بىلىقىز ئەمەت پاك خانىم بىلەن بىر مەيدان دوستانە مۇسابىقىگە چۇشتۇق قىنى دوستلار ، سەمىمى باھالىغۇچى بۇلۇپ بېرەرسىلەر
خىيالىمدا سەن
شەخلا
تۇماندەك تارقالدىڭ ئاستا بەك ئاستا ،
مەڭزىمنى ھۆللىدىم جۇدالىق ياشتا .
تەلمۇردۇم لىۋىڭگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن ،
خوشلاشماي ئامال يوق بىز ئۇچۇن باشقا .
شۇڭغۇدۇم پىنھانغا ۋەدەمنى تاشلاپ،
قەلبىمگە تۇگىمەس ئازاپنى باشلاپ .
تۇنلىرىم نەچچە رەت تاڭغا ئۇلاشتى،
سېغىنىش ئىلكىدە كۆزىمنى ياشلاپ .
سۇيگۇنۇم خىيالىڭ خيالىڭ پەققەت ،
ۋە لىكىن شۇ خىيال قىينىدى قەۋەت.
بىلىمەن سەنمۇ ھەم قىينالدىڭ مەندەك ،
ۋىسالسىز يۇرەمدۇق ئەبەتتىن-ئەبەت.
گەر بولسا قايتىدىن تاللاش پۇرسىتى،
ئايانماي سۇناتتىم سۇيگۇمدىن دەستە .
قالدۇرۇپ ھاياتقا ۋاپا ئىزلىرى ،
قاناتۇق بەخىتتە ئارزۇ-ھەۋەسكە .
ئاھ لىكىن ئاجىزبىز داۋانلار ئىگىز ،
بەلكىم بىر ئۆمۇر ئازاپ چىكىمىز .
يەنىلا زورۇقۇپ خوش دىدىم ئاستا ،
بىر ئۆمۇرھىجراندا ئەسلەپ ئۆتىمىز .
قايانغا قارىسام سىمايىڭ سىنىڭ ،
يىغىدىن بوشىدى ھالىممۇ مىنىڭ.
ئۆكسىگەن ئەڭ نازۇك خىيالىمدا سەن ،
بەختىڭنى تىلەيمەن ئامان بول جىنىم .
خەيىر ئامان بۇلۇڭ ، سىزگە بەخىت تىلەيمەن ، ھايات مۇساپىسىنىڭ ئەڭ شېرىن ، ئەڭ يۇكسەك دەقىقىلىرىنى سىز بىلەن ئۆتكۇزگۇم بار ئىدى ، لىكىن بۇ ئەبىدى -ئەبەت مۇمكىن بولمايدىغان تاتلىق بىر خىيال ، بەلكىم چولدىكى ئۇسسىغان ئادەمگە كۆرىنىدىغان ئىزىتقۇ ،
مەۋھۇملوق قۇينىدىكى شېرىن مۇھەببەتنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى ، سىزنى ئۇنتۇش ئۇچۇن باسقان تۇنجى قەدىمىم ، ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا ۋەدەمنى بۇزۇش بولدى ،
ئۇتىنەي مىنى تەل تۇكۇس ئۇنتۇڭ لىكىن ئەيىپلىمەڭ ، ھەممىگە چىدىساممۇ بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن .
2010؛5؛23