كىتاپ
دەرىجىسى : قىزىققۇچى ئەزا


UID نۇمۇرى : 625
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 30
شۆھرىتى: 315 كىشلىك
مۇنبەرپۇلى: 545 دوللار
تۆھپە: 3 ھەسسە
ياخشى باھا: 50 نومۇر
توردىكى ۋاقتى : 9(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2010-06-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

ئۇيغۇرلارنىڭ نان ھەققىدىكى چۈشەنچىسى باشقا ھارقانداق شەيئىي، ھادىسە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە قارىغاندا ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم مۇكەممەل. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرش پائالىيىتى، ئىجتىئامىي مۇناسىۋېتى، ئۆرپ- ئادىتى، مەدەنىيەت سىستېمىسى، ئىدىيىۋى ئېتىقادى، قىسقىسى پۈتكۈل مەۋجۇتلۇق شەكلى نان بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ۋاستىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇناسىپ يېمەك- ئېچمەك، كىيىم- كېچەك، تۇرالغۇ جاي، ھۈنەر- سەنئەت، تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشى ۋە ئىدىيىۋى ئېتىقادى نان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇيغۇرلار ئادەتتىكى نورمال كۈندىلىك تۇرمۇش شارائىتىدىمۇ، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرىدىمۇ، مېھماندارچىلىقتىمۇ، سەپەر، يول يۈرۈشلەردىمۇ ناندىن ئايرىلالمايدۇ. نان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق گەۋدىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
نان تونۇردا بىۋاستە ئوتقا قاقلاپ پىشۇرىلىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلات بولۇپ، ئۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى ئىگىللىگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى.
مەنبە:بىلىم غەزىنىسى
نان تونۇر مەدەنىيىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تونۇر ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارقالغان. قۇمۇل، تۇرپان، چەرچەن، نىيا، سامپۇل قەدىمكى قەبرىستانلىقلىرىدىن بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تەۋە نان پارچىلىرى تېپىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يەنە نىيا قەدىمكى خارابىسى قاتارلىق جايلاردىن بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە مەنسۈپ نان پارچىلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. دېمەك ئارخىئولوگىيىلىك قېزىلما ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى نان مەدەنىيىتىنىڭ، نان تىجارىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا مىللىتىمىزنىڭ ناھايىتى بۇرۇنلا نان ئىستىمال قىلغانلىقى، نان مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
بىزگە مەلۇم، ئىنسانلار ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىللەردە گۆشنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغان. ھەتتا ئىنسانلار ئوتنى كەشپ قىلىشتىن بۇرۇن گۆشنى خام ئىستېمال قىلغان. ئەمما گۆشنى ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش، يىغىپ ئىستېمال قىلىشقا مۈمكىن بولمىغاچقا تۇرمۇشى بەكمۇ جاپادا ئۆتكەن. ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىنسانلار ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن ئاستا- ئاستا دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بۇ ئاساسلىق مەسىلىنى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق ھەل قىلغان. يەنى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلەپچىقارغان دېھقانچىلىق دانلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك يېمەكلىك ناننى ئىجاد قىلغان. ئۇيغۇرلار ناننى ئىجاد قىلغاندىن كېيىن ئۇنى چارۋىچىلىق مەھسۇلاتى بولغان گۆش، سۈت، ماي قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىستىمال قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى زور ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
ناۋايلىق بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىگە ئايلاندى. ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە نۇرغۇن كاتتا نان سودىگەرلىرى بارلىققا كەلدى. ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق "دەرمان" نان سودىگىرى ئابلاجان ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. "دەرمان" نانلىرى ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىدىن ھالقىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىغا كېڭەيدى. ھازىر نان خاس ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەكلىكى بولۇپلا قالماستىن، باشقا مىللەت، باشقا دۆلەت كىشىلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان يېمەكلىكىگە ئايلاندى. ھازىر ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ بىر قىسمى تونۇردا ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت تۈرى بويىچە قاقلاپ پىشۇرۇلۇشتىن باشقا، نۇرغۇن نان تۈرلىرى زامانىۋى نان پىشۇرۇش ئۈسكىنىلىرىدە پىشۇرىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ناننىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا، ئېلىپ يۈرۈشكە، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان ئورۇندا يىيىشكە قولايلىق.
ئۇيغۇرلار ناننى تولىمۇ ئەتىۋارلايدۇ. ئۇنى بۇزۇپ- چېچىشنى، ئىسراپ قىلىشنى جىنايەت ھېساپلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، مەدەنىيەت شەكلى نان بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قەسەم شەكلى نان بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ. يەنە نان بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۆرۈپ- ئادەتلەر بار. بۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلايدىغان ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ئىپادىلەيدۇ. نان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەڭ ياخشى، ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ بىخەتەر كەسپ بولۇپ قالدى. چۈنكى ھەممە ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماق يېمىسە بولمايدۇ. نان تىجارىتىدە بۈگۈن ئېشىپ قالغان ناننى ئەتە يەنە سېتىشقا بولىدۇ، ئىسراپچىلىق كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.
دېمەك، ئۇيغۇرلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش تېخنىكىسىنى ئىگىللىگەندىن تارتىپ ھازىرقى دەۋرگىچە نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىللە نان مەدەنىيىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، يېڭىلىنىپ، نەزەرىيە جەھەتتىن مۇكەممەللىشىپ كەلدى. ئەسلىدە ئائىلە يېمەكلىكى قىلىنىشتىن كەسىپلىشىپ بازارغا يۈزلەندى. ئۆز ئورۇنلىرىدىكى ئاددى تىجارەت شەكلىدىن خەلقئارالىق تىجارەتكە كېڭەيدى. ناننىڭ ئىجاد بولغان دەۋرى ناھايىتى ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن يىللار، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شاللىنىپ، تاشلىنىپ قالماي بەلكى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئۇنى ئىستېمال قىلىدىغان ئوبيىكتىلار باشقا مىللەتلەرگىچە كېڭەيدى، تىجارەت شەكلى مىللەت، دۆلەت ھالقىدى. بۇنى ھەرگىز كىچىك ئىش دېيىشكە بولمايدۇ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+15(axtuzi) ياخشى ماقالە ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2010-06-15 11:52 | ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كىتاپ ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۈلقىز

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 213
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 494
    شۆھرىتى: 5025 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5180 دوللار
    تۆھپە: 23 ھەسسە
    ياخشى باھا: 513 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 189(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-23
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ئەجەپ ياخشى يوللاپسىز، نانلارنىڭ ئىچىدە كۇچادىكى بىجاقنىڭ نانلىرى داڭلىققۇ دەيمەن.  
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-15 12:33 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( كۈلقىز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    axtuzi
    باينىڭ  ياتقۇسى  كەلمەيدۇ ، گاداينىڭ&nb ..

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 64
    نادىر تېما : 26
    يازما سانى : 1414
    شۆھرىتى: 14524 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 26790 دوللار
    تۆھپە: 153 ھەسسە
    ياخشى باھا: 2022 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 316(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

      لېكىن ، ئۇيغۇرلار باي  بولغانسېرى  ناۋايلىق  يارىتىلماي باشقىلارغا  قېلىۋاتىدۇ !
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-15 12:54 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( axtuzi ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    archa
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 435
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 123
    شۆھرىتى: 1255 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1355 دوللار
    تۆھپە: 8 ھەسسە
    ياخشى باھا: 143 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    ھەرقانچە قىلسىمۇ ناۋايلىقنى ئۆز تەمى بىلەن ئوخشىتالمايدۇ.
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-15 20:06 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( archa ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    بـوران
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 589
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 33
    شۆھرىتى: 335 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 450 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 35 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-05-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    مەن بۇ ماقالىنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندەكلا قىلىمەن  مەنبەسىنى  بىر ئەسكەرتىۋەتكەن بولسىڭىز
    dital
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-15 23:42 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( بـوران ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    تۇز
    مۇنبەر نازارەتچىسى

    دەرىجىسى : مۇنبەرباشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 3
    نادىر تېما : 7
    يازما سانى : 600
    شۆھرىتى: 6607 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 15566 دوللار
    تۆھپە: 63 ھەسسە
    ياخشى باھا: 488 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    نىمىشقا نان يىمىسىڭىز چىدىمايسىز،
    نىمىشقا نان يىمىسىڭىز تىك تۇرمايسىز .
    katip
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-16 08:13 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( تۇز ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    قىران

    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 647
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 443
    شۆھرىتى: 4615 كىشلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5542 دوللار
    تۆھپە: 3 ھەسسە
    ياخشى باھا: 494 نومۇر
    توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2010-06-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2010-09-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

    ===============مۇنبەر كۆرگەندە تېما ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ=================

    بۇ تىما نىمىشكە نادىرلەنمەيدۇ؟؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2010-06-18 10:40 |

     ======== ئاشپەز مۇنبىرىگە باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ========

    ئۈستىدىكى مەزمۇن ئاشپەز ئەزاسى ( قىران ) نىڭ شەخسى كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    ئاشپەز مۇنازىرە مۇنبىرى » ئۆرۈپ- ئادەتلەر
    
    ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا