双椒鸡丝
ماتېريالى : توخۇنىڭ تۆش گۆشى 300 گ ، كۆكمۇچ 100 گ ، قىزىلمۇچ 100 گ ، بىر دانە تۇخۇم ئېقى ، تۇز2 گ ، زەنجىۋىل 5 گ ، سامساق 5 گ ، ھۆلكراخمال 20 گ ، تېتىتقۇ ئازراق ، ياغ 30 گ
تەييارلاش ئۇسۇلى :
1. توخۇ تۆش گۆشىنى ئۆگرە توغراپ ، تۇخۇم ئېقى ، تۇز ، ھۆلكراخمال قوشۇپ ئارىلاشتۇرىسىز ؛ كۆك - قىزىلمۇچنى پاكىز يۇيۇپ ، ئىككى بېشىنى كېسىۋېتىپ ئۈگرە توغرايسىز . زەنجىۋىلنى ئىنچىكە ئۈگرە توغراپ ، سامساقنى چانايسىز .

2. قازانغا يېتەرلىك سۇ قۇيۇپ ، قاينىغاندىن كېيىن توخۇ ئۈگرىسىنى سېلىپ ، قايناپ رەڭگى ئاقارغاندا سۈزىۋالىسىز .

3. قازانغا ياغ قۇيۇپ قىززىغاندا سامساق بىلەن زەنجىۋىلنى سېلىپ قورۇپ ، خۇشبۇي پۇرىقىنى چىقىرىسىز .

4. ئارقىدىنلا قايناقسۇغا بېسىلغان توخۇ گۆشىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرىسىز .

5. كۆك - قىزىلمۇچنى سېلىپ چالا قورۇپ ، تۇز ، تېتىتقۇ سېلىپ تەمىنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن ، ھۆلكراخمال سېلىپ قويۇقلاشتۇرۇپ ، تەخسىگە ئالىسىز .