ئىنسان ئۆز ھاياتىدا ھەر خىل تەبىئىي نۇقسانلاردىن خالىي بولالمايدۇ. مەيلى ئۇ ئادەم ھەر قانچە قاملاشقان بولسۇن، ياكى ئەدەپ-قائىدىدە باشقىلارنى قانچىلىك دەرىجىدە بېسىپ چۈشكەن بولسۇن، ئۇنىڭدا مەلۇم بىر خىل تەبىئىي نۇقسان بولغان بولىدۇ. ئۇنداقتا كۆپ ھاللاردا ئىنسانلارنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكىدە نامايەن بولۇپ تۇرىدىغان بۇ نۇقسانلارنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ؟ مېنىڭچە، تامامەن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھەمىشە «سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ» دەپ قاراپ، ئۆزىدىكى بۇ نۇقسانلارنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ باقمايدۇ. دەرۋەقە كىشىلەرنىڭ ئۆزىدىكى نۇقسانلىرىنى ئۆزگەرتىش جەريانى تولىمۇ مۈشكۈل جەريان ھېسابلىنىدۇ. كىمدە كىم ئۆزىدىكى ئاشۇ نۇقساننى تۈگىتىش ياكى ئازايتىش ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەلىسە، ئۇنداقتا ئۇ غەلبە قىلغان بولىدۇ. شۇنداقلا بۇنداق كىشىلەر ھەممىدىن بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2010-يىلى21-سىنتەبىر
|