1. 50گ ئۇششاق قاقمۇچنى پاكىز يۇيۇپ ، شامالدىتىپ ، قايچا بىلەن ئۇششاقلاپ سوقىسىز، ئۇنىڭغا 10 گ كاۋاۋىچىن تالقىنىنى قوشىسىز .
2. ئۇنىڭغا بىر قوشۇق بەشخىل دورا تالقىنى ،بىر قوشۇق جاڭيۇ ياكى ئازراق تۇز ، ئازراق شېكەر ، ئاچچىقسۇ ، كۈنجۈت يېغى قوشۇپ ئارىلاشتۇرىسىز . يەنە 2 قوشۇق ئاقلانغان كۈنجۈت قوشىسىز .
3. قازانغا 250 گ ياغ قۇيۇپ 150 گرادوس قىززىغاندا قىزىلمۇچ تالقىنىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ تېزلىك بىلەن ياخشى ئارىلاشتۇرىسىز . قىززىق ياغنى قۇيغاندا ئاستا - ئاستا قۇيۇڭ !
ئالاھىدىلىكى رەڭگى قىزىل يالتىراق ، تەمى ئاچچىق ، كۈيۈشكەن ، سەلپەل تاتلىق . تاماقلارغا قوشۇمچە قىلىشقا ، يۇمشاق ناننى ناننى تەككۈزۈپ يىيىشكە مۇۋاپىق .