مەن ھەممىلا يەردە ئۇيغۇر ! ...........

مەن ئۇيغۇر .
مەن ئۇزۇمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلكىمنى تۇغۇلىشىمدىن بىلەتتىم . لكىن ، ئۇزۇمنڭ يالغۇز ئەمەسلكىنى بەكمۇ كچىكىپ ھىس قىلدىم . بۇگۇن قۇلۇمغا تۇيۇقسىز بىر نەچچە يىل ئىلگىركى كۇندىلىك خاتىرەم چقىپ قالدى . ئۇ يىلى موسكىۋادىكى شۇ كىچىنى يەنە بىر قىتىم ئەسلىدىم .بەلكىم ھاياتىدىمكى ئەڭ خاتىرلىك بىر كۇن بۇلۇشى مۇمكىن .
موسكىۋاغا كەلگنىمگە بىر نەچچە ئايلار بولدى . لكىن مەكتەپتىن ،سىرتقا چقىش نىسىپ بولمىدى . تۇزۇم بەك چىڭ ئىدى .،ھەي ،نىسىمىنى دەي ، تۇزۇم چىڭ لكىن ، كەچتە مەكتەپ ياتاق دىرىزىسىدىن سرتقا بويننىڭىزنى سوزسىڭىز جۇپ - جۇپ بولىشىپ كەتكەنلەرنى كۇرگلى بولاتتى ، ياتاقتا ئىككى ئورۇس قىزى بىلەن بىر قازاق قىزى بار ئىدى .قازاق قىزى مەلكەنىڭ دادىسى بۇ جايدا چوڭ سودىگەر ،كارخانىچى ئىدى .،لكىن .بۇ قىز خىلى ئاسان چقىشىپ قالدىم . ئۇز قازاق تىلىنىمۇ ياخشى سۇزلىمەيسىمۇ،لكىن بىر ئاماللانى قىپ پىكىر ئالماشتۇراتتۇق .
چۇنكى ،مەن رۇسچىنى ئۇچ ياشلىق بالىچلىكمۇ بىلمەيتتىم .
كۇنلەر شۇ تەرقىدە ئۇتتى ، مەن رەسمىيەت ئۇچۇن بۇ يەردە تۇرۋاتقاندەك ،ياكى نىمىلەردىن ئۇزۇمنى قاچۇرۇپ ،ھەممنى ئۇنتۇش ئۇچۇن بۇ يەرگە كەلگەن ئىدىم،.لكىن ، مەن مەكتەپ ئىچىدىن چقالمىدىم ،سىرتىنى ،كەڭ مەيدانلارنى ،چوڭ كوچىلارنى ئايلانغاچ ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتىش ئۇچۇن ئارزۇ قىلدىم ، لكىن ، بىزنىڭ مەكتەپ ئچىدىكى تەكشۇرۇش ،ۋە تەييارلقىلرىمىز تۇگىمىدى .
بۇ كۇن بۇ يەردە بايرام كۇنى ئىدى ، لكىن نىمە بايراملقىنى ئىنىق چۇشەنمىدىم . مەكتەپ ئچىمۇ بەك قزىپ كەتتى ، چىراقلارنى ياساش بىلەن ئالدىراش بۇلۇشتى ، لكىن خىيالىم يەنىلا ئۇزۇم يالغۇز سىرتلارنى ئايلىنىش ئىدى ، تۇيۇقسىز مەلىكە قۇلۇمدىن تارتىپ ياتاققا ئىلپ كىردى . ئۇنىڭ دىگەن گەپلىرىنى چالا پۇچۇق ئاڭقىرالىدىم . ئۇ بۇگۇن مىنى كەچتە مەكتەپ سىرتىغا چقىپ ،بىر جايغا ئلىپ بارىمەن دىدى .
