تۈن نىسبىدىن ئاشتى ، تاڭغا يىقىنلاشتى ، كۆزلىرىمگە ھىچ ئۇيقۇ كىلەي دىمەيدۇ ، ئامالسىزمەن يىنىمدا ماڭا تەسەللى بىرىپ ئازابىمنى يەڭگۈللەتكىدەك ھىچ كىمىم يوق ، دەل مۇشۇ دەقىقىدە يەنە كىملەر مەن بىلەن ئوخشاش ئازاپلىنىۋاتقاندۇ ،
ئۈرۈمچىنىڭ ياز كىچىسى شۇنچە يىقىشلىق ، مەن بىر دۇنيا ، كۆز ئالدىمدا بىر دۇنيا ، جىسمىمنىڭ سىرتىدا ئاجايىپ قىسمەتلەرگە تولغان ، رەھىمسىز رىئال دۇنيا ،بىسىپ ئۆتكەن ئىزلىرىمغا قارىسام شۇنچە مەغرۇركەنمەن ،لىكىن ھازىرچۇ ؟
ئاجىزلارچە سەزگۈلىرىمنى مەيلىگە قويىۋىتىپ تىنىمدىكى سۇيۇقلۇقنى تۇزلۇق تۇزلۇق قىلىپ ئىقىتىپ چىقىرىپ خورىتىۋاتىمەن .ئادەم نىمىشقا تۇغۇلىدىغاندۇ، مەندەك بىرەرسى كاملاپ قالسا بەلكىم ھىچ قانداق زىيان بولماس ؟
سوراپ باقاي ،،،، گەرچە سىلەر ھەم سىز ،،،،،، مىنىڭ بۇ نىدالىرىمنى ئاڭلىيالمىساڭلامۇ .
مىنىڭ گۇنايىم زادى نىمە ؟ نىمىشقا تىنىچ تۇرمۇشۇم بۇزىلىدۇ ؟نىمىشقا سىلەرنىڭ ۋاستىلىق ھەم بىۋاستە زىيانكەشلىكىڭلارغا ئۇچىرايمەن ،
يۇقاتقانلىرىم ، ئېرىشەلمىگەنلىرىم ساناقسىز ، لىكىن ۋايساپ باقانمىدىم ، ھالقىلىق پەيىتلەردە كۇكرەك كېرىپ چىقىپ سىلەر ئۈچۈن بارلىغىمدىن كىچىشكە رازى ئىدىمغۇ ، سىلەرنىڭ مەمنۇن بولغان ھالىتىڭلارنى كۆرگەن چىغىمدا ئۇزەمنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلىشىمدىن قەتئى نەزەر خۇشالىقىڭلاردىن يايراپ كىتەر ئىدىمغۇ ، بۇنىڭ بەدىلىگە ھىچ قانداق تەشەككۆر تاما قىلمايتىمغۇ ،
بارماي دىدىم مەھەلەڭگە ،
يالغۇزلىقىم باشلىدى ،
ئۇنتاي دىدىم نەچچە رەت ،
ھىجران كۆزنى ياشلىدى .
كۆڭلۈم
شەخلا
بەلكىم تامام بولدى ھەممىسى،
كۈتمە ئەمدى ئارام ئال كۆڭلۈم .
ئۆكسۈپ تۇرغان سېغىنىشىڭنى،
توغان بىلەن توسىۋال كۆڭلۈم ،
قالدى پەقەت شىرىن خاتىرە ،
پىنھانلاردا ساقلىۋال كۆڭلۈم .
تۇتسا ھەر چاغ كۆنگەن شۇ خۇمار،
نەچچە ۋاراق كۆرىۋال كۆڭلۈم .
تۈندە كەلمەس كۆزىمگە ئۇيقۇ،
يالغۇزلىققا كۆنىۋال كۆڭلۈم ،
ئۇنتۇلارمەن بەلكىم بىر كۈنى ،
ئۇنتۇلغىچە
قېنىپ-قېنىپ،،،،،،
يىغلىۋال كۆڭلۈم
[ بۇ يازماشەخلاتەرپىدىن2010-06-20 10:32دە قايتا تەھر ]