
«ئېلېكترون تېرە» نى كىيگەندىن كېيىن، ماشىنا ئادەم ئۇچراشقان ھەرقاندان جىسىمنىڭ ماتېرىيال سۈپىتىنى بىلەلەيدۇ
ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنۋېرسىتېتىدىن كەلگەن پىروففېسور ئالى.جاۋېييى بۇ تۇردىكى كەشپىياتقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ نىشانىمىز ئىنسانلارنىڭ تېرىسىگە ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە ماتىرىيال چىقىش، دىمەكچى بۇ خىل ماتىرىيالنىڭ تېگىشىشنى سېزىش ئىقتىدارى بولىشى كېرەك.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، مۇتەخەسىسلەر «سۈنئىي تېرە» كەشىپ قىلىپ چىققان بولۇپ، بىراق كۆپ قېتىم سىناق قىلىنغان بولسىمۇ مەغلۇپ بولغان. چۈنكى ئۇ ماتېرىياللار بەك قاتتىق ياكى ئىچىدىكى ئېلېكتىرون زاپچاسلىرىنىڭ سېزىمچانلىقى كۈچلۈك بولمىغان.
بۇ قېتىم ياساپ چىقىلغان يېڭى تىپتىكى «سۈنئىي تېرە» نىڭ ئىچىگە ناھايىتى كىچىك بولغان «نامى ئېلىكتىر ئۆتكۈزگۈچى سىم» ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇ خىل توپ زەنجىر ئەگرى-بۇگرى توك يولى تاختىسىنىڭ ئۈستىگە «بېسىلغان». شۇنداق قىلىپ ناھايىتى نىپىز «ئېلېكترون تېرە» بارلىققا كەلگەن.
تەتقىقاتچى خادىملار بۇ خىل «تېرە» نىڭ ماشىنا ئادەمگە ئىشلىتىلىشتىن باشقا يەنە كىشىلەرنىڭ يارلانغان پۇت-قول تېرىلىرىگە ئىشلىتىلىشىنى ئۈمۈد قىلدى.مەنبە:
شىنخۇا تورى