مەكتەپتىن ئوغىرلقچە قاچىدىغنىمىز ئىنىق ئىدى . بۇغۇ مەن ئۇچۇن بەربىر ئىش ئىدى .......لكىن ، بۇ قىزنى يەنىلا تولۇق چۇغەنمەيتتىم .ئەمما، سىرتقا چقىپ ئايلىنپ كىلىش ئارزۇيۇم مىنى تنىچ قويمىدى . مەن ماقۇل بولدۇم .
كەچ كىردى . باشقا بىر نەچچە مەن تۇنۇمايدىغان باشقا ياتاقتىكى بىرنەچچە رۇس قىزلرىمۇ كىرىپ كىلىشىتى ، ئۇلار دەھشەت ياسنىۋالغان ئىدى .. ئون يەتتگىمۇ كىرمىگەن ئىدىم ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىمغنىمغا قويماي مىنى بىر قسىملا ياساپ قۇيۇشتى . ...خەيىر دەپ ،بىز كەينى دەرۋازىدىن ئارتىلدۇق ..
مەن ئاخىرى بۇ دەرۋازىدىن چىقتىم ، بەك ھاياجانلاندىم ، لكىن يوللار ناتونۇش ،كىشلەر ناتونۇش .....بىر قارا پىكاپ ئالدىمىزغا كەلدى . مەلىكە قۇلۇمدىن تۇتۇپلا ماشنىغا چىقاردى ، ماشنا خىلى چوڭ ئىدى ،. ماشنا ھەيدىگەن بىر ئورۇس ئىدى ، كەينىگە ئۇرۇلۇپ ھەممىزگە بىر قۇر قاراپ چىقتى ، ئۇ ماڭغا قاراپ بىرنىمىلەرنى دىدى ، ئۇ ئەبلەخنىڭ چىرايىنى كىشنى بىر قسىما قىلاتتى ، مەن تەمتىرەپ مەلكىگە قارىدىم ،مەلىكە كىيىن ئۇنىڭغا بىرنىمىلەرنى دىدى . ئۇ قاقاقلاپ كۇلۇپ كەتتى . مەن ماشنا دىرىزىسىدىن سىرتنى كۇرگۇم كەلدى .ئەپسۇس دىرىزە قاپقارا ئىدى ،سىرتنى كۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، بەك ئۇزاق ماڭدۇق ،ئەمدى ئىچىم سقىلىشقا باشلىدى ، لكىن ،ئۇزۇمنى ئاللقاچان چوڭ بولدۇم دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم .
بىز ماشنىدىن چۇشتۇق ، بۇ بىر ئولتۇراق رايۇن ئىدى ،. مەن ئۇلارنىڭ يىغىلىش ،بايراملارنى كۇپنچە مۇشۇنداق جايلاردا ئاددىي يىغلىپ تەبىركلەيدىغننى ئاڭلىغان ئىدىم، لكىن ئەتراپتا تاش يول ، ھەم باشقا ئولتۇراقلار يوق ئىدى ، تىخىمۇ چەتنى قاراڭغۇدا كۇرۇشكە ئامال بولمىدى . بىز ئۇچىنچى قەۋەتتىكى بىر ئۇيگە كىردۇق . ئۇي ئىچى بەك چىرايلىق زىننەتلەنگەن ئىدى ،ئىچىركى ئۇيدىن دىسكو موزىكىسى چىقىۋاتاتتى ، ئون نەچچە ئادەم بوپ تاماق يىشيىشتۇق ، مەلىكە ئىككىمىزدىن باشقىسى ئۇرۇس قىزلىرى ئىدى ، ئىشىك چكىلدى ، توساتتىن ،بىر بىر توپ ئۇرۇسلار كىرىپ كەلدى ، ماڭغا پەقەت قىزلار يىغلىشى دىگەن بولغاچقا ، مەلىكەنى ئىزدىدىم ، لكىن ئۇنى تاپالمىدىم. چقىپ كىتەي دىدىم ،لكىن چقىپ كەتسەممۇ يولنى بىلمەيتتىم ، ئاشخانىغا كىرىپ ئۇنى ساقلاشقا باشلىدىم، ئۇلار بىر ئىككى سائەتچە دىسكو ،ھەم ناخشلارنى ئىيتىشىپ تاماشا قىلشىتى ، بىرنەچچەيلەن كىرىپ قۇلۇمدىن تارتىتى ، زىنھار چىققىلى ئۇنمىدىم، چۇنكى ، ئۇلاردىن بىر يىرگىنىشلىك پۇراق كەپلا تۇراتتى ، مەن يىغلىمىدىم، يىغلىسام بولمايتتى ، لكىن مەلىكە يەنىلا قايتىپ كەلمىدى ، مەن باشقا بىرنەچچە قىزغا بىر ئامال قىپ مىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قۇيۇشقا ياردەم سوراش ئۇچۇن ،مىھمانخانىغا كىردىم ، ھەم داڭ قىتىپلاقالدىم ، پەقەت بىرنەچچە ئۇرۇس بالا ھاراق ئىچىپ ئولتۇراتتى ، قالغانلار يوق ،لكىن ياندىكى ئۇيلەرنىڭ ئىشكى چىڭ تاقاقلىق ئىدى ، كىرسلودا چاپنىم بىلەن سومكام بارئىدى ، قۇلۇمغا ئالدىم ، ئۇچقاندەك يۇگۇرۇپ سرتقا ئىتىلدىم ، كىم بىلسۇن ، بىرنەچچە ئادەم بىرنىمىلەرنى قاتتىق توۋلاپ قوغلاپ چۇشتى ، نىم بولغنىمنى بىلمەيمەن ، قاراڭغۇدا جىنىمنىڭ بارىچە يۇگرەپ كىتۋىرىپتىمەن ، ئۇلارنىڭ ئاللبۇرۇن توقاپ كەتكىننىمۇ تۇيماپتىمەن، بىرچاغدا يەرگە يىقىلدىم ، بىشىمنى كۇتۇردۇم ، تاشيول ، ماگزىنلار كۇرۇندى ،.كۇڭلۇم سەل جايىغا چۇشتى ، لكىن سىرىت بەك سوغۇق ئىدى ،مەكتەپ رادئوسىدىن دائىم بۇ يىلقى سوغۇقتا نەچچە ئادەمنىڭ توڭلاپ سىرتتا ئۇلۇپ قالغننى ئاڭلاپ تۇراتتۇق . مەن بەكمۇ نىپىز كىيىنگەن ئىدىم، ئەقلىم ھەيران مەن توڭلاپ ھۇشۇمدىن كىتەي دىدىم ،لكىن يىغلىمىدىم ، يىغلىغۇم كەلدى ،لكىن ،يىغلسام بولمايدۇ دەپ ھەربىر قەدەمنى ئلىپ ئۇزۇممۇ بىلمەي بىر يوللارغا ماڭدىم .،..
شۇنچە كۇرۇغشنى ئارزۇ قىلغان ،شەھەر مەنزىرىسى ماڭغا ھازىر قارا چۇشتەك ،قارا باسقاندەك تۇيۇلدى ......
كوچىدىكى ئاشىق مەشۇقلار ،ھەم ناتۇنۇش ئالدىراش بايراملىق مىڭىشقان خۇشال ىۇراملىققا چۇمگەن كىشلەر ...........لكىن ،ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ مىنى تونىمايدۇ ، ياق ،بۇ شەھەردە ھىچكىمنى تونىمايمەن ، شۇنداقتىمۇ يىغلىسام بولمايدۇ ، ھەرقانچە توڭلىساممۇ ،يىغلىسام بولمايدۇ ، ئەمما بىر تۇۋرۇككە يىقىلپ قالدىم ، مەن ماڭالمىدىم، چوڭ چەمبىرەك مەيداننىڭ چىتىدىكى بىر چىراقنىڭ تۇۋرىكىگە يۇلىنپ يىقىلپ قالدىم. كوچىدا بارا بارا ئادەم ئازلىدى ، بەزىلەر ماڭغا قاراپ قۇيىشاتتى ،لكىن ، ئالدىراش ئۇز ئىشغا مىڭىشتى ، ئۇلار مىنى كۇرمىگەنمىدۇ ؟ بىلمىدىم ، لكىن ، شۇ تاپتا كۇزۇمگە يۇرتۇم ،ئائىلەم ، قىرىنداشلىرىم كۇرۇنۇپ تۇراتتى ،،،،،،،
بەزىدە بارغانسىرى ئازلاۋاتقان ئادەملەرنىڭ چىرايىغا تەلمۇردۇم ،ئۇلارنىڭ منى قۇتقۇزۋلىشنى ئەمەس. ئۇلاردىن بىرنىڭ مۇجىزە بوپ ئۇيغۇر بوپ قىلشنى تەلمۇردۇم .ئەپسۇس ، مەن قوي كۇزلۇك ،قارا چاچلىق ، بۇغداي ئۇڭلۇك ،بىرەر تونۇش چىراينى تاپالمىدىم.......
قۇلۇم ، پۇتۇم سىزىمىنى يوقۇتۇپ بولاي دىدى .......يۇركىم شۇ بىر پەس بىرپەس سوقۇپ تۇراتتى ، يىراقتىن بىر قارا پىكاپ كۇرۇندى ، لكىن ،سىنچىلاپ قاراشقا ماغدۇرۇم ،سىزمىم يوق ئىدى ، بىرەيلەن مەن تەرەپكە قاراپ كىلۋاتاتتى ، ئۇ بارغاسىرى يىقىنلاشتى . ئۇنىڭ قويدەك قاپقارا كۇزلىرى ،ئاق ئارلاشقان قارا چاچلىرى ، ئوتتۇرا ھەم بەسىتلىك بويى ، قاپقارا ساقىلى ، قۇرۇقلىرى چوڭقۇرلاشقان پىشانىلىرى بارئىكەن . كۇزۇمگە شۇنداق كۇرۇندىمۇ دەپ ئۇنىڭغا تىخىمۇ سىنچلاپ قارغۇم كەلدى ، لكىن ، كۇزۇم يۇمۇلۇپ كىتىۋاتتى .....
- ھوي بالا، كۇزۇڭنى ئاچقىنە ، ئۇيغۇرمۇ سەن ؟ ماڭغا قارا ، بىشڭنى كۇتۇرە ،بىر ئىش بولدىمۇ ؟
قۇلۇم سىزىمنى يۇقاتقان بولسىمۇ ،ئۇ كىشنىڭ قۇلۇمنى تۇتقىننى بىلدىم، كۇڭلۇم جايىغا چۇشكەندەك ، ئەمدى ئاستا كۇلۇمسىرەشكە باشلىدىم .
كۇزۇمنى ئاچتم ،بىر چىرايلىق گىلەم ئارتىلغان ئۇيدە ،يىنىمدا مەن بىلەن تەڭتۇش بىر قىز ئولتۇراتتى .
- قانداقراق تۇرىسز؟ سىز ئۇيغۇر مۇ ؟
-مەن ئۇيغۇر. سىزكىم ؟ مەن قانداق بوپ بۇ يەردە .............
- ئاخشامكەچتە ،دادام سىزنى كۇتۇرۇپ كىردى ،بايا ئوكۇلڭىز تۇگىگەن ........مىنڭ دادام ئۇيغۇر، سىزگە بىر كىچە ئۇخلىماي قاراپ چىقتى ،.......
-سىزمۇ ئۇيغۇركەنسىزغۇ ؟
-شۇنداق ، ،لكىن ،ئۇز ئاتا ئانام قازاق ،ئۇلار ئۇلۇپ كىتىپ دادام چوڭ قىلدى ، ئۇلار بۇرۇن يىقىن دوسلاردىن ئىدى .....دادام مىنى كىلەر يىلى يەنە شىنجاڭغا ئىلپ ساياھەت قىلشىقا ۋەدە بەرگەن ،ئۇ ئۇزى پات پات بارىدۇ ،لكىن مىنى ئلۋالمايدۇ .......سىزنىڭ يۇرتىڭىز شىنجاڭمۇ؟ئاتا ئانىڭىزچۇ ؟
مەن بۇلارنىڭ ھەممىنى سۇزلەپ بەردىم ،...........ئىشكنى ئىچىپلپ ، مەن ئاخشام ئاخىرقى كۇرگەن ئەنەشۇ كىشى كىرىپ كەلدى .
لكىن ئۇنىڭ قاپىقى تۇرۇلگەن، كۇزلىرى غەزەپلەنگەن ھالدا ماڭغا قاراپ تۇراتتى ..
- ئۇيغۇرمۇ سەن ؟
-ھە........(ئارانلا شۇنى دىدىم )
- شورى قۇرغۇر،ئاناڭچۇ ؟ داداڭچۇ ؟ ئۇيۇڭچۇ ؟ئۇستى بىشىڭ نىمە ئەمدى ؟
يىىنمدىكى بايا قىز ئۇ كىشنى تارتىپ ئىلپ چقىپ كەتتى .
بىر ئازىدىن كىيىن ،ئۇ كىشى يەنە كىرىپ كەلدى .
- ئىسمڭ نىمە ؟
- .......
نەچچىگە كىردىڭ ؟
_......................
بەك قوپال ئاۋاز ئاڭلىنۋاتقان بولسىمۇ ،لكىن ،ئۇ ئالدىمدىكى ئەڭ قەدىردان ئادەم ئىدى ، نىشمىقىكىن ،ئەمدى يىغلىغۇم كەلدى ، ئۇنىڭغا ئىتىلپ تازا يىغلىۋالغۇم كەلدى ،شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق قاراپ تۇراتتىم .،
_ ....شۇنچە كىچىك تۇرۇپ خىلى غەيرەت قپسەن ، مەكتىپىڭگە تىلفۇن قىلدىم، ئۇيۇڭگە تىخى خەۋەر قىلماپتۇ ،. قوسقىڭ ئاچىتمۇ بالام ؟ نىمە يەيسەن ؟
،نىشمىقىكىن ئەمدى ئاۋازى تىترەشكە باشلىدى ......
ئۇنىڭ مۇرىسىنى چىڭ تۇتۇپ ،تازا يىغلىدىم ._
_مىنى مەكتەپكە ئەمەس،ئۇيۇمگە ئاپىرىپ قۇيۇڭ ،،،،،،،،،،،مەن ئۇ يەرگە ئەمدى بارمەيمەن .....
شۇ كىشنىڭ ئاخىرقى سۇزى تا ھازىرغىچە ئىسىمدىن كىتىپ قالغنى يۇق :
- ئەقلى يۇق ، يۇرتۇڭ .ئۇيۇڭ ، ئائىلەڭ ، يىراقتا ئەمەس، ............قەلبىڭدە ،يۇرىكىڭدە ،،،،،،،سەن ئەزەلدىن ئۇز يۇرتۇڭنى ،ئۇيۇڭنى ئۇچرىتىپ باقماپسەن . بۇ قىتىم ھەقىقەتەن ئۇز يۇرتۇڭغا ، ئائىلڭگە قايتىپسەن .....مىللتىڭ ، ئۇيغۇرۇڭ ، ئەمدى ساڭغا تونۇشلۇق بىرىپتۇ .
داۋامى بار.....
مەنبە؛ .........يىلدىكى كۇندلىك خاتىرە .