椒麻鸡
 
 ماتېريالى:
ياش ، ئوماق  توخۇدىن  بىر  دانە 
تەمخۇرۇچلار 
 كاۋاۋىچىن 40 دانە جاڭيۇ 75 گ ،   تۇز 2.5 گ ، تېتىتقۇ ئازراق ، توخۇ  شورپىسى 250 گ ، كۈنجۈت ۇېغى 25 گ ، غولپىياز 90 گ   
 تەييارلاش  ئۇسۇلى :
1.  ، توخۇنى  بوغۇزلاپ ،يۇڭۇزلاپ ،  ئىچ قارنىنى ئېلىپ ، پاكىز  يۇيىسىز   
2.  قازانغا توخۇ چىلاشقىدەك  سۇ  قۇيۇپ ، توخۇنى سېلىپ قاينىتىپ ، كۆپۈكىنى ئېلىپ ، پەس  ئوتتا يۇمشاق پىشۇرۇپ ئېلىۋالىسىز  
 3.  توخۇنى توڭلاتقۇغا ياكى مۇزدەك  سۇغا  چىلاپ  سوۋۇتىسىز 
4.  توخۇنى  پارچىلاپ ، 4 سانتا ئۇزۇنلۇقتا ، 1.3 سانتا كەڭلىكتە  پارچە توغراپ  تەخسىگە تىزىپ  ئالىسىز .
5. كاۋاۋىچىن بىلەن  غولپىيازنى تۇز  قوشۇپ قىڭراق  بىلەن كېپەكتەك  چاناپ ، چىنىگە ئېلىپ  جاڭيۇ ، كۈنجۈت يېغى ، تېتىتقۇ ، توخۇ شورپىسى  قۇيۇپ ، ياخشى  ئارىلاشتۇرۇپ توخۇ  پارچىلىرىنىڭ  ئۈستىەە قۇيسىڭىز  تەييار بولىدۇ . 
 

كاۋاۋىچىننىڭ  تەمى خۇشبۇي كۈيۈشكەن ، تال - ئاشقازاننى ئىللىتىش ، تورمۇز كۈچىنى ئاشۇرۇش ، بەدەندىكى  ھۆللۈكنى تارقىتىش ، قۇرۇتلارنى  ئۆلتۈرۈپ  زەھەر  قايتۇرۇش ، قىچىشىشنى  بېسىش  قاتارلاىق رولى ، لېكىن كوپ يىيىلسە ، ئۈچەي يولىدىكى شىلىملىق  سۇيۇقلۇقنى  قاتۇرۇپ  قويىدۇ . 
غولپىيازنىڭ  تەمى ئاچچىق ، مۆتىدىل ، ئەزالارنى  كۈچەيتىپ  قاننى جانلاندۇرىدۇ ، زەھەر قايتۇرىدۇ ، تەرنى باسىدۇ ، سوغدىن  بولغان  زۇكامغا  مەنپەت  قىلىدۇ ، گېمرۇي ، تولغاق ،  كىچىك  تەرەت  راۋان بولماسلىق  ئىللەتلىرىگە قارشى تۇرىدۇ . قان بېسىمنى  كونتىرول قىلىش  رولى  بار.  
توخۇ گۆشىنىڭ ئاقسېلى  بىراز كۆپ  بولۇپ ، ئادەم تېنىگە ئاسان  سۈمۈرۈلىدۇ ، بەدەننى  كۈچەيتىش ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش  رولى  بار