hantagri daris sohpat
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ&nb ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 28
يازما سانى : 1570
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 363(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-11-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================



  سۇئال : شۇنداق، مېنىڭچە خېلى ئەتىراپلىق جاۋاپ بەردىڭىز ، يەنە سوراپ باقاي ،  شۇنچە يىللار داۋامىدا ھەۋەسكارلىرىڭىزدا سىزنى خوشال قىلىدىغان ۋە ئەپسۇسلاندۇرۇدىغان ئىشلارمۇ خېلى بولغاندۇ؟
جاۋاپ:   دېمىسىڭىزمۇ ئاشلىقى ئوخشىغان دېھقاندەك بېشىمنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۈرگەن چاغلىرىممۇ ، تەرلەپ تىككىنى ئۈششۈككە كەتكەن كىشىدەك پەرىشان بولۇپ قالغان چاغلىرىممۇ بولدى. چۈنكى ، بەيگىگە قاتقان ئاتنىڭ ھەممىسىلا مۆرىگە ئېرىشەلمىگەندەك ، شېئىرىيەتمۇ تالانت ۋە غەيرەتنى شەرت قىلغاچقا ، سەپتىن چۈشۈپ قالىدىغانلارمۇ بولۇپ تۇرىدىكەن. لېكىن ، مېنى خوشال قىلىدىغانلار ھامان زور سالماقنى ئېگىلەپ كەلدى. مېنى ئۇستاز تۇتقان نۇرغۇن ھەۋەسكارلار كەم دىگەندە 5-10 دىن شېئىر ئېلان قىلدى. خېلى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىرىمۇ بار . غۇلجا ناھىيە خۇدىيار يۈزى يېزىسىدىن زورەم ئەخمەت ئىسىمىلىك بىر قىز ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرنىمۇ ئوقۇيالمىغانلىقغا قارىماي ، ماڭا 10 يىلچە ( ھېلىغىچە ) ئەگەشتى . ئىلگىرلىشى شۇنچىلىك تېز بولدىكى 2-3 يىل ئۆتكەندە ئۇنىڭ قولۇمدىكى بەزى شېئىرلىرىنى مەن بىلەن ئالاقە قىلىدىغان بەزى ھەۋەسكارلارغا ئۈلگە سۈپىتىدە كۆرسۈتىدىغان بولدۇم. ئۇلارمۇ ھەيران قېلىشىپ تىرىشىپ مەشق قىلىشقا يېڭىباشتىن بەل باغلاشتى . زورەم كېيىن قارىمايغا توي قىلىپ كېتىپ قالدى. لېكىن قەلەمنى تاشلىمىدى. ئۇ، 2003- يىلى ئۆكتەبىردە قارىماي شەھىرى بويىچە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسىدە 1- دەرىجىلىك باھالىنىپ ، 400 يۇەن مۇكاپات ئېلىپ ماڭا خۇشخەۋەر يەتكۈزدى؛ پىلىچى خاڭنىڭ ياش ئىشچىسى ئەخمەت ئابباس  3 يىل ئىچىدىلا بارماق ۋەزىندىلا ئەمەس ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئەڭ چوڭ بەھرىدىمۇ شېئىر يازالايدىغان بولدى. قايسى بىر يىلى چىققان تاشمۇھەممەت باتۇرنىڭ بىر ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىكى « بارمۇ دەيدۇ » دىگەن ناخشا تېكىستى ئەنە شۇ ئەخمەت ئابباسنىڭ ئەمگىكى بولۇپ . ئۇ تېكىستنىڭ ئاشۇ ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى بازار تاپقۇزغان يېتەكچى ئەسەرلىكىنى ھەممە بىلىدۇ. ياش شائىر شاۋكەت ئىبراھىمنىڭ ماڭا خۇددى ئۆزى بۇقۇلاپ تۇرغاندەك تۇيغۇ بەرگەن « ئانام ، ئانام » ناملىق شېئىرى بىلەن مۆمىنجان ئابدۇۋايىتنىڭ ئاجايىپ پىكىرلىك شېئىرلىرى ھەققىدە بىرەر پارچە ماقالە يازالمىغانلىقىمدىن خىجالەتتىمەن. دىمەك ئارقىمىزدىكىلەردە نۇرلۇق ئىزلار ئاز ئەمەس! بۇ جەھەتتىكى خوشاللىقلىرىمنى ياش شائىر ئەكرەم ئابدۇ مىجىت ، شاۋكەت رۇستەملەرنىڭ « خانتەڭرى » ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنى بىلەن مۇشۇ يەرگىچە سۆزلەپ تۇراي.
  خالىدەم ، سىزدىن ئەپسۇس ۋە كۆڭۈل غەشلىكىمنىمۇ يوشۇرغۇم يوق . كۆك كۆچەتتەك ئاينىپ كېلىۋاتقان بەزى ئۈمدلىك ئاپتورلىرىمىز ئاددىي ھەۋەسكارلىقتىن قول ئۈزۈپ ، قەلەمنى تاشلىۋەتتى. گۈلزار ئابلەت ، رابىيە ئىسرائىل، ھەبىبە يارمۇھەممەت ، گەرشەستە بانۇم ئابلىز ، جالالىدىن ئابدۇماناپ ، رېھىمئاي ھېزىم قاتارلىقلار ھەقىيقەتەن تالانت ئېگىلىرى ئىدى. قەلەملىرى يول تېپىپ بولغاندا نىمىشقىدۇ ، جىمىپ كەتتى . خەت – چەكلىرىمىزمۇ توختاپ قالدى.« ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن ، ئەقىيدەمگە يىغلايمەن » دەپ ھەم ئەپسۇسلاندىم ، ھەم ئېچىندىم. لېكىن رەنجىشتىن يىراقمەن. چۈنكى بۇ ئىشنىمۇ كونكرت تەھلىل قىلىش كېرەك. ئىجادىيەت مەشغۇلاتىمۇ خاتىرجەم موھىتنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇرەككەپ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرى بىلەن تىنچلانمىغان ھايات شاۋقۇنلىرىنىڭ كىشىگە كۆڭۈلدىكىدەك كۈنلەرنى بەخش ئېتەلىشى ناتايىن. بۇلۇپمۇ ، يۇقۇردا ئىسمى قەيت قىلىنغان 80 – يىللاردىكى قىزلار ئۈچۈن بىز سۆزلەۋاتقان زۆرۈر شارائىت ۋە كەڭ ئىمكانىيەتلەر ئۇ چاغلاردا تېخى ھازىرلانمىغان ئىدى. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدىكى قىز ھەۋەسكارلارنىڭ ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولىشى بىلەن مەشغۇلات شارائىتىنىڭ تېخىمۇ تارىيىپ كېتىشى ئۇلارنى ئىجادىيەتتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىشى تۇرغانلا گەپ! ئېھتىمال ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىلىرى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتكە بولغان مۇھەببىتىنى پەرزەنتلىرىگە بېرىۋەتكەن بولىشىمۇ مۇمكىن. داڭلىق شائىرە بولغاندىن شەرەپلىك ئانا بولغاننىڭ قالغۇچىلىكى يوققۇ؟!  ھەر ھالدا مەن يۇقۇرقىدەك ئىجتىمائى شارائىت بىلەن بالىلىق بولغاندىن كېيىنكى يېزىقچىلىقتىن قول ئۈزىشىنى ئۇلار ئۈچۈن ئېۋەن – ئىللەت ھىساپلىمايمەن.ھەۋەسكارلاردىكى مۇقىم ئىش ئورنى بولمىغاچقا ، ئىجادىيەت شارائىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدىغان بۇ خىل ئەھۋاللار جەمىيەت ھاللىق سەۋىيىگە يەتكەنچە تۈگەپ كېتىشى مۇمكىن. ئاماننىسا خانىم ئابدىرىشىتخان پادىشانىڭ ھوزۇرىغا كەلمىگەن بولسا ، بۇ شائىرەگە مەھمۇد قورايچىنىڭ ئۆيدە نەدىمۇ ئۇنداق ئازادە ئىجادىيەت موھىتى بولسۇن؟ مەن بۇ نوقتىنەزەرىمنى 2004 – يىلى ئۈرۈمچىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان « يازغۇچى ئايشەم ئەخەمەت ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى » مۇنبىرىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ، يۇقۇرىدا ئىسمى ئاتالغان قىزلىرىمىز ئۈچۈن مۇقىم ئىش ئورنى تەلەپ قىلغانمەن. مەن ئۇلاردىنلا ئەمەس تالانتلىق ئىز باسارىمىز جالالىدىن ئابدۇماماپتىنمۇ ھېلىغىچە شېئىر كۈتۈپ كېلىۋاتىمەن  .  ئويلاڭا ، توخۇ چېغىدا ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن چۆجىلىرىنىڭ تولۇق قاتارغا قوشۇلۇشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ يۈگەن يەردە ، مېنى ، ئۆز بالا -چاقىلىرىم قاتارىدا بولۇپ قالغان شاگىرتلىرىمنىڭ ھەممىسىنى شائىر قىلىشنى ئويلىمايدۇ، دەمسىز؟ بىراق تىككەن كۆچەتلەرنىڭ تولۇق تۇتماسلىقى ھەرخىل سەۋەپلەردىن بولسىمۇ ، يەنىلا كىشىنىڭ يۈرىكى ئېچىشىدىكەن. بەزىلەر دۇچ كەلگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ سەۋەبىگە يا ئاق ، يا كۆك دىيەلمەي قالىدىكەنسىز . ماڭا يېقىن يېزىلارنىڭ بىرىدە قەلىمى ئىزىغا چۈشۈپ قالغان بىر قىز بار ئىدى . بىر نەچچە شېئىرىمۇ ئېلان قىلىنغان ئىدى . ئەمما ، كېيىنكى كۈنلەردە مېنىڭ ئالدىمدىن ئۆتكەن خېلى سالاھىيەتلىك شېئىرلىرىمۇ ئىشلىتىلمىدى. بارا – بارا ئۇ مەتبۇئاتقا شېئىر ئېۋەتمەيدىغان ، مېنىمۇ ئىزدىمەيدىغان بولدى. ئارىدىن 4 يىل ئۆتۈپ كەتتى.  مانا مۇشۇ بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۇ مېنىڭ ئىشىكىم ئالدىدا قايتىدىن پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ ، ئۈستى – بېشى خاراپ ، بېشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا يىغلاپ تۇراتتى. ئۆيگە باشلىدىم ، بىر سائەت پاراڭلاشتۇق. ئۇقسام ، شېئىرى ئېلان قىلىنماي ئۈمدسىزلىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ ئەقلىدىن ئېزىپ « مەن شائىرەلەرنى ياخشى كۆرەتتىم » دىگەن بىر ساياقنى ئەگىشىپ كېتىپ قاپتۇ . ئۇزاق ئۆتمەي ھېلىقى ئالدامچى ئىچكىرىگە كىرىپ كېتىپتۇ. شائىرە جاپا – مۇشەققەت ئىچىدە قېلىپ ، كۆرمىگەننى كۆرۈپتۇ. ئەمدى ئاجرىشىشنىڭ كۆيىدا ئىكەن.  ئۇ ئۆزىمۇ ئاتىسىدىن كىچىك قالغان يىتىم ئىدى ، يىتىملىكتىن بويى شۈركۈنەتتى . لېكىن مانا ئۆزى ئىككى ياشلىق بىر قىزنى يىتىم قىلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. دىمەك ، مېنىڭ ئىزىمدىكىلەردىن ئاشۇنداق ئېزىققانلارمۇ بار.  ئېيتىڭا ، بۇنداقلار مېنى تېخىمۇ ئازاپلىمامدۇ؟
  سۇئال: راس جەمىيەتتە خىلمۇ خىل ئىشلار بولۇپ تۇرۇدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش ھەۋەسكارلار ساپدىل ، ھېسسىياتچان بولغاچقا ئاسانلا باشقىلارغا ئىشىنىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ يەردە مېنىڭ مۇنداق بىر سۇئال سورىغۇم كەلدى ،  ھەۋەسكارلىرىڭىزدا نىمىلەرنىڭ كەم ، نىمىلەرنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىز؟
  جاۋاپ؛  خېلى كۆپ ساندىكىلەردە ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ، شائىر ، يازغۇچى بولۇشنىڭ تولىمۇ ئۇزۇن سەپەر ئىكەنلىكىگە بولغان ھەقىيقى تونۇش كەمچىل. يەنە بەزىلەر بەكمۇ ئالدىراقسان. گويا ئەتىلا شائىر بولۇپ داڭق قازىنىشنىڭ كويىدا يۈرىدۇ. مانا بۇ ئارتۇقچە ئىش. بىر كۈنى ئەمدىلا 20 ياشتىن ھالقىغان بىر ياش يىگىت كېىپ مېنى ئۇستاز تۇتقان بولدى ، مەن قارشى ئالدىم. لېكىن ئۇ ئارانلا باشلانغۇچ مەكتەپ ساۋادىغا ئىگە ئىكەن. مۇنداق ساۋاتتىكىلەرنىڭ قانچىلىك شېئىر يازىدىغانلىقىنى سىزمۇ قىياس قىلالايسىز، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئىككىنچى يىلى « زادى بىر شېئىرىمنى ئېلان قىلدۇرۇپ بەرمىسىڭىز بولمايدۇ، ئەتە ئۆلۈپ كېتىمىزمۇ ، ئۆگۈنمۇ خۇدا ئۆزى بىلىدۇ،» دەپ غەۋغا قىلغىلى تۇردى. مەن ئۇنىڭغا : « ئەتە ئۆلۈپ كەتسەڭ بۈگۈن شېئىر ئېلان قىلىپ نىمە قىلىسەن؟ ئۆلۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلمامسەن ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھەرقانچە تۈزەتسەممۇ سېنىڭ ئېپ كەلگەن بۇ شېئىرلىرىڭ  مەتبۇئاتقا يارىمايدۇ. ئۇنى پۈتۈنلەي يېڭىلاپ يېزىپ چىقىشنى مېنىڭ ۋىجدانىم كۆتۈرمەيدۇ، مېنى ئۇستاز دىسەڭ ، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىشىڭ كېرەك» دىدىم. ئۇنىڭغا مۇنداق ئۇزاقنىڭ گېپىنى قىلىدىغان ئۇستاز لازىم بولمىسا كېرەك. شۇندىن كېيىن ئايىقى تارتىلدى.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-06-26 11:32 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا