hantagri illikdunya.biz sohpat
dilkax
دەرىجىسى : *


UID نۇمۇرى :
نادىر تېما : *
يازما سانى : *
شۆھرىتى: * كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: * دوللار
تۆھپە: * ھەسسە
ياخشى باھا: 25 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:*
ئاخىرقى كىرگىنى:*
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى axtuzi نادىرلىدى .(2010-05-29)
  يېمەك - ئىچمەك ئادىتى بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبى قىسىمى. ئۇ، مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەكىس ئېتىدۇ.

  ئۇيغۇر خەلقى تاماق ئېتىش سەنئىتىگە، تاماقنىڭ تازىلىقىغا ۋە تەملىك بولۇشىغا ئەزەلدىن ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن.

  ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۈرى كۆپ. ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىدە گۆش ۋە ئاشلىق بىلەن قىلىنغان تاماق ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.

  ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قەدەر قەدىمىي ئەنئەنىۋى تاماقلىرى ھەققىدە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا مەلۇماتلار بار. چۆرەك سۆزلىرىگە <توقاچ> دەپ ئىزاھات بېرىلىدۇ. كۆۋىشەك دېگەن سۆزىنى <بولدۇرغان نان>دېسە، چوقمىن دېگەن سۆزىنى<ھورناننىڭ بىر خىلى> دەپ ئىزاھلىغان. كۆمەچ سۆزىنى <كۈلگە كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان نان>، سىنچۇ <گىردە بىلەن ھەمەك ئارىسىدا بولىدىغان بىر خىل نان، خۇيلىما نان>، پوسكەچ <كاكچى> قاتما ۋە يوغا سۆزلىرىگە <قاتلىما>، <ياغدا پىشۇرۇلىدىغان نېپىز نان> دەپ ئىزاھ بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا دىۋاندا يەنە تۆۋەندىكىلەر تونۇشتۇرۇلغان:

  تۈرمەك -تۈرمەل

  سارماچۇق - ‹ قۇشقاچ تىلى ئاش، سۈيۈقئاشنىڭ بىر تۈرى›

  ئۈگرە - ‹سۈيۈقئاشنىڭ بىر تۈرى›

  سوغۇت - ‹ھېسىپ، ئۈچەي ئىچىگە گۇرۇچ، گۆش ۋە دورا - دەرمان سېلىپ قىلىنىدىغان يېمەكلىك›

  سوقتۇ - ‹ھېسىپنىڭ بىر خىلى، جىگەر بىلەن گۆشكە دورا - دەرمان ئارىلاشتۇرۇپ ئۈچەيگە تىقىلىدۇ، ئاندىن پىشۇرۇپ يېيىلىدۇ›.

  تۇتماچ - ‹چۆپ، تۈركلەرنىڭ ئاتاقلىق تاماقلىرىنىڭ بىرى›

  قوۋۇت - ‹قاغۇت› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇغۇتتا خۇنسىراپ كەتكەن ئاياللارغا بېرىلىدىغان تاماق. بۇ تاماق قورۇلغان تېرىق ئۇنىنى ياغ بىلەن شېكەرگە ئارىلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ>

  توپىق - ‹قوينىڭ توپىق سۆڭىكىدىن قىلىنىدىغان غىزا›.

  كۆرشەك - ‹سوكنى سۇ ياكى سۈتتە قاينىتىپ، ئۈستىگە ياغ قويۇپ يېيىلىدىغان بىر خىل تاماق›.

  بولدۇنى - ‹ئىچىگە قۇرۇق، ياكى ھۆل ئۈزۈم سېلىپ تەييارلىنىدىغان بىر خىل يېمەكلىك›.

  سۈرۈش - ‹چۈرۈش بۇغداي باشىقىنى دېنى قېتىشتىن ئىلگىرى ئۈزۈۋېلىپ، ئوتتا پۇچۇلاپ يانجىپ يېيىلىدىغان يېمەكلىك›.

  بۇلغاما - ‹ياغسىز ۋە تەمسىز بۇلماق›.

  قوغۇرماچ - ‹قېتىق بىلەن سۈت ئارىلاشمىسى، ئىچى قېتىپ قالغان ئادەملەرنىڭ ئىچىنى سۈردۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىچكۈزىلىدۇ›.

  بۇخسى - ‹‹بىر خىل يېمەكلىكنىڭ ئىسمى. بۇ يېمەكلىك مۇنداق تەييارلىنىدۇ: قاينىتىپ ئېلىنغان بۇغداينىڭ ئۈستىگە بادام مېغىزى سېلىنىدۇ. ئاندىن ھەسەل ۋە سۈت بىلەن قىلىنغان بۇلماقنى قويۇپ، شۇ پېتى ئىچىلىدۇ››.

  ياماتا - ‹‹قۇيماق خېمىرىغا ئوخشاش سۇيۇق قىلىپ چېلىنىدىغان بىر خىل خېمىر. سېمىز توخۇنى، ياكى سېمىز گۆشنى قورۇغاندا، ياكى كاۋاپ قىلغاندا، يېغى ئېقىپ كەتمىسۇن دەپ ، ئۇنىڭغا شۇ خېمىر سۈرتۈلىدۇ››.

  سىم سىراق - ‹‹بىر خىل تاماق، باش پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇششاق توغرىلىپ، دورا - دەرمان ئارىلاشتۇرۇپ بىر قاچىغا سېلىنىدۇ ۋە ئۈستىگە ئاچچىق قېتىق قۇيۇلۇپ، سىڭىشكەندىن كېيىن يېيىلىدۇ››.

  يازۇق - ‹‹كۈزدە ھەر خىل دورا - دەرمانلار بىلەن قۇرۇتۇپ قويۇلۇپ، ئەتىيازدا يېيىلىدىغان بىر خىل گۆش››.

  ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› دا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مىللىي ئىچىملىكلىرىدىن قۇملاق ‹‹ھەشىقىپىچەككە ئوخشاپ كىتىدىغان بىر ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭغا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ شاراپ ياسىلىدۇ››. قىبمىز ‹‹تۇلۇمدا ئىچىتىپ ئىچىلىدىغان يىلقاسۈتى›› ، بوخسۇم ‹‹بوزا، تېرىقتىن ياسىلىدىغان ئىچىملىك››، ئاغارتقۇ ‹‹بۇغداي يارمىسىدىن ياسالغان بوزىغا ئوخشاش ئىچىملىك›› قاتارلىقلارنىڭ نامى ئۇچىرايدۇ.

  ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتىدىكى كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى شۇكى، مەلۇم ئائىلىدە ياخشىراق تاماق ئېتىلسە، ئۇنىڭدىن نىسىۋە قىلىپ، يېقىن قۇلۇم - قوشنىلارغا ئۆز ئارا تاماق چىقىرىپ تۇرۇش ئادىتى بار. شۇنداقلا بەزى يېڭى تاماقلارنى، مەسىلەن، باشقىلاردىن بۇرۇن تەييارلىغان كۆك چۆچىرىسى، كۈدە مانتىسى، قاپاق مانتىسى، يالپۇز جۇۋاۋىسى قاتارلىق تاماقلارنى تۇغقانلار، ياكى يېقىن ئەل - ئاغىنىلەرنىڭ ئۆيىگە <يېڭىلىق تۇتىدىغان> ئادەت بولۇپ، ‹‹يېڭىلىق تۇتۇش›› ياخشى كۆڭۈل ۋە ئىززەت ھۈرمەتنىڭ ئىپادىسى.

  ئۇيغۇرلاردا تاماققا قوشۇپ ئېچىتقۇلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىش ئادىتى ئومۇملاشمىغان.

  ئەمما، ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە يەرلىك ئۇسۇلدا قۇرۇق، ياكى ھۆل ئۈزۈمدىن مۇسەللەس، مەيزاپ ئىشلەش ئەنئەنىسى ھازىرغىچە بەزى رايۇنلاردا داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇ خىل ئىچىملىكلەرگە غەيرىي ئىسپىرتلىق ئېچىتقۇ ئارىلاشتۇرۇلمايدۇ.

                                                                                                 مەنبە : تەڭرىتاغ تورى    
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+50(تۇز) مۇنبەرئۈچۈن ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-05-29 10:14 | 新疆哈密市 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( dilkax ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    axtuzi
    باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ  قوپ ..

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 64
    نادىر تېما : 36
    يازما سانى : 2768
    شۆھرىتى: 214748364 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2147483647 دوللار
    تۆھپە: 2147483647 ھەسسە
    ياخشى باھا: 8388607 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 809(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-08-25
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

       بىلىۋېلىشقا  تېگىشلىك  موھىم  يازمىكەن  ،  بىلدۈرگىنىڭىزدىن  تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ، كۆپتىن كۆپ  رەھمەت !
    udum
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-05-29 13:55 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    سەردار
    دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


    UID نۇمۇرى : 93
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 181
    شۆھرىتى: 2080 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1589 دوللار
    تۆھپە: 133 ھەسسە
    ياخشى باھا: 356 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 132(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2011-02-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ناھايتى ياخشى تەربىۋى ئەھمىيتى بار تىمكەن رەھمەت  سىزگە!!!!!!
    http://bilimzar.com
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-05-29 23:10 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سەردار ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    56tori
    321322
    دەرىجىسى : *


    UID نۇمۇرى :
    نادىر تېما : *
    يازما سانى : *
    شۆھرىتى: * كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: * دوللار
    تۆھپە: * ھەسسە
    ياخشى باھا: 4 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : (سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:*
    ئاخىرقى كىرگىنى:*
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ياخشى تىمىكەن...       
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-05-30 14:34 | 新疆伊犁州伊宁市

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( 321322 ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا