hantagri illikdunya.biz sohpat
سەردار
دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 93
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 181
شۆھرىتى: 2080 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1589 دوللار
تۆھپە: 133 ھەسسە
ياخشى باھا: 356 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-02-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كەم دېگەندە ئون يىل جاپاغا چىداڭ

   تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش تۇغما تالانت بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟
   بىرىنچى ئاساسىي خۇلاسە شۇكى، تىرىشىپ خىزمەت قىلمىسىڭىز، تالانتىڭىزغا ماس كېلىدىغان ساھەدە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. تەجرىبە ۋە جاپالىق مەشىق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل.
   نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتىن ئىلگىرى كەم دېگەندە ئون يىل جاپالىق خىزمەت قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر: كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمەن دەيدىكەن، ئاز دېگەندە ئون يىل جاپالىق خىزمەت قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.
   تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ھەر قانداق ساھەدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر خادىملارنىڭ ھەممىسى نۇرغۇن ۋاقتىنى خىزمەتكە ئاتىۋەتكەنلەر ئىكەن. بۇ خىل كىشىلەر نەتىجىسىنى ئاشۇرۇش، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەنە شۇنداق تىرىشىدۇ ھەمدە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ مەشىق قىلىدۇ.
   ھەقىقىي مىسال:
   تايگېر ۋۇز يۇقىرىقى تەتقىقاتنىڭ تىپىك مىسالى. ئۇ 18 يېشىدا ئامېرىكىدىكى ئەڭ ياش ئىشتىن سىرتقى گولف توپ چېمپيونى بولغان، شۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ئاز دېگەندىمۇ 15 يىل گولف توپ ئويناشنى مەشىق قىلغان. ئۇ ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ گولف توپ ئويناش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاۋۋالقىدەكلا كۈنىگە بىر قانچە سائەتتىن مەشىق قىلىدۇ.
بېرىلىپ مەشىق قىلىش سودا ساھەسىدىكى نۇرغۇن تەرەپلەرگىمۇ ماس كېلىدۇ. مەسىلەن، بايان قىلىش، سۆھبەتلىشىش، مالىيە دوكلاتىنى كۆرۈپ چۈشىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە سىز بېرىلىپ مەشىق قىلىشىڭىز كېرەك، شۇندىلا پىشىپ يېتىلەلەيسىز.
   قالتىس باشقۇرۇش باشقۇرغۇچىلاردىن ئېنىق بولمىغان مۇھىتتا، مۇكەممەل ئۇچۇرغا ئىگە بولمىغان شارائىتتا ھۆكۈم قىلىش ۋە قارار چىقىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىل ئىقتىدارغا بېرىلىپ مەشىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە، بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى مەشىق ئەمەس، مۇھىمى سىزنىڭ ھەرگىزمۇ ئاددىي مەنىدىكى تەكرار شوغۇللىنىۋاتقان خىزمىتىڭىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىڭىزدىن ئىبارەت.
سىز خىزمەت جەريانىدا ئۆز-ئۆزىڭىزنى تەربىيىلەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىڭىز، خىزمەت قىلىشتىكى نىشانىڭىز ھەرگىزمۇ خىزمەتنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قانداق قىلىپ خىزمەتنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەش بولۇشى كېرەك.
                              
ئامانگۈل ئابدۇراخمان تەرجىمىسى



چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-06-03 00:10 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەردار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

56tori
ئويغان
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 600
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 72
شۆھرىتى: 725 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 820 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 74 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-05-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-06-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

  
udum
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-10 23:26 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئويغان ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

archa
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 435
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 684
شۆھرىتى: 7195 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 8285 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 737 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 133(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاۋال توغرا تاللاش، يەنە توختىماي تېرىشىش، بوشاشماسلىق، تەۋرىنىپ يۈرمەسلىك....
http://bilimzar.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-11 11:16 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئىقتىساد– سودا ئۇچۇرلىرى
ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا