axtuzi
باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ&nb ..

دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 64
نادىر تېما : 26
يازما سانى : 1414
شۆھرىتى: 14524 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 26790 دوللار
تۆھپە: 153 ھەسسە
ياخشى باھا: 2022 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

قورۇما تاماقلارنى پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنىڭ موھىملىقى توغرىىسى

نۆۋەتتە خېلى كۆپلىگەن ئوتتۇرا – كىچىك تىپتىكى ئاشپۇزۇللار ۋە ئائىلىلەر ئۆزلىرى مىڭ بىر جاپادا تەرلەپ پىشىپ  تۈجۈپىلەپ راسلىغان قورۇمىلىرىنى پىشۇرۇپ بولوپلا ئارقىدىن ياخشى بىر تەرەپ قىلماي قورۇمىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ ، مىھمان كۈتۈش ئۈنىمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئادەتتە قورۇما – تاماقلارنى پىشۇرۇپ بولۇپ مىھمانلارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق بىر تەرەپ  قىلىنىسا ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويۇلغاندەك ياكى گۈلى – گۈلىگە كەلتۈرۈلگەندەك مۇكەممەل ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ . بۇنىڭدا تۆۋەندىكى 3 تەرەپكە دىققەت قىلىنسىلا كۇپايە:
1.    قورۇما – تاماقنىڭ رەڭگىنى بىرتەرەپ قىلىش
قورۇما تاماقنىڭ رەڭگى پىسخىكىلىق تەمگە تەۋە بولۇپ كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق تېتىلىدۇ. شۇنداقلا ئۇ قورۇما تاماقنىڭ ئادەمنىڭ تەم سەزگۈ ئورگانىزىملىرىغا بېرىدىغان تۇنجى ئىنكاسى ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى تېتىپ تەم  تېتىشتىن بۇرۇن كۆرۈپ تەم تېتىلىدۇ.بۇ نوقتىدىن قارىغاندىمۇ قورۇما تاماقنىڭ رەڭ، شەكىل ئامىللىرى كۆڭۈل بۆلۈشكە ناھايىتى ئەرزىيدىغان ساھە ھىساپلىنىدۇ. قورۇما – تاماقنىڭ رەڭگى ئاساسلىقى خام ئەشيالارنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئى رەڭگى بىلەن تەمخۇرۇچ رەڭگى ۋە ئىسسىقلىق تەسىرىدىن رەڭ ئۆزگۈرۈشلىرى ئارقىلىق ۋۈجۈتقا كەلتۈرۈلىدۇ.مۇتلەق كۆپ ساندىكى قورۇمىنىڭ رەڭگى پىشقىچە بەلگىنىپ ھاسىل قىلىنىپ بولىدۇ.لېكىن يەنە ئۇنىمۇ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلسا ئەسلىدىكى رەڭگىدىن تولۇق، ئوچۇق ، يارقىن بولۇپ قورۇما تېخمۇ جۇلالىنىپ سېھرى كۈچى ئاشىدۇ.  ① چوڭ ۋە پۈتۈن قورۇمىلار، مەسىلەن پۈتۈن قوي كاۋىپى ، غاز كاۋىپى ۋە قاينىتىپ پىشۇرۇلغان توخۇ ، غاز قوي ، كالا گۆشلىرىنى پىشۇرۇپ بولغاندىن  كېيىن كۈنجۈت مېيى سۈركەلسە تېخىمۇ يالتىراق نۇرلۇق بولغاننىڭ ئۈستىگە شامالداپ قۇرۇپ قالمايدۇ ھەم قارىدىمايدۇ. ② قورۇمىنىڭ ئوخشاش بولمىغان سۈپەت تەلىپىگە قاراپ ، ئۇلار پىشقاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردىكى قىزىلمۇچ يېغى ( قىزىلماي ) ياكى رەڭلىك تەمخۇرۇچلار قېتىلسا ، (يەنى سۇيۇق ئاش، شورپا ۋە شىرىلىك قورۇمىلارغا) رەڭگى قىزىل يالتىراق بولۇپ ئىشتەينى ئاچىدۇ. قىزىلمۇچ يېغىنى تەييارلاش ئۇسۇلى ئاددى بولۇپ ئۇۋاق قىزىلمۇچنى قايناقسۇ بىلەن نەم قىلىپ قىززىق ياغنى قۇيۇپ ئارىلاشتۇرسا ياكى قازاندىكى سوغ ياغقا قىزىلمۇچ ئۇۋىقىنى سېلىپ ئاستا – ئاستا قىزدۇرۇلسا تەييار بولىدۇ. ياغنى زىيادە قىزدۇرۇپ قىزىلمۇچ ئۇۋىقىنىڭ كۆيۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىش لازىم. ③ قورۇمىلار پىشقاندىن كېيىن يېشىل ، قىزىل، ئاق رەڭلىك ماتېرياللارنى ئۈستىگە چېچىش ئارقىلىق رەڭ ئۈنىمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولىدۇ.مەسىلەن ئالتۇن سېرىق رەڭدىكى قورۇمىلارنى تەخسىگە ئۇسۇپ بولغاندىن كېيىن ئاشكۆكى ، قىزىلمۇچ ئۈگرىسى، پىياز قاتارلىقلارنى چېچىش ، شورپىغا ئاشكۆكى ، پەمىدۇر توغرالمىسى چېچىش ئارقىلىق رەڭگىنى تېخىمۇ تولۇقلىغىلى بولىدۇ.كاۋاپ تۈرىدىكى ياكى قۇرغاق قورۇمىلارنى تەخسىگە ئالغاندا ئاستىغا كۆكتات يوپۇرمىقى تىزسا چىرايلىقلىشىدۇ.
          2. تەمنى بىر تەرەپ قىلىش
       تاماق قورۇمىلارنىڭ تەمى ماتېريالنىڭ ئەسلى تەمى بىلەن ئۇنىڭغا قوشۇلغان تەمخۇرۇچلارنىڭ تەمىدىن ھاسىل بولىدۇ.كۆپلىگەن  قورۇما تاماقلارنىڭ تەمى پىشۇرۇشتىن بۇرۇن ۋە پىشۇرۇش جەريانىدا تەڭشەپ بېكىتىلىدۇ. لېكىن قورۇمىلارنىڭ خاس تەملىرى ياكى ھەر – بىر كىشىنىڭ تەم  تەلىپىگە ئاساسەن يەنە مۇۋاپىق تەم تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ① قورۇمىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەم تەڭشىگەندە پىشقاندىن كېيىن تەم تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ ، بولۇپمۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى سوغ قورۇمىلارنىڭ تەمى پىشقاندىن كېيىن تەڭشىلىدۇ. مەسىلەن پىششىق گۆشكە تۇز چېچىش ، تۈگۈرە ، بولاق مانتىلارغا مۇچ مۇرابباسى( لازىجان) بىلەن  ئاچچىقسۇغا مىلاش؛ مۇچ مىرابباسى ( لازىجاننىمۇ تۈجۈپىلەپ ياساش كېرەك ، مەسىلەن يېڭى قىزىلمۇچ بىلەن كۆكمۇچنى جىقراق، پەمىدۇر بىلەن سامساق سوڭپىيازنى ئازراق قىلىپ ئۇلارنى ئۇششاق چاناپ مۇۋاپىق تۇز قوشۇپ قىززىتىلغان ياغ قۇيۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ  راسلانسا ناھايىتى يىيىشلىك بولىدۇ. مەززلىك پۇراقلىق بولسۇن دىسىڭىز بىر قوشۇق كۈنجۈت مېيى تېمىتىۋەتسىڭىزياكى  ئاقلانغان كۈنجۈت قوشسىڭىز  بولىدۇ.   ②  بەزى قورۇمىلار ياكى تاماقلارغا پىشىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق تەم كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ ئاساسلىق مۇقىم تەم يەنىلا پىشقاندىن كېيىن تەڭشىلىدۇ. مەسىلەن قۇرغاق داغلاپ پىشۇرۇلغان بېلىق ، توخۇ، گۆشلەر ۋە پىشىپ بولغاندىن كېيىن تەم سۈيى قۇيۇلىدىغان ئاچچىق -چۈچۈك  ۋە بشقا تەملىك قورۇمىلار. يۇقۇرقىلارنىڭ ماتېرياللىرى مايدا ياكى قاسقاندا پىشۇرۋېلىنغاندىن كېيىن ئۈستىگە تەم سۈيى تەييارلاپ قۇيۇلىدۇ. ③  يۇقۇرى تېمفراتورادا خۇسۇسىيىتى ئۆزگۈرىدىغان تەمخرۇچلارنى قورۇمىلار پىشقاندىن كېيىن سالغان ياخشى . مەسىلەن، تەم جەۋھىرى ( تېتىتقۇ) ℃ 100 تىن يۇقۇرى قىززىقلىققا يولۇققاندا تەركىۋىدىكى ناترىي گېلتامات كۆيۈك ئاممونىيغا ئۆزگۈرىدۇ. بۇ كىشىلەرتېنىگە زىيانلىق ماددىغا ئايلىنىدۇ.شوڭا بىز قورۇمىلار پىشىپ قازان ئوتتىن ئېلىنىپ تېمفراتورا 60-℃  90   ئەتراپىدا بولغاندا سالسا ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمىز. يېشىل يۇمران كۆكتات - ئاشكۆكىنىمۇ تاماق پىشقاندا سالسا پۇرىقى مەززىلىك بولىدۇ.
      3.   شەكىلنى بىر تەرەپ قىلىش
     كۆپ ساندىكى قىززىق قورۇمىلارنىڭ خۇرۇچلىرى توغراش ئارقىلىق شەكىلگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئايرىم قورۇما بىلەن سوغ قورۇمىلار پىشىپ بولغاندىن كېيىن توغراش ، تىزىش ئارقىلىق مۇ ئەييەن شەكىلگە كىرگۈزىلىدۇ. مەيلى قايسىخىل قورۇما – تاماق بولسۇن پىشىپ بولغاندىن كېيىن شەكلىنى تۈزەشتۈرۈش ئىنتايىن موھىم. ① ماتېريالنىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن قورۇمىنىڭ خاسلىقى سەۋەبىدىن بەزى خام ئەشيالار پىشىپ بولغاندىن كېيىن شەكىلگە كەلتۈرۈلىدۇ. مەسىلەن پىششىق قېزا توخۇ ، غاز ، تۇخۇم قاتارلىقلارنى ئاشۇ پۈتۈن پېتىچە داستىخانغا ئاچىققىلى بولمايدۇ.شوڭا ئۇلارنى توغراپ مۇئەييەن شەكىل ھاسىل قىلىپ تەخسىگە تىزىپ ئاستىغا كۆكتات يوپۇرمىقى ئەتراپىغا گۈل تىزىپ ئوبرازىنى تېخمۇ كۈچەيتىپ قىممىتىنى ئاشۇرغان  ياخشى. ھەتتە قاسقاندا پىشۇرۇلغان مانتا قاتارلىقلارنىمۇ تەخسىگە قالايمىقان سالماي مۇئەييەن شەكىل چىقىرىپ تىزغان تۈزۈك. مەسىلەن، مانتىنى ئۈچ بۇلۇڭ ، رومبا ، كۇۋادرات، چەمبەر شەكىللىرىدە تىزغىلى بولىدۇ.  ② ئادەتتە شەكلى كىچىك خام ئەشيالاردىن راسلانغان قورۇمىلارنى تەخسىگە ئۆرىدەپ ئۇسىغاندا جىق ، تولۇق كۆرۈنىدۇ ھەم  شەكلى ئەڭ چىرايلىقلىرىنى قورۇمىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقىرىپ قويۇش كېرەك.مەسىلەن پولو ، پۇرچاق ئۈندۇرمە قورۇمىسى ۋە ئادەتتىكى گۆش قورۇمىلىرىنى ئۆرىدەپ ئۇسۇپ چىرايلىقلىرىنى ئۈستىگە چىقىرىپ كويۇش لازىم.ئەينى شەكلى كۆركەم پۈتۈن پىشۇرۇلغان قورۇما مەسىلەن بېلىققا ئوخشاشلارنى ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئېسىل تەخسىنى تاللاپ بېلىقنىڭ چىرايلىق تەرىپىنى ئۈستىگە قارىتىپ ئۇسقان ياخشى . بۇلار جەزمەن تۇلۇق مۇكەممەل بولىشى كەمتۈك بولماسلىق لازىم.    ③  قورۇما ئۇسۇلغان تەخسىنى زىننەتلەشمۇ ئۇنىڭ شەكلىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ. ئادەتتە قورۇما ئۇسۇلىدىغان تەخسىلەرنىڭ  گىرۋىكى ( سۇپىسى ) سىدام ئاق بولىدۇ. بۇ ئورۇننى جەزمەن ئۇستاملار ھۆنىرىنى چىقىرىپ زىننەتلىشىگە توغرا كېلىدۇ.بۇ ئۇستاملادىن مۇئەييەن بەدىئى دىت بىلەن  توغراش ھۈنىرىنىڭ بىرقەدەر يۇقۇرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.لېكىن بۇنداق زىننەتلەشنى بەك قىيىن دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بۇنىڭغا سەۋزە ، تەرخەمەك ، گىلاس ، غودۇر پەمىدۇر، قىزىلمۇچ ، كۆكمۇچ قاتارلىقلارنى نېپىز يېرىم چەمبەر ياكى ھالقىسىمان توغراپ تەخسىنىڭ سۇپىسىغا مۇئەييەن شەكىلدە تىزسىلا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا قورۇمىنىڭ شەكلى تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كىشىنىڭ زوۋقىنى كەلتۈرۈدۇ. يەنە چامغۇر ، سەۋزە ، تۇرۇپ تەرخەمەكلەردىن كىچىكرەك گۈل ئويۇپ تەخسىنىڭ بىكار يېرىگە ئاشكۆكى يوپۇرمىقىنىڭ ئارسىغا ئېلىپ تىزىپ قويۇلسىمۇ ياكى بەزى دۆۋىلەپ ئۇسۇلغان قورۇمىنىڭ چوققىسىغا ئاشكۆكى ئوتتۇرسىغا گىلاستىن بىرنى قويسىمۇ  ياخشىى ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدۇ.   ④زىياپەت قورۇما – تاماقلىرىنىڭ شەكلىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇش كېرەك.  بىر شىرە زىياپەتتە ئاز دىگەندە 8 خىل قورۇما- تاماق بولىدۇ. زىياپەت قورۇما تاماقلىرىنى راسلىغاندا ئۇلارنىڭ رەڭگى ، شەكلىنى ئوخشاش قىلىپ قويۇلماستىن ھەرخىل شەكىل ۋە رەڭدە بولۇشى ؛ شىرە ئۈستى گويا باغچىغا ئوخشاش رەڭگارەڭ بولۇپ كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان بولۇشى كېرەك.ئەگەر مەلۇم قورۇمىنىڭ شەكلى ياكى رەڭگىنىڭ ئوخشاش بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمىسا شىرىگە تىزغاندا ئايرىۋېتىش لازىم.  قورۇمىنى شىرىگە تىزغاندا بىر گۆشلۈك ، بىر گۆشسىز قىلىپ تىزىش ، ئىككى گۆشلۈكنى بىرگە ، ياكى ئىككى گۆشسىزنى بىر يەرگە تىزىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.(ئادەتتە بىزنىڭ زىياپەت شىرىلىرىمىزدە بۇنداق ئەھۋال ھەمىشە كۆرۈنۈپ تۇرۇدۇ.)  بۇنداق قىلغاندا زىياپەت شىرىسىنىڭ ئوبرازىنى يۇقۇرلىتىپ ، ئىستىمال قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
     گەرچە قورۇما پىشىپ بولغاندىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش قورۇما تاماققا نىسبەتەن كىشىلەر نەزەر سالمايدىغان ئەرزىيمەيدىغان ئىشتەك قىلسىمۇ، لېكىن مەنىۋى مەدەنىيەتكە ، بەدىئى سەنئەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، قوساق تويغۇزۇشتىن كۆزنى تويغۇزۇشقا قاراپ ماڭغان  بۈگۈنكى كۈندە قورۇما تاماقنى ھەرگىزمۇ‹ پەردازسىز› مېھمان ئالدىغا چىقىرىشقا بولمايدۇ.



