مۇتەللېپ
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 774
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 88
شۆھرىتى: 925 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 1050 دوللار
تۆھپە: 8 ھەسسە
ياخشى باھا: 154 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-07-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-23
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

خوتۇن-قىزلارنىڭ سەھەردىكى ئەنئەنىۋى تازىلىق ئادەتلىرى:
     تازىلىق-ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزۈكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىش دەرىجىسىنىڭ ئىپادىسى، مەنىۋى گۈزەللىكنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى، ساغلام ۋە روھلۇق بولۇشنىڭ كاپالىتى.
     تازىلىق ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ ئامىللارنىڭ بىرى.
     «ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل» دىگەن ماقال ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن باشلاپ تازىلىققا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مىللى پىسخىكىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.
    ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن ئەنئەنىۋى ئىش تەقسىماتى نەتىجىسىدە خوتۇن-قىزلار بالا بېقىش، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، ئائىلە تازىلىقى ۋە مۇھىت تازىلىقى قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ھەممىسىدە تازىلىق مەركىزى نۇقتا قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۈندىلىك ئائىلە  ئىشلىرىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى سەھەردىكى ئاممىۋى تازىلىق پائالىيتىدىن باشلايدۇ.  ئۇيغۇرلار ئارىسىدا« بۇ ئايالنىڭ قېشىغا قاراڭ، قاچىسىنىڭ تېىشغا(قاراڭ)» ، «ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خوتۇن ئۇخلاپ تۇرۇپ، كۇلۇڭ كولايدۇ» دىگەن تەمسىلنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ سەۋەپسىز ئەمەس. دەرۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا تازىلىقنى ئاياللارنى باھالايدىغان ئاساسىي ئۆلچەم قىلغان. كۈندىلىك تۇرمۇشتىمۇ ئەرنىڭ ياقىسىنىڭ كىر ياكى پاكىزلىقىغا قاراپ ئايالنىڭ قانداق تەبىئەتلىك كىشى ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلەيدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئانا بولغۇچى قىزىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئائىلە ئىشلىرىغا بولۇپمۇ تازىلىق قىلىشقا ئۆگىتىدۇ. ھەمىشە ئۆز پەرزەنتلىرىگە «سەھەر تۇرۇپ تازىلىق قىلساڭ ساۋاپ بولىدۇ، ھويلا-ئارام ۋە يوللارنى سۈپۈرسەڭ بەختىڭ ئېچىلىدۇ» دەپ تەربىيە بېرىدۇ. مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى تەلىم-تەربىيە نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان يېزا-قىشلاق، شەھەر-بازارلاردا ھەركۈنى تاڭ سۈزۈلىشى بىلەن تەڭلا ھەممىدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئايال-قىزلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ، يۈز - كۆزىنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى ئۆي ئىچى ، ھويلا-ئاراملىرىنى ۋە ئۆي ئەتراپىدىكى چوڭ -كىچىك كوچىلارنى پاكىز سۈپۈرۈپ سۇ سېپىدۇ. تەرەتخانىلارنى پاكىز تازىلايدۇ، ھويلا-ئارامدىكى گۈللۈكلەرگە ۋە گۈل تەشتەكلىرىگە سۇ قۇيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلە ۋە يۇرت -مەھەللىلەر ئادەمگە بىر خىل جۇشقۇن كەيپىيات بېغىشلايدۇ، بىر كۈنلۈك ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسى ئەنە شۇنداق پاكىز مۇھىت ۋە ساپ ھاۋا بىلەن ئېچىلىدۇ.
     شەھەرلەردىكى ھازىرقى زامان قەۋەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىمۇ ئەنە شۇ ئەنئەنىۋى تازىلىق ئادىتى بويىچە ئۆزى ئولتۇرغان قەۋەتلىك بىنانىڭ پەلەمپەيلىرىدىن تارتىپ شۇ قەۋەتنىڭ ئالدى، ھەتتا كەينىگىچە پاكىز سۈپۈرۈپ تازىلايدۇ. ئاممىۋى دەرىزىلەرنى پىداكارلىق بىلەن سۈرتىدۇ. بۇنداق ئادەت بىر خىل ئەنئەنىگە ئايلانغاچقا بۇ خىزمەتكە ھېچ قانداق ئائىلە مەجبۇرلانمايدۇ، بەلكى خوشنىلار ئارا ئىختىيارى ۋە تەبىئىي ھالدا ھەممىدىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرۇپ،ئاممىۋى تازىلىق قىلىشنى شەرەپ ھېس قىلىشىدۇ. بۇنداق تازىلىق ئادىتى قانداقتۇر بىر كوللىكتىپ ياكى مەلۇم تەشكىل ئورۇنلاشتۇرغان مەجبۇرى پائالىيەت بولماستىن ، بەلكى ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىش نەتىجىسىدە پىسخىك ئەنئەنىگە ئايلانغان مەنىۋى گۈزەللىك پائالىيىتىدۇر. بۇنىڭ خاسىيىتىدىن بارلىققا كەلگەن ئائىلە بىلەن مۇھىت گۈزەللىكى ھەركۈنى سەھەردە ئىشقا ئاتلانغان ئەمگەكچىلەرنى كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا ھاياتلىققا مۇھەببەت ئويغىتىدۇ. ئۆز ئارا ئىناقلىقنى كۈچەيتىپ، كوللىكتىۋىزملىق روھنى  مۇستەھكەملەيدۇ. شۇنداق قىلىپ سەھەردە باشلىنىدىغان ئاممىۋىي تازىلىق ئارقىلىق ، بەرىكەت ۋە نۇسرەتكە يول ئاچىدۇ، ئائىلىسىنىڭ روناق تېپىشىنى تىلەيدۇ. كېسەللىكنىڭ مەنبەسىنى يوقىتىشقا تىرىشىدۇ.

بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+30(شەخلا) تەربىيىۋى ئە ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-09-04 10:32 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( مۇتەللېپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    Ali_Telak

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 494
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 654
    شۆھرىتى: 6605 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 15748 دوللار
    تۆھپە: 16 ھەسسە
    ياخشى باھا: 662 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئايال كىشىنىڭ تۆتتە گۈزەل بۇلۇش دىگەننىڭ بىرسى تازىلىقى گۈزەل بۇلۇش.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-04 13:25 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( Ali_Telak ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    قىران

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 647
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 443
    شۆھرىتى: 4615 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5542 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 494 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن . يەنە مەنبەسىنى ئەسكەرتمەپسىز .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-09-04 14:23 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( قىران ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
    
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا