قۇلاق تۇۋىمدىن ماشىنىلارنىڭ ۋىژىلداپ ئۆتكەن ئاۋازى ئاڭلاندى كۆزلىرىمگە دۇنيا شۇنداق قاراڭغۇ غۇۋا كۆرىنەتتى تېڭىرقىغىنىمچە ئاستا مىدىرلاپ بېشىمنى كۆتىرىشكە ئۇرۇندۇم - يۇ كۆتۈرەلمىدىم
بۇمېنىڭ تاماق يىمەي بىر تىمىممۇ سۇ ئىچمەي توپتوغرا پىيادا يول مېڭۋاتقىنىمنىڭ ئالتىنچى كۇن ئىدى
تۇنجى بەخىتسىزلىكمەن تـۇغۇلۇپ ئۈچ يېشىمدا ئاتا_ ئانام نىكاھدىن ئاجىرىشىپ كىىپتىكەن شۇنىڭدىن باشلاپ ئانام مىنى بېقىپ كۆز قارچۇغىدەك ئاسراپ مىڭ بىر جاپادا مەكتەپ يېشىغا كەلتۇرۇپ ئالتە يېشىمدا مەكتەپكە بىرىپتۇ .ئانام ھەركۇنى سەھەر تۇرۇپ نامىزىنى ئۇقۇپ ئۇزۇندىن - ئۇزۇن قولىنى كوتۇرۇپ بىر نىمىلەرنى پىچىرلىغانلىقىنى كۇندە دىگەندەك كۇرۇپ تۇراتتىم ،ئانام نامازدىن يېنىپ كىيىملىرىمنى كىيىندۇرۇپ ناشتىلىقىنى قىلىپ بولغاندا مەكتەپكە يولغا سالاتتى ھېلىھەم ئېنىق يادىمدا تۇرۇپتۇ ئانام مىنى يولغا سېلىپ بۇلۇپ كۆزىدىن يۇتكىچە ماڭا قاراپ تۇراتتى مەكتەپتىن كەلسەممۇ ئانامنىڭ مىنى كۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۇرەتتىم .
مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئككىنچى يىللىقىدا ئۇقىۋاتقان چىغىمدا ئائىلىمىزدە يەنە بىر كىلىشمەسلىك يۇز بەردى ئۇيقۇدىن كۇزىمنى ئاچسام ھويلىنى يىغا-زار ئاۋازى بىر ئاپتۇ نىمە بولغانلىقىنى بىلمەي قورقىنىمدىن ئانامنى چاقىردىم ئانام ماڭا بوۋىڭىز يىراق جايغا كەتتى كىيىن كىلىدۇ دەپ مىنى بەزلەپ يىغامنى توختاتتى شۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ ئائىلىدە مومام،ئانام،مەن ئۇچەيلەنلا قالدۇق بىردىن بىر ئەر كىشى دىن پەقەت مەنلا قالدىم .
ئانام باشقىلارنىڭ ئشلىرىنى قىلىپ بۇ ئائىلىنىڭ بارلىق يۈكىنى كوتىرەتتى ئائىلىمىز ئىنتايىن نامراتلىقتا ئۇتەتتى. مەن ئۇچىنچى يىللىققا كۆچكەن ۋاقتىمغۇ دەيمەن ئەدەبىيات كىتاپتىن«سەرەڭگە ساتقۇچى قىزچاق»دىگەن دەرىسلىك ئۇتۇلدى بۇ ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى بولغاي ئويگە قايتقۇچە مەنمۇ سەرەڭگە سېتىپ پۇل تېپىشنى ئويلۇدۇم ئويگە كىلىپلا ئاپا-ئاپا دەپ توۋلۇدۇم مومام چىقىپ ئانامنىڭ بىرسىنىڭ ئۇيىگە قوناق سويغىلى كەتكەنلىگىنى ئېيىتتى مەن ئانام كەلگۇچە ئوينىڭ ئالدىدا ئانامنى ساقلاپ تۇردۇم ،كۆڭىلىمدە ئىنتايىن خوشال ئىدىم .مەنمۇ پۇل تېپىپ ئانامنىڭ جاپاسىنى يىنىكلىتىشىمنى ئويلىغىنىمدا ئۇزەمدىن پەخىرلىنىپ سەكرەپ كەتتىم.
ئانام ھالسىز قەدەملىرى بىلەن كوز ئالدىمدا نامايەن بولدى مەن ئانامنى كۇرۇپلا يۇگۇرۇپ ئانامنىڭ ئالدىغا باردىم ۋە قېن_قېنىمغا پاتمىغان ھالدا ئانامغا :
-ئانا مەن ئەمدى پۇل تاپىمەن جىق پۇل تېپىپ سىلەرنى باقىمەن دەپ ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتىم ئاناممۇ مىنى باغرىغا باسقانچە كۆزلىرىگە ياش ئالدى ۋە ھەيرانلىق بىلەن:
-ئوغلۇم قانداق قىلىپ پۇل تاپىسەن سەن تېخى كىچىك تۇرساڭ سەن ئۇقىمىساڭ بولمايدۇ سەن ئۇقىغىن ئوغلۇم ئىنساۋىڭغا ھەشقاللا ئاللا ئىنساپ توۋپىقىڭنى بەرسۇن دەپ كوزلىرىدىكى ياشلىرىنى ئاستا سۇرتپ مىنى ئويگە باشلاپ كىردى .
مەن گىپىمدە چىڭ تۇرۋالدىم ئانام ئامالسىز گىپىمگە قۇشۇلدى. ئەمدى تۆت كۇزۇم بىلەن دەم ئېلىش كۇنىنى كۇتتۇم (بىزنىڭ ناھىيىدە جۇمە كۇنى بازار بۇلاتتى) دەم ئېلىش كۇنىمۇ يىتىپ كەلدى مەن ئانامنى بىرگە بازارغا ئىلىپ كەلدىم ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىدىغان يەردىن بىر يېشىك سەرەڭگىنى 48يىۋەنگە سېتىۋىلىپ ئادەملار ئنتايىن كوپ ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ساي كوۋرۇك بېشىدا سېتىشنى ئويلۇدۇم .
-يەتتەمۇ –يەتتەمو بىر تۇپى يەتتە مو،مەن ئاۋازىمنىڭ يىتىشىچە قاتتىق توۋلۇدۇم ھەم بىر يەشىك سەرەڭگىنى تىزلا سېتىپ بولدۇم مەن يۇگىرگىنىمچە ئاۋالقى توپ سېتىش ئورنىغا كەلدىم قۇلۇمغا48يىۋەن پۇلنى ئېلىپ دۇكان ئىگىسىگە سۇنۇپ ماڭا بىر يەشىك سەرەڭگە بىرىڭ دىدىم . سەرەڭگىنى قۇلۇمغا ئېلىپلا يەنە ئاۋالقى تىجارەت ئورنىمغا يۇگۇردۇم.مەن ئككى يېرىم يەشىك سەرەڭگىنى سىتىپ بۇلۇپ ئويگە قاراپ ماڭدىم ئىچى-ئىچىمدىن ئىنايىن خوشال بۇلۇۋاتاتتىم ئويگە كەلگىنىمدە گۇگۇم چۇشكەن بۇلۇپ ئانام مىنى بۇرۇنقىدەكلا ئۆينىڭ ئالدىدا مىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ .
توپتوغرا ئەللىك بەش يۇەن پايدا ئېلىپتىمەن خوشاللىقىمدىن ئانامنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ سۇيۇپ كەتىتىم . بىر ئايدا پەقەت تۆت كۇنلا سەرەڭگە ساتالايتىم شۇندىمۇ بىر نەچچە ئاينىڭ ئىچىدە بەش-ئالتە يۇز يۇەنلىك سودىگەرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدىم .ئائىلىنىڭ يۇكىمۇ خېلى يىنىكلەپ قالغان ئىدى .شۇندىمۇ ئانامنىڭ تارتقان جاپالىرىنى ئويلىغىنىمدا تېخىمۇ كوپ پۇل تېپىپ ئانامنى،مومامنى راھەتكە بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىرىشتۇرۇشنى ئويلايتىم . سەرەڭگىنى ھەپتىدە بىر كۇنلا ساتقىلى بۇلاتتى مەن كوپ ئويلاپ ئاخىرى كىراكەشلىك قىلىشنى ئويلۇدۇم . بۇ پىكرىمگە ئاناممۇ قۇشۇلدى بىز بىللە بازارغا بېرىپ بىر ئىشەك بىر ھارۋا سىتىۋالدۇق مەن تېخىمۇ ئالدىراش بۇلۇپ كەتىتىم ئەتىگەندە ئورنىمدىن تۇرۇپ ھارۋىنى قۇشۇپ بازارغا كىراغا ماڭىمەن سودىگەرلەرنىڭ ماللىرىنى تۇشۇپ بۇلۇپ ئۆيگە قايتىپ چىقىمەن7-8يۇەن تاپاتتىم ئالدىراشلا ناشتا قىلىپ مەكتەپكە ماڭمىسام بولمايدۇ تېخى كەچتە مەكتەپتىن كىلىپ يەنە بازارغا كىرا قىلىش ئۇچۇن ماڭىمەن گاھىدا سائەت10-11بۇلۇپ كىتەتتى ئويگە قايىتقىنىمدا ئانام يەنىلا ئۆينىڭ ئالدىدا مىنى ساقلاپ تۇراتتى . شۇنداق قىلىپ ئائىلىمىزنىڭ تۇرمىشى خېلى ياخشىلىنىشقا باشلىدى باشلانغۇچ مەكەپمۇ پۇتتى مەن ئۇقۇشتىن چىكىنىپ داۋاملىق كىرا قىلىشنى ئانامغا ئېيىتتىم بىراق بۇ قېتىم ئانام قۇشۇلمىدى ھەم ئۇقىمىسام بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئككىنچى ئۇقۇشتىن چىكىنش توغىرىسىدا ئېغىزئاچماسلىقىمنى ھەر قانچە جاپا تارتسىمۇ مىنى ئۇقۇتىدىغانلىقىنى ئىيىتتى.
-ئاپا مەن كوپ پۇل تېپىپ سىلەرنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىمەن
-بولدى ئەمدى بۇ توغۇرلۇق ئېغىىز ئاچماڭ دىدى ئاپام خاپا بۇلۇپ بۇ ئانامنىڭ ماڭا تۇنجى قېتىم خاپا بۇلىشى ئىدى.
مەن تەتىلدە پۇتۇن كۇن كىرا قىلدىم كۇنىگە 30-40سوم تاپتىم بەزەن كۇنلىرى ئەللىك كويدىنمۇ كوپرەك تاپاتتىم مەن كۇندىن- كۇنگە پۇلغا قىزىقۋاتاتتىم پۇل بولسىلا ھەممە نەرسىنى قىلغىىلى بۇلدىغاندەك، پۇل قۇدرەتلىك قورالدەك پەقەت پۇل بولسىلا ھەممە نەرسىگە ئىرىشكىلى بۇلدىغاندەك بۇلۇپ قالدىم چۇنكى پۇل ئوز كۇچىنى كورسىتۋاتاتتى ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى خېلىلا ياخشىلانغان ئىدى.دوسلۇرۇمنىڭ ئارىسىدىمۇ خېلىلا ئىناۋەت تاپتىم بۇرۇن مىنى« يىتتىم ئوغلاق»«ھارامدىن بولغان» دەيدىغان بەزەن ساۋاغداشلىرىممۇ ئالدىمدا غىڭ قىلالمايتتى.چۇنكى يېنىمدىن پۇل ئۇزۇلمەيتى مەن كوپرەك پۇل تاپقان كۇنلىرىم ئانامدىن يۇشۇرۇن 5-6كوينى يۇشۇرۋالاتتىم ئاناممۇ بۇنى سۇرۇشتۇرۇپ ئولتۇرمايتتى.پۇل دىگەن ئاجايىپ نەرسىكەن دوسلىرىممۇ كۇندىن كۇنگە كوپىيىشكە باشلىدى پۇلنىمۇ تازا خەجلەشنى ئوگەندىم ئىلىكتۇرۇنلۇق ئۇيۇنچۇقخانا بۇلامدۇ بېليارتخانا بۇلامدۇ ئشقىلىپ خەجلەيدىغان يەردە خەجلىدىم.بېليارتخانىلاردا خېلى داڭىقىممۇ چىقتى مۇشۇنداق كۇنلەردە تەتىلمۇ يىتىپ كەلدى تۇلۇقسز ئوتتۇرا مەكەپكە بارغان تۇنجى كۇنۇمدە بالىلارماڭا ھەۋەس بىلەن قارىشىپ كىتەتتى مەن تۇرمىشى خېلى ياخشى بالىلاردىنمۇ نوچىراق كىيىنگەن بۇلۇپ بىر نەچچە بالىلارمۇ ماڭا ئەگىشىپ كەينىمدىن ماڭاتتى مەكەپتىن كىلىپ كونا ئادىىتىم بۇيىچە ھارۋىنى قۇشۇپ بازارغا ماڭدىم كىرا قىلىپ ئون نەچچە سوم تېپىپ ئۆيىگە قايتتىم .ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ يەنە كىراغا ماڭدىم ئككى سائەتتەك كىراقىلىپ يەنە ئويگە قەيتىپ مەكتەپكە ماڭدىم .كۇنلەر شۇ تەرەققىدە ئۇتىۋەردى تەتىلدە كۇنىگە40-50كويدىن بىراقلا 15-16كويغا چۇشۇپ قالغان تاپاۋېتىم مىنىڭ شەخسى كىرىمىنى خېلىلا ئازلىتىپ قويدى .يىغىپ قويغان مەخپى پۇللۇرۇممۇ خېلى
ئازلاپ قالدى .بۇ كۇنلەردە مىنىڭ كالامدا كوپرەك پۇل خەجلەپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇزەمنى كورسىتىشنى ئويلاپ يۇردۇم ئاخىرى كەچلىرى ئۇزۇنراق كىراقىلىپ شەخسى كىرىمىمنى ئاشۇرۇشنى ئويلۇدۇم كەچلىرى تۇن يېرىمدىن ئوتكەندىمۇ كەچلىك بازارلاردا ھارۋامنى توختۇتۇپ قۇيۇپ ئادەم ئايىغى ئۇزۇلگەنگە قەدەر كىرا قىلاتتىم .بۇ چاغىلاردا بەزەن شوركا يانچۇقچىلار مىنىڭ ھارۋامغا چىقىۋېلىپ كۇلىيدىكى ئاجايىپ سەرگۇزەشتىلىرىنى سوزلەپ مىنى قىزىقتۇرۇپ قويغان ئىدى ئۇيەردە تاپقان پۇللىرىنى پەش قىلىپ سوزلىسە ھەيرانلىق بىلەن سورىسام ئۇلار مىنى تېخىمۇ قىزىقتۇرۇپ ئۇيەردە پۇلدىگەننى...............مىنىڭ ئىچكىرگە كىرىش ئارزۇيۇم پەيدا بولدى
ئىككى كېچە_كۇندۇز مىڭىپ لەنجۇغا يىتىپ كەلدۇق مەن قۇشۇلۇپ 9بالا ئىدۇق بىز يويىزدىن چۇشۇپ بىر مىھمانخانىغا ئۇرۇنلاشقاندىن كىيىن بىر كالا گۇشى ئۇگرىخانىسىخا كىرىپ (牛肉面) ئىچتۇق بىركېچە ئارام ئېلىپ يەنە سەپەرگە ئاتلاندۇق ئۇچ-كېچە كۇندۇز مېڭىپ ئاخىرى گۇڭجۇغا يىتىپ كەلدۇق(1994-يىلى4-ئاينىڭ17كۇنى)بۇ ئەتىياز مەزگىلى بولسىمۇ ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىق بۇلۇپ مىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى كوچىدىكى ئادەملەرمۇ ئىنايىن كوپ بۇلۇپ ئادەم دېڭىىزىغىلا ئوخشايتتى مەن ھەر بىر نەرسىلەرگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ باشقا بىر دۇنياغا كىلىپ قالغاندەك تەسىراتقا كىلىپ قالدىم .راس بۇ ھەقىقەتەن بىر باشقا دۇنيا ئىكەن بىز پويىز ئىستانسىدىن ئىككى سائەتتەك كىچىك ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بىز يىتىپ كەلمەكچى بولغان مەنزىلگە يىتىپ كەلدۇق .بۇيەردە بىزنى نۇرغۇن كىشىلەر كۇتىۋالدى .دەسلەپتە ئىنتايىن ياخشى مۇئامىلا قىلدى بارا-بارا بىزمۇ كۇنا مىھمانغا ئايلاندۇق . بىر كۇنى تۇساتتىن بىزنى خوجايىن چاقىرىپ بۇگۇن سىلەرنى بۇ خۇجايىن جۇخەيگە ئاپىرىپ ئوينۇتۇپ ئەكىلىدۇ بىللە بېرىپ ئويناپ كىلىڭلار دەپ يولغا سالدى مەن بىلەن 4دوستۇم بىللە ماڭدۇق. بىزنى خۇجايىن جۇخەيگە ئاپىرىپ بىر ئاشپۇزۇلدا غىزالاندۇردى ئاندىن كىيىن ئىسىل سودا سارايلارنى ئايلاندۇرۇپ بىزگە ئىسىل كىيىملارنى ئىلىپ بەردى .كەچ بولغاندا بىر مىھمانسارايغا ئۇرۇنلاشتۇق.خوشاللىقىمدىن ئۇيقۇممۇ كەلمىدى دېرىزىدىن ئاسمانغا قارىدىم يۇلتۇزلار كۇرۇنمەيتتى.
-قۇپۇشە ۋۇ لەقۋالار مۇشۇ كەمگىچە ئۇخلىشامسەن تۇرۇشە ئورنىڭدىن دەپ ۋارقىرغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كەتتۇق .بازارغا چقىپ پۇل تېپىش پۇل تېپىشمىساڭ قەرزىڭنى قايتۇرالمايسەن قەرزىڭنى قايتۇرمىساڭ يۇرتىڭغا قايتىمەن دەپ خام خىيال قىلىشما دەپ تىللاپ كەتتى تۇنۇگۇنكى ھىلىقى خۇجايىن .مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدىم ۋە ئاغزىم ئارانلا گەپكە كىلىپ :
_ بىز سىزگە قانداق قەرىز بۇلۇپ قالدۇق ،دەپ سورۇدۇم .
يۇزۇمگە چاڭ قىلىپ تەستەكتىن بىرسى تەگدى دە _ ۋۇ شۇمتەكلەر سىنى ئاچىققان خۇجايىنىڭلار سەنلەرنى ماڭا سېتىۋەتتى تىزدىن قەرزىڭنى قايتۇرۇش بولمىسا !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
مەن ياتاققا قۇرۇق قول قايتىپ كالدىم خۇجايىن ھەممىمىزنى چاقىرىپ كۇيۇنگەن قىياپاتتە ھىچ ۋەقەسى يوق بۇلۇپتۇ بۇگۇن سىلەرنى جازالاپ يۇرمەي ئوبدانراخ ئوگىنىڭلار دەپ كۆڭلىمىزگە تەسەللى بىرىپ بىر ئادىمىنى بىزگە ھۇنەر ئوگىتىشكە بۇيرىدى مەن ئاللىقاچان ئۇ رەھىمسىز جازانىخورلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم .ئەتىسى سەھەردە بىز يەنە نەچچەيلەن بىللە بازارغا ماڭدۇق بۇگۇن ئۇلار بىزنى سەي-كۆكتات بازىرىغا ئېلىپ كەلدى بىرسى ماڭا ئۇدۇلىمىزدا سودىلىق قىلۋاتقان بىر خەنزۇنىڭ سومكىسىنى كورسىتىپ تۇرۇپ پۇلنى ئېلىپ كىلشكە بۇيرىدى .قورقىنىمدىن ماقۇل بۇلۇپ سومكا تەرەپكە قاراپ ماڭدىم .قۇلۇمنى ئاستا سومكىغا ئۇزاتىتم ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئالەمنى بىر ئالدى ئۇ خەنزۇ بىر نىمىلەرنى دەپ مىنى تىللاۋاتاتتى ئولمەكنىڭ ئۇستىگە تەپمەك دىگەندەك قۇش(كەينىمىزدىن ماڭىدىغان ئادەم)تىن بولىشىغا تاياق يىدىم . ئاغزىدىن ئادەم ئاغزىغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ ۋۇ لەقۋا ئاخشام ئوگەتكەنلىرىم نەگە كەتتى دەپ بىر تەرەپتىن تىللىغاچ بىر تەرەپتىن قاتتىق ئۇردى كەچتە سالپىيىپ ياتاققا كەلدىم . بىر شۇملۇقنىڭ ماڭا يېقىن كىلۋاتقاندەك قورقۇنۇچ ئىچىدە تۇردۇم.خۇجايىن قېشىمغا كىلىپ قۇلۇمنى چىقىرىشقا بۇيرىدى مەن قۇلىمنى چىقاردىم ئۇ قۇلۇمنى ئىنتايىن قاتتىق سىقتىدە قۇلىنى بىر نەرسىگە شىلتىدى ئامبۇر،چۇكا نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي قورقىنىمدىن تتىرەپ تۇردۇم .ئۇ قۇلىغا چۇكىنى ئالدىدە بارماقلىرىم ئاراسىغا قىستۇرۇپ قولۇمنى چىڭ سىقتىدە ئامبۇر بىلەن چۇكىنى بىر تولغىۋىدى.بىر ئۇنۇم ئاسمان بىر ئۇنۇم يەرقاتتىق چىقىراپ كەتتىم .قۇلۇم زىڭىلداپ قاتتىق ئاغرىپ چىدىيالماي قالدىم ئۇ قۇلۇمنى ئاستا بوشۇتۇپ .بۇ تۇنجى قېتملىقى ساڭا رەھىم قىلدىم ئەمدى پۇل تاپالمىساڭ قۇلۇڭنى سۇندۇرۋېتىمەن دىگىنىچە چىقىپ كەتتى .قۇلۇمنىڭ ئاغرىقى دەسىدىن كۇزۇمگە ئۇيقۇمۇ كەلمىدى. ئەتە تاڭ ئاتسا قېچىپ كىتىمەن دەپ ئويلۇدۇم ئىچىمدە !!!!!!!!!!!!!!ئەتىسى سەھەردە بىزنى بازارغا يەنە ئېلىپ ماڭدى بازارغا بېرىپ قېچىش پۇرسىتى ئىزلەپ ئۇلارنى ئېزىقۇرۇپ ئاخىرى قاچتىم نەدىنمۇ بىلەي مىنى ئۇلار بىردەمدىلا تۇتىۋالدى ياتاققا باشلاپ ئېلپ كىلىپ قاتىتىق ئۇردى..........................................
ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن ھۇشۇمغا كىلىپ قارىسام ئۇستىبىشىم قان قۇلۇمدىن ئېسىقلىق ھالدا تۇرۇپتىمەن شۇنداق قىلىپ ئككى يېرىم يىل مۇشۇ قارا ئۇۋىدا ئۇلارغا شوركا بۇلۇپ تاماقنى ئازيەپ تاياقنى جىقراق يەپ كۇنلۇرۇم ئوتتى .مەنمۇ خېلى يىتىشىپ قالدىم. شۇندىمۇ يۇرتۇمغا قايتىشنى ئانامنى كۇرۇشنى ھەربىر مىنۇتمۇ خىيال قىلىپ يۇردۇم پۇرسەت تېپىپ قېچىشنى ئويلاپ يۇردۇم بىر كۇنى گۇاڭجۇ جۇڭسەدە بىر خەنزۇ ئايالنىڭ سومكىسىغا قول سېلۋاتقىنىمدا ساقچىلارنەخ مەيداندا مىنى تۇتۇپ ساخچىغانىغا ئېلىپ كەلدى نۇرغۇن گەپلەرنى قىلغان بولسىمۇ زۇۋان سۇرمۇدۇم(بىزگە شۇنداق قىلىشنى ئوگەتكەن ئىدى ھەم مەن خەنزۇ تىلىنى بىلمەيتىم ) ئۇلار مىنى ئازراق ئۇچۇغداپ بۇلۇپ تۇن يېرىم بولغاندا قاراڭغۇ ماشىنىغا سولاپ بىر تاغنىڭ ئارىسىغا تاشلاپ كىتىپ قالدى مەن قەتئى نىيەتكە كىلىپ كۇن پېتىش تەرەپكە قاراپ ماڭدىم توپتوغرا ئۇچ كۇن بولغاندا قورساقنىڭ ئاچلىقىدىن ھۇشۇمدىن كەتىتىم ھۇشۇمغا كىلىپ يەنە ماڭدىم توتىچى كۇنى بىر نەچچە قېتم ھۇشۇمدىن كەتتىم.شۇنداقتىمۇ يەنىلا ماڭدىم . قۇلاق تۇۋىمدىن ماشىنىلارنىڭ ۋىژىلداپ ئوتكەن ئاۋازى ئاڭلاندى كوزلىرىمگە دۇنيا شۇنداق قاراڭغۇ غۇۋا كۇرىندى تېڭىرغىنىمچە ئاستا مىدىرلاپ بېشىمنى كوتىرىشكەئۇرۇندۇم يۇ بېشىمنى كوترەلمىدىم .بۇمىنىڭ تاماق يىمەي بىر تىمىممۇ سۇ ئىچمەي پىيادا يول مېڭۋاتقىنىمغاتوپتوغرا ئالتىنچى كۇن ئىدى شۇندىمۇ ھاياتقا بولغان تەلپۇنۇشۇم ئانامغا بولغان سېغېنىشىم ماڭا يەنە بىر خىل كۇچ قۇشۇپ ئورنۇمدىن دەس تۇردۇمدە يەنە ئالدىمغا قاراپ ئىلگىرلىدىم
خاتىمەمەن يۇرتۇمغا كەلگەن چېغىمدا مومام بۇ دۇنيادىن ئاللىبۇرۇن خوشلاشقان بۇلۇپ مىھرىبان ئانام بۇدۇنيادا تىكەندەكلا يالغۇز قېلپتۇ . ھازىر بولسا كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ توغرا يولدا ھالال ئىشلەپ ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلۋاتمەن بۇنى يىزىشتىكى مەقسىدىم بەزەن بىر دوسلارنىڭ قارۇغىلارچە ئىچكىرگە بېرىپ ماڭا ئوخشاش ئاچچىق كەچمىشلەرنى ئوتكۇزمەسلىكىگە ۋە باشقىلارغا ئاچچىق ئىبرەت ئورنىدا ساۋاق ئالسىكەن دىگەن ئۇمۇتتە يوللۇدۇم
2009-يىلى2-ئاينىڭ4-كۇنى گۇمىدا يىزىلدى
مەنبە :ئاچچىق كەچمىشلىرىم
داۋامى :
http://www.axpaz.biz/bbs/read.php?tid-1938.html