتىلمىدى. ھېچكىم ئىنكاسمۇ قايتۇرمىدى. تېلىۋېزىيىدە : « شۇ كۈنكى ئالتۇن ۋاقىتتا ئاڭلىتىمىز » دەيدىغان بىر گەپ چىقىۋالدى. « ئالتۇن ۋاقىت » دىگەن نىمە ئۇ ؟ بىزنىڭ لوغەت تىلىمىزدا نەدە مۇنداق ۋاقت ئاتالغۇسى بار ؟ بۇنىڭغىمۇ كۆڭۈل بولۈپ باققان ئادەم يوق. لېكىن شائىرلار مۇنداق ئىشلاردا بىخوت ، بىپەرۋا يۈرسە بولمايدۇ. شېئىرىيەتكە ياتىدىغان خاتالىقلارنى تېخىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ، ئۆتكۈزىۋەتمەسلىكى كېرەك. بەلكىم، سىزمۇ دىققەت قىلغانسىز : ئۈرۈمچى « كەچلىك گېزىتى» نىڭ بۇ يىل 20- مارتتىكى سانىنىڭ 8- بېتىگە ناخشا تېكىستلىرىدىكى تېتىقسىزلىقلارغا ئېچىىنغان بىرەيلەن تەنقىت يېزىپ ، ئۇنىڭغا : ئاتنىڭ ياخشىسى تورۇق، قىزنىڭ ياخشىسى ئورۇق ، ۋىجدانى يوق ئەر كىشىگە ئاشنانىڭ نىمە ئىشى؟ ــ دىگەن بىر ، ئىككى كوبلىتنى مىسالغا ئالدى. ( مەن بۇيەردە ئىككىنچىسىنى قويۇپ تۇردۇم ) قاراڭا، مۇشۇمۇ شېئىرمۇ؟ ھايا – نومۇسنى بىلمەيدىغان بىرەيلەن كونا خەلق قوشاقلىرىدىكى ئۆز- ئۆزىگە قىلىنغان قىززىق ، ئەمما سەمىمىي ھەجۋىنى بۇزۇپ ، ئەسلىدىكى « يىگىتلىك قىلاي دىسەم ، پۇتۇمدا يوغان چورۇق » دىگەن ئاخىرقى ئىككى مىسرانىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ ھېلىقىدەك شەھۋانىي تۇيغۇلىرىنى دەسسەتكەن. ئۇنىڭچە ئاشناچىلىقنى ۋىجدانى بارلار قىلارمىش! يۇقۇرقىلا ئەمەس، مەن بۇلتۇر چىققان « گۈليارۇ » ناملىق بىر VCD پىلاستىنكىسىدىن قىزلار ئورۇنلىغان « نەدە بار » دىگەن بىر ناخشىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىكى : باي بولۇشنى ئويلىساڭ ، ئىش قاينىغان يەرگە بار؛ بىكار ناننى يەي دىسەڭ ، مەھبۇس دىگەن يەرگە بار. ــ دىگەن بىر كوبلىتقا ھەيران قالدىم. بۇ « مەھبۇس » دىگەن ئاتالغۇنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان ئادەملەرنىڭ قىلىۋاتقان قالايمىقانچىلىقى ئىدى. ئۇنى گويا قىزلار شەكلىدىكى ماشىنا ئادەملەر ئېيتىۋاتاتتى. بىزدە مۇنداق نەرسىلەر شېئىر دەپ ئېلان قىلىنماسلىقى لازىم ئىدى. ئېلان قىلىنغان ئىكەن ئۇنىڭغا يۈزخاتىرە قىلماي تەنبىھ بېرىش لازىم. مۇنداق سالاھىيەتسىز شېئىرلار ( تېكىستلەر ) نى باشقىلار ئىنكاس قىلىشى مۇمكىن . ئەمما شائىرلاردەك ئەتىراپلىق چۇۋۇپ بېرەلمەيدۇ. شوڭا مېنىڭ شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىغا تەۋسىيە قىلىۋاتقانلىرىم ئەنە شۇنداق كۈچلۈك ھەققانىيەت تۇيغۇسىدىن ئايرىلماسلىقتىن ئىبارەتمۇ بولدى.
|