       بۇ  ماقالىنى  ئاشتۇزى  يازغان بىسوراق  ئىشلىتىكە  بولمايدۇ .
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-09-02 18:46 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

Ali_Telak

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 494
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 651
شۆھرىتى: 6575 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 15718 دوللار
تۆھپە: 16 ھەسسە
ياخشى باھا: 659 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئەجىرىڭىزگە بارىكاللا بىر سائەتلىك دەرىسلىك بوپتۇ
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-02 19:16 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

قىران

دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 647
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 443
شۆھرىتى: 4615 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 5542 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 494 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

كەسىپ ئەھلى دىگەن باشقىچە بۇلىدۇ جۇمۇ زادى.
ئاش تۇزى ئەپەندى .مۇنبىرىمىزنىڭ خاسلىقىنى ساقلاش ھەم تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىلا.
ھارمىغايلا!!!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-02 20:00 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( قىران ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئاشپەز
ئويغۇر تائاملىرىنى دۇنياغا يۇزلەندۇرەيلى

دەرىجىسى : مۇنبەرباشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 50
يازما سانى : 972
شۆھرىتى: 10336 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1013695 دوللار
تۆھپە: 103 ھەسسە
ياخشى باھا: 1418 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 752(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-22
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئاشتۇزىنىڭ ،مۇنبەر ئۇچۇن قوشقان توھپىلىرىنى ساناپ ساناپمۇ بولغىلى بولمايدۇ
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-02 20:11 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( ئاشپەز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۈمۈش
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 863
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 40
شۆھرىتى: 480 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1669 دوللار
تۆھپە: 13 ھەسسە
ياخشى باھا: 62 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-24
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

بەزى ئوتتۇرا ئاسىيالىق تونۇشلارنىڭ ئۆيىگە بارساق، ھېلىقى قورۇمىلارنى ياسىۋېتىشىگە قاراپ ئادەمنىڭ چوكا تەگكۈزۈپ بۇزغۇسى كەلمەيدۇ. ئىشقىلىپ بىر سەنئەت ئەسىرى دېسىمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. دېمىسىمۇ بىزدە قورۇمىلارنى بەك ياساپ كەتمەيدىكەنمىز، ئاشتۇزى ئۇستامنىڭ ئەجرىگە رەھمەت، مەنمۇ بۇندىن كېيىن داستىخىنىمنى تېخىمۇ كۆركەم ياساشنى ئۆگىنىۋالاي.
dital
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-03 02:28 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈمۈش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

نامسىزگۇل
دەرىجىسى : يېڭى ئوگەنگۇچى


UID نۇمۇرى : 1081
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرىتى: 65 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 160 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 8 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-09-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

رەھمەت كۆپ بىلىمگە ئىگە بۇلدۇم
katip
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-03 11:26 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( نامسىزگۇل ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

سرداش

دەرىجىسى : ئاشپەز ئۇستام


UID نۇمۇرى : 682
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 261
شۆھرىتى: 2695 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 2935 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 307 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 62(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ھارمىغايسىز.......................
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-03 17:45 |

 ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( سرداش ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ساغلاملىق بىلىملىرى

ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا