قېرىنقۇلاق تۇخۇ تاشلىقى قورۇمىسى
1.ماتىريالى:تۇخۇ تاشلىقى،قېرىنقۇلاق،كەرەپشە،زەنجىۋىل،غولپىياز،سامساق،قىزىل لازا قاتارلىقلار.
2.تەم خۇرۇچىلىرى:تۇز،تېتىتقۇ،تۇخۇ تەم جەۋھىرى،شېكەر،ئاقمۇچ،كىراخمال، سۇ ماي.
3.تەييارلاش ئۇسۇلى:يۇمىشىتىلغان قېرىنقۇلاقتىن 200گىرام ئالىمىز ،تۇخۇ تاشلىقىنىڭ ئۈسستى تەرەپنى چەيدو بىلەن كىسىپ گۈل شەكىلىگە كەلتۈرىمىز،
قىزىل لازا ۋە كەرەپشىنى كىچىك قەلەمچە قىلىپ توغرايمىز،غولپىيازنى دانچە قىلىپ توغراپ ،زەنجىۋىل،سامساقلارنى يالپاغداپ توغرايمىز.
4.قورۇش ئۇسۇلى:قېرىنقۇلاق،تۇخۇ تاشلىقىنى بىر قېتىم قايىنىتىپ ئېلۋالغاندىن كىيىن،قازانغا نورمال ماي قۇيۇپ قىزىغاندا تۇخۇ تاشلىقىنى سېلىپ مايدىن
ئۆتكۈزۈپ سۈزۈپ ئالىمىز،قازانغا يەنە ئازراق ماي قۇيۇپ غولپىياز، زەنجىۋىل،سامساقلارنى سېلىپ داغلاپ بىر چۆمۈچ سۇ قۇيۇپ،تۇز، تېتىتقۇ،
تۇخۇ تەم جەۋھىرى،شېكەر،ئاقمۇچ بىرىپ تەمىنى تېتىپ تەييارلىۋالغان ماتىريالارنى سېلىپ ئۈستىگە ئازراق كىراخمال بىرىپ بىزەلگەن تەخسگە
ئۇسۇپ بەرسەك تەييار بولدۇ.

5.ئالاھىدىلىكى:رەڭگى كۆركەم پارقىراق بۇلۇپ،ئادەم بەدننىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى ياخشلايدۇ.