hantagri daris sohpat
axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ&nb ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 28
يازما سانى : 1570
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 363(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-11-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================


شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى توغرىسىدا
مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن سۆھبەت

                         خالىدە تۇرسۇن
          ئىستانسىمىزغا كۆپلىگەن ئەدەبىي  ھەۋەسكارلار ئەسەرلىرىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ، بىزدىن يا ئۇنداق ، يا مۇنداق مەسىلىلەرنى سوراپ ، ئەسەرلىرىنى تۈزىتىپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ. بىز رىياسەتچىلەر بۇ ھەقتە ئانچە ساۋادىمىز بولمىغاچا ، كۆپ ھاللاردا ئۇلارنى نا ئۈمد قايتۇرىمىز،  مەن نۇرغۇن كىشىدىن ئاتاغلىق شائىرىمىز، مىللىتىمىزنىڭ پەخرى مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان  تەلەپچان ئۇستازلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.  شوڭا مەن  مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا بىلەن ھەغدا بولۇشقا نېسىپ بولمايۋاتقان ھەۋەسكارلىرىمىزغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن  مۇھەممەتجان ئاكا بىلەن شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەربىيىلىنىشى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتىم،
سۇئال :  مۇھەممەتجان ئاكا ، ئاڭلىساق ، سىز بىلەن ياش شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى ئارسىدا 20 نەچچە يىللىق ئۇستاز – شاگىرتلىق مۇناسىۋەت داۋام قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ ، بۇ قانداق باشلىنىپ ، قانداق راۋاجلانغان ، ئازغىنە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
جاۋاپ :   ھەرقانداق شائىرنىڭ ھەۋەسكارلىق مەزگىلى بولماي مۇمكىن ئەمەس . بۇ ئىنتىلىش ۋە تەقەززالىققا تولغان بولىدۇ.  مەن ئەنە شۇنداق ئىدىم : بىلىم ئىگىلەشكە ئېچىرقاپ تۇراتتىم . شېئىرىيەتكە شۇنچىلىك قىزغىن ئىدىمكى ، مەن ئۈچۈن ھاياتلىققتا ھېچنەرسە شېئىردەك بۈيۈك تۇيۇلمايتتى . « قاچانمۇ شېئىرلىرىم ئېلان قىلنار؟ » دىگەن تەقەززالىق ئوتىدا پۇچىلىناتتىم . ئەمدى ئويلىسام ، مانا ئارىدىن 50-60 يىل ئۆتۈپ ، ئال ئاغزىدا شائىرمۇ بولۇپ قاپتىمەن. كەينىمدە ھەۋەسكار شاگىرتلىرىممۇ پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشلاردىن تاشقىرى بالىلار، چوڭلارمۇ بار ئىدى . ئۇلارنىڭ بىر قانچىلىرى قاتارغا قېتىلدى. بىرمۇنچىلىرى ئېتى ھېرىپ يېرىم يولدا قېپقالدى. قېپقالغانلىرىنىڭ ئورىنىغا يەنە يېڭىلىرى قېتىلىپ ، بۇ سەپ 20 نەچچە يىللىق تارخ بىلەن داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
مېنىڭ شېئىرىيەت ھەۋەسكارلىرى بىلەن بولغان ئالاقەم 1984 – يىللاردىن باشلاندى . مەن جەمىيەتتىن 15 يىل ئايرىلىپ كېتىپ  ، 1983 – يىلنىڭ بېشىدا قايتىپ كېلىپ ، يۇرت بىلەن « سالام دوستلار » دىگەن شېئىرىم ئارقىلىق دىدارلاشتىم  . شۇنىڭغا ئۇلاپلا ئاممىۋى سورۇنلاردا شېئىرمۇ ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدىم. گېزىت – ژورناللاردىمۇ پەيدا بولۇپ تۇردۇم . شېئىرىمنىڭ چۈشىنىشلىك ياكى ئىجتىمائى تۇرمۇشقا يېقىن بولغانلىقىدىنمىكىن ،  ئەيتاۋۇر ماڭا ھەۋەسكارلار « كۆرۈپ باققان بولسىڭىز؟» دەپ  شېئىر كۆتۈرۈپ كېلىدىغان بولدى.  بۇ ئىشنىڭ ئەڭ باشتىكىسى بەك قىززىق بولدى :  غۇلجا ناھىيىسىدە مەن بىلەن بۇرۇندىن تارتىپ ئوبدان ئۆتۈدىغان بىرەيلەن بار ئىدى ، بىر كۈنى ئۇ ماڭا بىر پارچە شېئىر ئېلىپ كەپتۇ:
ـــ بىر بۇرادىرىمنىڭ يازغان شېئىرى ئىكەن ، بىر نەچچە مىسراسىغا تۈزۈكرەك سۆز تاپالمىدىم ،ـــــــ دەيدۇ . دىدى ئۇماڭا قولىدىكىنى سۇنىۋېتىپ ، ــــ سىزنىڭ ئازىراق قەلەم تەككۈزۈپ شېئىر سىياقىغا كەلتۈرۈپ ( تولۇقلاپ ) بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدىكەن!
مەن قولىدىن لىپاپنى خوشاللىق بىلەن  ئېلىپ  ، دەررۇ ئاچتىم،ــ دە، شېئىرنى كۆرۈپ ئاۋال ھاڭ – تاڭ قېلىپ ، ئارقىدىن كۈلۈپ كەتتىم. چۈنكى ئۇ ، مېنىڭ 1965- يىلى كۈزدە باشلانغان غۇلجا ناھىيە ئاقئۆستەڭ ۋە «ياشلار »  ئۆستەڭلىرىنىڭ باش قىسمىنى كېڭەيتىپ  ياساش قۇرۇلىشىدىكى ئاممىۋى سورۇندا ئوقۇپ بەرگەن   « قاش دەرياسى » دىگەن شېئىرىمنىڭ دەل ئۆزى ئىدى . « ھەۋەسكار » بۇ شېئىرنى نەدىن قولغا چۈشۈرىۋىدىكى، 20 يىلدىن كېيىن مەن بىلەن ئۇچرىشىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ ھەقىيقەتەن بىرنەچچە مىسراسى كەم ئىدى.
ــــــ كۈلىسىزغۇ ؟ ــــ دىدى بايىقى كىشى مېنىڭ چىرايىمغا قاراپ ، مەن ھەقىيقى ئەھۋالنى دەپ بېرىۋىدىم ، ئۇمۇ ھەيران قالدى ۋە :
ـــــ ئەللىك ياشتىن ئاشقاندا ما ئاداشنىڭ رەسۋالىقىنى قاراڭ، ئادەم دىگەننىڭ ئىچ-باغرىنى بىلمەك تەس ئىكەندە! ـــــ دىدى – دە ، لىپاپىنى قولۇمدىن ئېلىپ ، ھېلىقى بۇرۇدىرىگە ئاچچىق قىلغانچە كېتىپ قالدى.
كېيىنكىلەردە مۇنداق ئىشنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسلىيەلمەيمەن . ھازىر قولۇمدا ھەۋەسكارلاردىن كەلگەن 200 پارچىدىن ئارتۇق خەت بار. ھەممىسىدىلا بىر نەچچە پارچىدىن شېئىر قىستۇرۇغلۇق. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان بىرەر ھەۋەسكارنىڭ خېتىنىمۇ جاۋاپسىز قالدۇرغان ، ئۈمتسىزلەندۈرگەن ئەمەسمەن؛ بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بار:  بىرىنچى ، ھەۋەسكارلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش بىزدە بولۇشقا تېگىشلىك كىشىلىك ئەخلاققا ياتىدۇ. ئىككىنچى ، مەنمۇ ياش چېغىمدا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە بولغان مۇھتاجلىقنى باشتىن كەچۈرگەن، باشقىلارنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرگەن، شېئىرىيەتنىڭ سىرىنى پەقەت ئاشۇ كىشىلەرلا بىلىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتكەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇلاردىنمۇ نۇرغۇن نەپ ئالغانمەن. بۈگۈن بايىقى ھەۋەسكارلارنى ئاشۇنداق ئېھتياج ۋە تەشنالىق بىلەن يۈرىدۇ ، دەپ قارايمەن . ئەمما ئۇلارغا بېرىلىدىغان مەنىۋى ياردەم مېنىڭدىن ھەرگىزمۇ ئۇستازلىق سالاھىيەت نوقتىسىدىن ئەمەس ، بەلكى ، بىلگەننى ئايىماسلىق زۆرۈرىيىتىدىن قىلىنغان.
ئۆزۈمنىڭ ھەۋەسكار چاغلىرىمدىكى ئىزدىنىش سەرگۈزەشتىلىرىم يادىمدىن كەتمىگەچكىمىكىن ، ئۇلارغا يېزىلىدىغان خەتلىرىم سەللا كېچىكىپ قالسا ، ئۇلارنى تەلمۈرتۈپ قويدۇممىكىن، دەپ جىددىيلىشىپ قلاتتىم . بەزى خەتلىرىم تەگمەي قالسا ، كۆڭلۈم غەش بولۇپ ئارامىم بۇزۇلاتتى.  مۇنداقمۇ بىر ئىش بولۇپ ئۆتكەن : 4-5 يىلنىڭ ئالدىدا ماڭا چەرچەن ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن رىزىۋانگۈل موسا ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى  شېئىر ئېۋەتىدىغان بولۇپ قالدى ، ئۇ مومىسىنىڭ باش – پانالىقىدىكى قىز بولۇپ ، ئائىلە قىيىنچىلىقىمۇ خېلى بار ئىكەن شېئىرىيەتتىنمۇ ئازراقلا يېتەكچىلىك قىلىنسا ، ئىشنىڭ يولىنى تېپىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى . شوڭا ، ماڭا رىزىۋانگۈلنىڭ مەشىقىغە ئىلھام بېرىپ ، ئىلگىرلەشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇرۇشنىڭ سىرتىدا ، قەتئى تەۋرەنمەي ئوقۇش توغرىسىدا ئىرادە تەربىيىسى بېرىپ تۇرۇشقىمۇ توغرا كەلدى. رىزىۋانگۈل مېىنىڭ خەتلىرىمدىن ناھايىتى خوشال ئىدى . بىراق ، راۋان ئېقىۋاتقان سۇ ئۇشتۇمتۇت توختاپ قالغاندەك تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرىدىغان يىلى ئۇ قىزدىن كېىلىدىغان خەتلەر ئۈزۈلۈپ قالدى . مەن بىر تۇرۇپ : « ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتسە كېرەك » دەپ ئويلىسام ، يەنە بىر تۇرۇپ : « مەكتەپتىن چېكىنىپ كەتتىمىكىن ؟ » دەپمۇ ئەنسىرەپ قالدىم. چۈنكى ئىمتىھاندىن ئۆتسىمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلى ئاسانغا چۈشمەيتى . شۇ چاغلاردا رىزۋانگۈلنىڭ مەندە ئازىراقلا قەلەم تەككۈزۈپ قويىۋىدىم ئوڭشىلىپ كەتكەن بىر ياخشى شېئىرىمۇ قالغان ئىدى .  بۇنىڭغىمۇ ئېچىناتتىم . ئاخىرى مەن 7-8 ئايلاردىن كېيىن بۇ شېئىرنى قوشۇپ ، چەرچەن ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپكە بىر پارچە خەت يازدىم. كۈتمىگەندە خېتىمنىڭ دېرىكى بولدى. يەنى، بىر ئايدىن كېيىن رىزىۋانگۈل ماڭا قەشقەر سىفەن شۆيۈەنىدىن تەشەككۈرنامە ئېۋەتتى . ئوقۇسام ، ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ، ئاشۇ مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇۋېتىپتۇ. ئەنە شۇندىن كېيىنلا مەن تولۇق خاتىرجەم بولدۇم.
       ماڭا شىنجاڭنىڭ ئالتاي ، چۆچەكتىن باشقا ھەممە جايلىرىدىن خەت كېلىپ تۇرىدۇ، ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ھەۋەسكارلارمۇ يازىدۇ. يېقىن ئەتىراپتىكىلەر پوچتا ئارقىلىق مۇناسىۋەت قىلغاندىن باشقا ، ئۆزلىرىمۇ يوقلاپ كېلىپ، سۆھبەتلىشىپ قايتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرقاندىغى بىلەن ئالاقەمنى ئۈزۈپ قويغۇم كەلمەيدۇ.چۈنكى كەلگۈسى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئىستىقبالى شۇلارغا باغلىق. مەن بۇنى ناھايىتى موھىم دەپ قارايمەن. بۈگۈن شەيتىنىڭىز ئۇلارنى كىچىك كۆرسۈتۈپ ، ئەھمىيەت بەرمەي، كۆزگە ئىلمىغاندەك قىلغىنىڭىز بىلەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن شۇنداق ئادەملەر يىتىشىپ چىقىدۇكى ، ئۇ چاغدا ھېلىقدەك سەل قارىغىنىڭىزغا مىڭ بىر پۇشايمان قىلىپ قالىسىز. يەرگە كىرەي دىسىڭىز قاتتىق، ئاسمانغا چىقاي دىسىڭىز يىراق بولۇپ كېتىدۇ. بىزنىڭ قاتارىمىزدىكى بىرەيلەن شۇنداق بولغان.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-06-26 11:28 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

kasiplar
Ali_Telak

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 749
شۆھرىتى: 7635 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 16698 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 759 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-11-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

   .....
maktap
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-26 12:10 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئونۋېرسال ئەدەبىيات سالونى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا