hantagri illikdunya.biz sohpat
سەردار
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 93
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 181
شۆھرىتى: 2080 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1589 دوللار
تۆھپە: 133 ھەسسە
ياخشى باھا: 356 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-02-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================



نېمىشقا باي بولالمايسىز
نۇرغۇن كىشلەر تېپىۋاتقان پۇلىمىز بەك ئاز بولغاچقا باي بولامىدۇق دەپ قارايۇد. ئەمەلىيەتتە مىليونېر بولۇش بىلەن سىزنىڭ قانچە پۇل تاپالىشىڭىز ئوتتۇرىسىدا ئانچە چوڭ مۇناسىۋەت يوق . نېمىشقا باي بولالمايسىز ؟ تۆۋەندىكى ئون خىل نۇقسان بەلىكىم سىزنىڭ بېيىش جەريانىڭىزدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلۈشى مۇمىكىن:
باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىڭىزغا ھەۋەس بىلەن قارىشىنى زىيادە قوغلىشىسىز:ئاپنوموبىل سىزنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا ئاپىرىپ قويىدىغان بىر خىل قاتناش قۇرالى ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئەسلا بۇنداق قارىمايدۇ. ئۇلار ئاپتوموبىلىنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق ھەيدەۋېرىپ، تېجەپ قالغان پۇلىنى مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىشىنىڭ ئورنىغا ئاپتوموبىلغا بىھۇدە پۇل خەجلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىل پەقەتلا بىر «بەلگە»، سىز كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق جەھەلەردىمۇ باشقىلارنىڭ كۆز ئىپادىسىگە قاراپ ئىش تۇتىسىز، يۈز – ئابرۇيىڭىز ئۈچۈن « يۈزىنى ئىششىتىۋېلىپ، ئۆزىنى سېمىز كۆرسەتمەك » دېگەندەك ئىش قىلىسىز، نەتىجىدە ئەڭ ئەقەللىي يوسۇندىكى دەسلەپكى جۇغلانمىنىمۇ جۇغلاپ بولالمايسىز.
ھەمىشە مەن ياخشى كۈن كەچۈرۈشۈم كېرەك ئىدى، دەپ قارايسىز: ئەگەر سىز مەن مەلۇم ئالاھىدە ياشاش ئۇسۇلى بويىچەياشىشىشم كېرەك ئىدى دەپ قارىسىڭىز، ئۇنداقتا چوقۇم شنىڭغا ماس كېلىدىغان ئالاھىدە نەرسىگە ئىگە بولۇشىڭىز، بەلگىلىك مىقداردا پۇل خەجلىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ھازىرچە تېخى بۇلارغا ئېرىشىش ئىقتىدارىڭىز بولمىسا، پۇل قەرز ئېلىپ ئىشلىتىشىڭىز مۇمكىن. « بارىدا پولدۇرۇڭ – پولدۇرۇڭ، يۇقىدا قاراپ ئولتۇرۇڭ » دېگەنداك ، كۆپ مىقداردىكى قەرز جەزمەن ئىشلىرىڭىزنىڭ ئالغا بېسىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مال – دۇنيا توپلاشتىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىسىز.
ئىقتىساد باشقۇرۇش ئۇسۇلىڭىز كۆپ خىل ئەمەس: بۇ يەنە ئىقتىساد باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ قىممەتلىك پەند- نەسىھەت ھېسابلىنىدۇ: مەبلەغنىڭ ھەمىسىنى بىرلا ئورۇنغا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. كۆپ خىل مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن مال – دۇنيايىڭىزنىڭ ئۇشتۇمتۇت قولدىن چىقىپ كېتىشىدىكى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلىنالايسىز.
ئىشنى باشلاشتا كېچىكىپ قالىسز: مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇشتا ئۆسۈم ئارقىلىق ئۆسۈمگە ئېرىشىشكە ئوخشاپ كېتىدىغان « دوملىما ئۆسۈم »(قوشما پايدا) دېگەن بىر ئاتالغۇبار، ئەمما « دومىلىما ئۆسۈم»نىڭ ئاجايىپ كۈچ – قۇدرىتى ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىز ئىزچىل تۈردە پۇل ئامانەت قويۇش ۋە مەبلەغ سېلىشقا كېيىنچە ۋاقىت دېگەن كۆپدەپ يۈرىۋەرسىڭىز، ھامان بىر كۈنى پېنسىيىگە چىقىش ۋاقىتىڭىزنىڭ ئازلاقالغانلىقىنى، ھېساباتىڭىزدا ھېچقانچە پۇل يوقلۇقىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بايقايسىز.
ئىشلەۋاتقان خىزمىتىڭىزنى ياخشى كۆرمەيسىز : گەرچە خىزمىتىڭىز كۆڭلىڭىزدىكىدەك خىزمەت بولمىسىمۇ، چوقۇم ئۇنى ياخشى كۆرۈشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز پۇلنى كۆزدە تۇتۇپلا ئۆزىڭىز ئەسلا ياخشى كۆرمەيدىغان خىزمەتنى تاللاپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا ئېشىنچا پۇلىڭىزنىڭ ھەممىسىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان خىزمەتنى تاللاپ قالسىڭىز، ئۇنداقتا ئېشىنچا پۇلىڭىزنىڭ ھەممىسىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرمەيدىغان بۇ خىزمەتنى قىلىشتىن پەيدا بولغان بېسىمنى يەڭگىللىتىشكە مەجبۇر بولىسىز.
ئۆگىنىشنى خالىمايسىز : سىزدە « مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولدۇم، ئەمدى ئۆگەنمىسەممۇ بولىدۇ » دەيدىغان كۆز قاراش بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق كۆز قاراش بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق كۆز قاراش بەلكىم تۇنجى خىزمىتىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىزغا دال بولالىشى مۇمكىن، ئەمما سىزنىڭ بېيىشىڭىزغا مەڭگۈ تۈرتكە بولالمايدۇ. ئەگەر باي بولماقچى بولسىڭىز، ئاڭلىق ھالدا ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن تۈرلۈك بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، خىزمىتىڭىزنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىقتىساد باشقۇرۇش بىلىمىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىڭىز ئىنتايىن زۆرۈر.
دائىم دېگۈدەك ئەسلا ئىشلەتمەيدىغان ئارتۇقچە نەرسىلەرنى سېتىۋالىسىز: ئۆيىڭىز، تام ئىشكاپىڭىز، قازنىقىڭىز، بالىخانىڭىز ۋە ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىڭىزدا سىز ئۆتكەن بىر يىلدا بىرەر قېتىممۇ ئىشلىتىپ باقمىغان نەرسىلەرنىڭ بار – يوقلۇقىغا قاراپ بېقىڭ. ئەگەر شۇنداق نەرسىلەر بار بولسا، ئۇنداقتا سىز بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش سەۋەبلىك ئەسلىدە بايلىقىڭىزنىڭ ساپ قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان پۇلنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىۋەتتىڭىز دېگەن گەپ.
قىممەت توغرىسىدىكى چۈشەنچىڭىز يېتەرسىز: سىز تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن نەسىلەرنى سېتىۋالىسىز، ئەمما ئەزەلدىن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۆزىڭىزگە قانچىلىك ئەسقاتىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز. بۇنداق ئەھۋال دائىم قىممەت باھالىق نەسىلەرنى سېتىۋالىدىغان كىشىلەردىلا ئەمەس، بەلكىم دائىم ئەڭ ئەرزان باھالىق نەرسىلەرنىلا سېتىۋالىدىغان كىشىلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنداق قىلغاندا مەھسۇلاتىنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى نامايان قىلىش ئىمكانىيىتى بەك ئاز بولىدۇ، پەقەت ئەمەلىي قىممىتى بار نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىۋالغان چېغىڭىزدىلا، ئاندىن كەلگۈسى پىلانلىرىڭىز ئۈچۈن مەبلەغ سالىدىغان ئارتۇقچە پۇلىڭىز بار بولىدۇ.
ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىڭىز زىيادە چوڭ: ئەگەر ئىقتىسادىي كىرىمىڭىز قامدىيالمايدىغان ياكى ئېھتىياجىڭىزدىن ئېشىپ كەتكەن ئۆينى سېتىۋالغان بولسىڭىز، تېىخمۇ ئۇزاق ۋاقىتقىچە قەرز تۆلەيسىز ، تېخىمۇ كۆپ باج تاپشۇرىسىز، تېخىمۇ كۆپ ئاسراش ھەققى چىقىم قىلىسىز، ئۆيىڭىزنى تولدۇرۇش ئۈچۈن يەنە تېخىمۇ كۆپ نەسىلەرنى سېتىۋالىسىز. بەزىلەر، ئۆينىڭ قىممىتىنى داۋاملىق ئاشىدۇ ، شۇڭا ئۆي سېتىۋېلىش ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلىش دېيىشىدۇ، ئەمما سىز ئۆي سودىگىرى بولۇپ، ئۆي سېتىش – سېتىۋېلىشقا ماھىر بولسىڭىز ياكى ئۆزىڭىزنىڭ تۇرالغۇ ئۆي ئۆلچىمىڭىزنى تۆۋەنلىتىشكە رازى بولۇپ، بۇ يىل 100 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە، كېلەر يىلى 50 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيدە ئولتۇرسىڭىز بۇ باشقا گەپ . بولمىسا ئۆيىڭىز مەڭگۈ سىز ئىشلىتىدىغان ياكى بەھرىمەن بولىدىغان كۆچمە مۈلۈك ياكى مەبلەغكە ئايلانمايدۇ. مەسىلە شۇكى، كۆلىمى چوڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۆنۈپ قالغاندا كىچىك ئۆيدا ئولتۇرۇشنى خالامسىز؟
پۇرسەتنى چىڭ تۇتالمايسىز : بەلىكىم بەزىلەرنىڭ ئامىتى كېلىپ، بىراقلا بېيىپ كەتكەنلىكىنى تالاي قېتىم ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بۇنداق چاغدا « ئەسلىدە مەنمۇ ئويلىيالايتتىم، مەنمۇ مۇشۇنداق قىلالايتتىم » دەپ ئىنتايىن پۇشايمان قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز قەتئىي ئىرادە ۋە چىدام – غەيرەت بىلەن ھەر ۋاقىت پۇختا تەييارلىق قىلسىڭىز، مۇشۇنىڭغا ئوخشاس ياخشى پۇرسەتلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقايسى. مەسىلە شۇكى، سىزىدە مۇشۇنداق قەتئىي ئىرادە ۋە چىدام – غەيرەت بارمۇ ؟
ئەگەر « بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە كېرەك » لىكىنى ئورۇندىيالمىسىڭىز، ئۇنداقتا بېيىش خام خىيالىنى قىلىپ يۈرمەي، يەنىلا ئۆز خىزمىتىڭىزنى ياخشى ئىشلەش كويىدا بۇلۇڭ . ئارقىڭىزغا بىر قەدەم چېكىنسىڭىز كۆڭۈل ئازادىلىكى ھېس قىلىسىز.




  

    

چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-06-03 00:12 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەردار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 67
يازما سانى : 1730
شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1160(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

شۇڭقارنىڭ گەپلىرى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ  توۋا شۇنداق ئادەملەرمۇ بار راستىنلا
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-08-18 02:21 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئىقتىساد– سودا ئۇچۇرلىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا