ماتېريالى : كۆكمۇچ ، پىدىگەن ، غولپىياز ، جاڭيۇ ، ئاچچىقسۇ ، شېكەر ، تۇز ، قۇلۇلە يېغى ، تېتىتقۇ ، پۇرچاق مۇچ قىيامى ( 豆瓣酱 ) قاتارلىقلار .

مۇچنى ياپراقچە ، پىدىگەننى قەلەمچە توغرايسىز .

قازانغا كۆپرەك ياغ قۇيۇپ قىززىغاندا مۇچنى سېلىپ سىرتى ساغىرىپ قاپىرىپ چىققاندا سۈزىۋالىسىز .

ئاندىن ياغقا پىدىگەننى سېلىپ ساغارتىپ سۈزىۋالىسىز .

قازاندا ئاز ماي قالدۇرۇپ ، غولپىياز توغرالمىسى سېلىپ قورۇپ پۇرىقى چىققاندا ، پۇرچاق مۇچ قىيامىنى سالىسىز

ئاندىن پىدىگەن بىلەن ، مۇچنى سېلىپ بىر ئۆرۈپ ، قاڭيۇ ، ئاچچىقسۇ ، شېكەر ، قۇلۇلە يېغى ، سېلىپ ئارىلاشتۇرىسىز
بىراز قاينىغاندىن كېيىن تۇز بىلەن تېتىتقۇنى سېلىپ تەخسىگە ئېلىپ يەمسىز ، ساتامسىز ئىختىيارىڭىز !