hantagri daris sohpat
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ&nb ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 28
يازما سانى : 1570
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 363(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-11-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================



سۇئال :  شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى بىلەن بولغان شۇنچىلىك قويۇق ئالاقە سىزنىڭ ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىزنى قىسمەن بولسىمۇ ئاقساتمىدىمۇ؟
     جاۋاپ:  ئاقساتمىدىلا ئەمەس ، ئۇلار ماڭا جىق ئىشلارنى ئۆگىتىپ قويدى. ماڭا كېلىدىغانلارنىڭ ، پوچتا ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغانلارنىڭ تولىسى ياشلار ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈل – كۆكسىنى كەڭ تۇتۇپ ، خالىغان تېمىدا يېزىشنى تەشەببۇس قىلدىم. مېنىڭ رايىمنى بايقىغاندىن كېيىن ئۇلار دەسلەپكى قورۇنۇش ، تارتىنىشلىرىنى تاشلاپ ، بىر يازغىلى تۇردىكى ، مېنى مۇھەببەت شېئىرلىرى بىلەن كۆمۈۋەتتى ، يازغانلىرى ۋايىغا يەتكەن شېئىرلار بولمىسىمۇ ، لېكىن ، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ تۇراتتى. بۇ شېئىرلار شۇقەدەر خىلمۇ – خىل ئىدىكى ، سۆيگۈ –مۇھەببەتنىڭ ئىنسان تۇرمۇشىدىكى تولىمۇ كەڭ ، بىپايان مەنىۋى دۇنيا ئىكەنلىكىنى مەن پەقەت ئاشۇ شېئىرلاردىنلا بىلگەندەك بولۇپ قالدىم.
      ئۇلار بىلەن مېنىڭ « ئۇستاز – شاگىرتلىق » مۇناسىۋىتىم باشلانغان مەزگىلدە دەل مېنىڭ « 4 كىشىلىك گوروھ » زورلۇق – زومبۇلۇق قىلغان يىللاردا تەقىپ قىلىۋېتىلگەن مۇھەببەت تېمىسىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دەۋرىنىڭ خاسىيەتلىك ئەركىنلىكى سۈپىتىدە تازا كۈچەپ ، يېزىشقا  تۇتۇنغان مەز گىللىرىمگە توغرا كەلدى. بۇ چاغدا ھېلىقى شېئىرلار شۇنداق ئەس قاتتىكى ، گويا ماڭا خۇدا خەزىنىسىدىن بايلىق بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى . يەنە كېلىپ ئۇ شېئىرلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىچكى مەزمۇنى بىۋاستە ئۆزلىرىنىڭ ياشلىق كەچمىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەكمۇ قىلاتتى. تۇيغۇلار گۈزەل ، تەسەۋۋۇرلار تەسىرلىك ئىدى. ئەگەر ئۇلار بولمىغان بولسا ، مېنىڭ كېيىنكى 20-30 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىمدا يازغان سۆيگۈ – مۇھەببەت تېمىسىدىكى شېئىرلىرىم ئۇنداق رەڭدار ۋە جەلىپكار چىقمىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئۇستازلىقى مېنىڭ لېرىكىلىرىمنى بېيىتىپ ، شېئىرلىرىمنىڭ ھېسسىيات ئۈستۈنلىكىنى ئاشۇردى.  مېنىڭ « يارالدى بىر مۆجىزە مۇھەببەتتە » ، « خېتىڭ كەلدى ئۆزۈڭ كەلمىدىڭ » قاتارلىق شېئىرلىرىم ئەنە شۇلارنىڭ ئىجابىي تەسىرىدە چوڭقۇرلاشقان تەپەككۈرنىڭ مېۋىسى ئىدى.
       مەن ھەۋەسكارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ يۈرۈپ ، مىللىتىمىزنىڭ ھەقىيقى شېئىرىيەت مىللىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئەدەبىياتنىڭ مىللەت ئۈچۈن ئىنتايىن سۆيۈملۈك بىر پەن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم؛ ئۇلارنىڭ ماددىي تىرىكچىلىك بىلەنلا ئەمەس مەنىۋى گۈزەللىك بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى چۈشەندىم. چۈنكى شېئىرىيەتنىڭ ئۆزىمۇ بىر گۈزەللىك ئامىلى . ئەقىل باھارىدا ئاپىردە بولىدىغان  گۈلزارلىق . ئۇنىڭدىن چېچىلغان خۇش بۇي ھىد ( خۇشپۇراق ) ھەممىلا ئادەمنىڭ ئورتاق ماھارىتى ئەمەس، ئۇ پەقەت  مۇئەييەن تالانت ( ئەقىل ) ، بەلگۈلۈك تىرىشچانلىققا ئىگە ساناقلىق شەخىسلەرنىڭلا ئىشى. مەن ياش ھەۋەسكارلارنىڭ ئاشۇنداق ئادەملەردىن بولۇپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. مەن ئىسلاھاتتىن بۇيانقى ئىجادىيەت ۋاقتىمنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئۇلار بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئالاقىغە سەرپ قىلىۋەتتىم. بۇنى مەن بىھۇدە ئىش ئەمەس، شەرەپ دەپ ھىساپلايمەن.ئىلگىرى مەن ؛ گېزىت – ژورنال مۇھەررىرلىرى خەقنىڭ ئەسىرىنى تۈزەيمەن دەپ ئۆزىگە لازىملىق بىر تالاي زېھنى كۈچىنى ئۇلارغا بېرىۋېتىپ، ئۆزلىرى زىيان تارتىدىكەن ، دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم. ھازىر ئويلىسام ، ئۇ گەپلەرنىڭ تارازا باسقۇچىلىكى يوق ئىكەن . بۇ مېنىڭ ئەمەلىيىتىمدە ( گەرچە مۇھەررىر بولمىساممۇ ) تولۇق ئىسپاتلاندى. چۈنكى خەقنىڭكىگە ئىشلىتىدىغان زېھنى ئەجرىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز يازىدىغان ئەسەرلەر ئۈچۈن كېلىدىغان ئىلھام ۋە پىكىر ، تىل سەرپىياتلىرىڭىز ئايرىم – ئايرىم نەرسە .ئۆزى يازىدىغاننى خەققە بېرىۋېتىدىغان ئىش يوق.
     سۇئال : سىز شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىغا ئۇسۇل جەھەتتە قانداق يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدىڭىز؟ كونكىرتراق دەپبەرگەن بولسىڭىز؟
جاۋاپ:  بۇ ئادەتتە ئىككى باسقۇچتىن ئىبارەت بولدى، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تۈر ، شەكىللىرى ھەققىدە  توختىلىشقا تورا كەلدى. چۈنكى ماڭا شېئىر ئېۋەتىدىغان ھەۋەسكارلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۇيغۇر شېئىر شەكىللىرىدىن خەۋەرسىز بولغاچقا ، بىر شېئىرىدا نەچچە شەكىل ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ؛ بەزىلىرى مۇئەييەن شەكىلگىمۇ تەئەللۇق بولمىغان ئۇزۇن – قىسقا مىسرالارنىڭ يىغىندىسى بولۇپ قالىدۇ؛ ۋەزن، رېتىم، تۇراق ، قاپىيە، رادف دىگەنلەردىن ئەسلا بىخەبەر؛ بەزىلەر بوغۇم ساناش بىلەنلا بولۇپ كېتىدۇ-دە تەڭ بوغۇملاردىن تەركىپ تاپقان مىسرالارنىڭمۇ يەنە نىمە ئۈچۈندۇر بىر بىرى بىلەن ئورتاق رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىققا ئىگە بولالمايۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنبى ئاڭقىرالماي ھەيران بولىدۇ.  ماڭا، ئالدى بىلەن ئۇلارغا، مۇشۇ جەھەتتىكى ئىچكى قائىدىلەرنى يورۇتۇپ ، ئىزىپ ئىچىرىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ گەپلەرنى سىزمۇ يا چۈشىنىسىز يا چۈشەنمەيسىز؛ شېئىرلاردا پەقەت مىسرالارنىڭ بوغۇم سانى بىرخىل بولسىلا ئۇ بىرخىل شەكىلگە ( ئۇسلۇبقا ) تەۋە بولۇپ ، شەكىل مەسىلىسى تۈپتىن ھەل بولغان بولمايدۇ . مەسىلەن ، بارماق ۋەزىندىكى 11 بوغۇملۇق شېئىرلارنىڭ 3 تۈرى بار:
               بىز ئىدۇق جاپا چەككەن ئەلنىڭ بىرى ،
               ئاتقىچە ئۆكتەبىرنىڭ نۇرلۇق تېڭى ،
               ئاتقاندا بۇ ئۇلۇغ تاڭ چېچىپ شولا ،
               ئېچىلدى مىللىي تازا دوسلۇق سىرى.
                                     ( قادىر ھەسەنۇۋ )
           ــــ ئانا،  دىدى كۈلۈمسىرەپ توختى چوڭ، ـــ
          جابدۇنمامسەن ، چىقمايلىمۇ تالاغا ،
          ــــ قويساڭ ، بالام ، ـــ دىدى ئانا ئىرەنسىز، ـــ
          قاراپ تۇرۇپ قالمايلى بىر بالاغا  .
                                          ( تېيىپجان ئېلىيۇۋ )
          چولپان ، دەپ ئاتايدۇ تاڭدا ، ئۇپۇقتا ،
          كۆمۈشرەڭ نۇر چاچقان ئوماق يۇلتۇزنى؛
          ھە ، ئۇنىڭ ئىپەكتەك تال- تال شولىسى،
          ئوينۇتۇپ ئۆتمىگەن قايسى جۇپ كۆزنى؟!
                                        ( رەخىم قاسىم )  
ساناپ بېقىڭ؛ يۇقۇرقى ھەر 3 لا شېئىرىنىڭ مىسرالىرى 11 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ رېتىم ، ئاھاڭدارلىقى ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبى ، مىسرالاردىكى ھەرقايسى تۇراقلار ( گۇرۇپپىلار ) غا جەم بولغان سانىنىڭ ئۆزئارا ئوخشاش بولمىغانلىقىدا.  بەزى ھەۋەسكارلار شېئىرلار مىسرالىرىنىڭ بىلىنەر – بىلىنمەس توختاپ ئوقۇلىدىغان سالماقلىق سۈرئەتنىڭ ئاشۇ تۇراقلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ،  يۇقۇردىكى ھەر 3 لا پارچە 3 تۇراقلىق شېئىرغا ياتىدۇ. ئەسلى تۈگۈننىڭ مەشەدىلىكىنى بىلسە ، ئۇلار ئاۋال تۇرقلاردىكى مىسرالارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇقىملايتتى – دە ، باشتىن ئاياق بوغۇم ساناپ ئاۋارە بولمايتتى.  بەزى ھەۋەسكارلار شېئىرىيەتكە ئاۋال بىرخىل ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن كىرگەندە ، يۇقۇرقىلارنى تازا بىلىپ كەتمەيدۇ. گەرچە ، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا شېئىرىيەتنىڭ پۈتۈن شەكىل قائىدىلىرى ئۆتۈلگەن بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ كۆپۈنچىلىرى ئەھمىيەت بېرىپ ئۆزلەشتۈرۈپ كېتەلمەيدۇ. ئۇچىرىشىدۇ-يۇ تونۇشمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەممىسسىلا شائىر بولمىغاچقا ، بۇ ئۆتكەلدىن ئۇلارنى كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتكۈزەلمەيدۇ.  شوڭا مەن ھەۋەسكارلارغا بىرىنچى باسقۇچتا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ 7 بوغۇملۇق قوشاق ۋەزنىدىن تارتىپ ، 16 بوغۇملۇق ( مۇقاملارغا تېكىست بولۇپ كېلىۋاتقان ) چوڭ غەزەل ۋەزنىنىڭ ھەر بىر بەھرىگىچە چۈشەندۈرۈپ ، ئۇلارنى قائىدىلىك ئىزغا سېلىشنى ئادەت قىلىپ كەلدىم . ھەرقايسى ھەۋەسكارلاردا مۇئەييەن شەكىل تۇراقلاشقان بولسا ، ئاندىن ئۇنىڭ شېئىرىنىڭ ئىچ-باغرىغا قول سالدىم.  2 – باسقۇچ، ( قەدەم ) دېگىنىم مانا شۇ. پېقىر تۆلەيدىغان زېھنى بەدەل مانا مۇشۇ باسقۇچقا كېتىدۇ. ۋاقتىڭىز كېتىدۇ ، ئاساسىي ماھارەتنى زېرىكمەي چۈشەندۈرىسىز . شېئىر دىگەننىڭ زادى قانداق ژانىر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر مۇشۇ قەدەمدە يېشىلىپ بارىدۇ ۋە باشقىلار. مەن ياش ۋاقتىمدا مېخائىل ئىساكوۋىسكىنىڭ « شېئىرىيەت ماھىرلىقى ھەققىدە » دىگەن كىتابىدىن قوبۇل قىلغان ماھارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا مۇشۇ باسقۇچتا ئىشلىتىپ ، بىر پارچە شېئىر ئۈچۈن ماۋزۇ بىلەن باياننىڭ مۇناسىۋىتى ، تىلنىڭ ئەسەر رايىغا مۇناسىپلىقى ، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلارنىڭ موللىقى ، ھېسسىياتنىڭ قويۇقلۇقى ، چۈشەنچىلەرنىڭ ئەقىلغە مۇۋاپىقلىقى ، جۈملىلەرنىڭ راۋان ، شېئىرى پىكىرلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقى ... قاتارلىقلارنى شەرت قىلغان ھالدا چۈشەندۈردۈم. شېئىرلىرىنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىنى يۇقۇرقىلار بويىچە تۈزۈتۈپ بەردىم. يىراقتىكىلەرگە ھەر قېتىم بىر پارچە خەتمۇ قىستۇرۇپ تۇردۇم. قىسقىسى ، ھەۋەسكارلاردىن ئۆزۈم بىلىدىغانلىرىمنىڭ ھېچقايسىسىنى ئايىمىدىم. جاۋاپلىرىم سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا خېلى يېقىنلاشتىغۇ دەيمەن؟
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-06-26 11:30 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا