花椒鸡丁
 

ماتېريالى  :  
توخۇنىڭ  پۇتىدىن  2 دانە  تەخمىنەن 400 گ، كۆكمۇچ  1 دانە ، قىزىلمۇچ 1 دانە ، كاۋاۋىچىن 10 گ ، قۇرۇق  ئۇششاق مۇچ 10 گ ، زەنجىۋىل ياپرىقى 20 گ ، غولپىياز بۆلىكى  15 گ ، سامساق ياپرىقى 10 گ ، جاڭيۇ 1 قوشۇق ، شېكەر  1 قوشۇق ، كۈنجۈت  مېيى 1 قوشۇق ، تۇز  مۇۋاپىق ، ياغ 50 ە ، شورپا 50 گ ،  ،  
 تەييارلاش  ئۇسۇلى :
1-  توخۇ  پۇتىنى يېرىپ  ئۇستىخنىنى ئېلىۋېتىپ ، 1.5 سانتا  چوڭلۇقتا چاسا پارچە  توغراپ ، تۇز ، جاڭيۇ قوشۇپ 20 مىنۇت  تەملەندۈرىسىز ؛ قاقمۇچنى  قايچا بىلەن  بۆلەكچە توغرايسىز ، كۆك - قىزىلمۇچنىمۇ  كىچىك  پارچە  توغرايسىز . 

 2-  قازانغا  كۆپرەك ياغ  قۇيۇپ  ، 150 گرادوس  قىززىغاندا ، توخۇ  گۆشىنى سېلىپ  ، ساغارتىپ  ئېلىۋالىسىز . 
 3- قازاندا  بىر  قوشۇق  ياغ  قالدۇرۇپ ، كاۋاۋىچىن  بىلەن  قاقمۇچنى  سېلىپ داغلاپ  پۇرىقىنى چىقىرىسىز  

4- ئۇنىڭ ئۈستىگە  غولپىياز ، سامساق ، زەنجىۋىل توغرالمىلىرىنى  سېلىپ قورۇپ ، تەم - پۇرىقىنى چىقىرىسز  

  5- ئاندىن  توخۇ گۆشىنى سېلىپ  قورۇيسىز  

6- جاڭيۇ ، شېكەر ،  شورپا ، كۆك - قىزىلمۇچنى سېلىپ تەم تەڭشەيسىز 

ئاخىرىدا  بىر قوشۇق  كۈنجۈت يېغى  تېمىتىپ  تەخسىگە ئالىسىز   

ئالاھىدىلىكى  ۋە  رولى :   رەڭگى قىزغۇچ ، پۇرىقى كۈچلۈك ، قۇرغاق ، تۇزلۇق تاتلىق  ئاچچىق كۈيۈشكەن تەملىك ،  ئاشقازاننى ياخشىلاش ،  سوغنى  ھايداش ، قان تومۇرلارنى  كېڭەيتىش