• ئاتەش لايىھىلەش ئىشخانىسى لايىھە ئەسەرلىرى تور كۆرگەزمىسى - [ئەسەرلىرىم]

    2011-01-01

    كىرىش سۆز

    ئاتەش لايىھىلەش ئىشخانىسى 2008-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلغان ئىشتىن سىرت تەكشىلىكتە ۋە ئۈچ ئۆلچەمدە لايىھىلەشنى ئاساس قىلغان خىزمەت ئىشخانىسى بولۇپ،گەرچە لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە خىزمەت شارائىتى كەسپىي لايىھىلەش ئىشخانىلىرىنىڭ تەلىپىگە يىتەلمىسىمۇ ،لايىھىلەش ئىشخانىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىزچىل تۈردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ،ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈپ مۇكەممەلىشىش ئارقىلىق بىر قىسىم تەكشىلىك لايىھەلىرى ۋە ئۈچ ئۆلچەم لايىھەلىرىنى ئىشلەپ چىقىتى.

    2009-يىلى 5-ئايدا «ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگى»نى قۇرۇپ چىقىپ،گۈزەل سەنئەت ئىشلىرىمىزنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

    شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ قېتىملىق لايىھە ئەسەرلىرى تور كۆرگەزمىسىگە قارىتا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىلرلەرنى بېرىشىنى ، لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئۈمۈدۋار پوزىتسىيەدە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

    لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانى:

    1. مەخسۇس كومپيۇتېر گرافىك تەربىيلەش مەركەزلىرىگە ياكى لايىھىلەش سىتۇدىيلىرىگە بېرىپ،مۇنتىزىم تەربىيلىنىش ئارقىلىق تېخنىكىدا يۈكسىلىش ھاسىل قىلىش.

    2.لايىھىلەش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت شارائىتىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ياخشىلاشقا تىرىشىش،كەسپىي جەھەتتە كەسپىي لايىھىلەش سىتۇدىيلىرى ۋە كەسىپداشلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ،مەلۇم كۆلەم ھاسىل قىلىش ، ماركا ئېڭىنى يۇقىرى كۆتىرىش.

    ئەڭ ياقتۇرىدىغان سۆزىمىز:

    بىز ئەڭ ياخشىسى ئەمەس ، بىراق ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىمىز.

     تەكشىلىك لايىھەلىرى:

    تۆۋەندىكى تور بەت ۋە بلوگ لايىھەلىرى لايىھىلەش ئىشخانىمىزنىڭ مۇستەقىل لايىھىلىگەن تەكشىلىك لايىھەلىرى بولۇپ،لايىھىلەش ئىشخانىمىزنىڭ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ،شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تورچىلىقىغا مەلۇم دەرىجىدە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن.

     گەرچە بۇ لايىھەلەرنىڭ  بىرقىسمىلرى لايىھىلەش پىكىر يولى توغرا بولماسلىق ۋە بەزىبىر تېخنىكىلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ كۆپ قىسمى مۇناسىۋەتلىك تور بەت ۋە بلوگلاردا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

    ئىشلەتكەن يۇمشاق دېتال:   Adobe Photoshop Cs3

    1.      يوليار تورىغا لايىھە:

     

    يوليار تورى :    http://www.yolyar.com /

     

    2.روھلان تورىغا لايىھە:

     

    يۇقارقى لاھىيە ھازىر روھلان تورىنىڭ ئەزالار باش سۈرىتى قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

    روھلان تورى :    http://bilim.rohlan.biz /

     3. خىيالىم گۈزەل سەنئەت مۇنبىرىغا لايىھە

     

     

    يۇقارقى لايىھەنى ھازىر «خىيالىم گۈزەل سەنئەت مۇنبىرى» ئىشلىتىۋاتىدۇ.

    مەنزىل : http://www.xjhiyalim.com/BBS /

     4. «شاھ ئۇيغۇر ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم بلوگى» غا لايىھە

     

     

    لايىھەنى ھازىر «شاھ ئۇيغۇر بلوگى» دا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

    مەنزىل:    http://www.shahblog.net/

     

    5. «بارخان بلوگى»غا لايىھە

    مەنزىل:   http://barhan88.blogbus.com/

    6. «ياخشىلىق بلوگ سۇپىسى» غا لايىھە

     

    يۇقارقى لايىھەنى ھازىر «ياخشىلىق بلوگ سۇپىسى» ئىشلىتىۋاتىدۇ.

    مەنزىل:  http://www.yahxilik.com/

    7. «زىرەك تورى» غا لايىھە

    تور بېكەت جىددى ياسىلىۋاتىدۇ.

     بلوگلارغا لايىھىلەنگەن لوگولار:

                              

    «ئۈچ ئۆلچەم» لايىھەلىرى :

     





















    ئىشلەتكەن يۇمشاق دېتاللار:

     3DS MAX 9.0V-Ray1.5      photoshop cs3


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:

    评论

  • ياخشىمۇسىز مەن بلوگىمغا 2يىل جەريانىدا ياخشاراق بىر لوگو ياسىيالمىدىم،ئىمكان بولسا ماڭىمۇ لوگو لاھىيلەپ بېرەلەرسىزمۇ؟http://bahit520.blogbus.com
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەسىمنى ياخشى ئىشلەيدىكەنسىلەر قۇلۇڭلارغا دەت كەلمىسۇن !!!
    Atash回复oyla说:
    رەھمەت.
    2011-02-15 20:08:53
  • بىلىملەر تورى قۇرۇلغىلى 3 يىلدەك بولدى، بۇ جەرياندان ھازىرقىچە لاتىنچە لوگو ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگىدىكى ئۇستازلارنىڭ بىلىملەر تورىغا بىر توغ ياساپ بىرىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمىز.
    Atash回复Zoro说:
    خۇدايىم بۇيرۇسا بىلملەر تورىنىڭ ئۈمىدىنىمۇ يەردە قويماسمىز.
    2011-01-05 22:00:13
  • كۆپ ئىشلارنى قىپسىلە ، لايىھىلىگەن ئەسەرلەر مەيلى رەڭ مەيلى ئۇسلۇپ جەھەتتىن بولسۇن كۆركەم چىقىپتۇ. 3d ئەسەرلەرمۇ نوچىكەن ، render مۇ بەك سۈپەتلىك بوپتۇ . تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلەرنى يارىتىڭلار.
    Atash回复ئەلى 说:
    ئۇستازنىڭ باھاسىغا رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن تېخنىكا جەھەتتە كۆپرەك يىتەكلەپ كېتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    2011-01-05 21:57:41
  • ئاتۇن ياتىدۇ سايدا تۇنىمىسا نىمە پايدا
    Atash回复uyghurlar说:
    رەھمەتتىن باشقا سۆز تاپالمىدىم دوستۇم،رەھمەت .

    لىكىن سەل خىجىل بولۇپ قالدىم.
    2011-01-05 00:42:26
  • سىز لايھىىلەپ بەرگەن رەسىمنى بلوگىمنىڭ ھازىرقى ئۇسلۇبىغا ماسلاشتۇرۇپ ئازراق ئۆزگەرتىپ چىقارغانتىم،كۆرۈپ بىقىڭە ماسلىشىپتىمۇ ئۇسلۇبقا.
    Atash回复بارخان说:
    بۇمۇ بوپتىغۇ، ئەسلىدىكى يېشىل رەڭلىكتىن ماۋۇ تېخىۇم ماسلاشقاندەك ھىس قىلدىم.
    2011-01-05 00:31:03
  • لايىھەلىرىڭىز ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ. مۇمكىن بولسا ئىلقۇت بلوگى ئۈچۈن رەسىم لايىھەلەپ بېرىشكە ۋاقتىڭىز چىقارمۇ؟ blog.ilqut.com
    Atash回复ي. م. ئىلقۇت说:
    بولىدۇ، خىزمەت ئالدىراشلىقى سەل پەسكويغا چۈشسە لايىھىلەپ باقارمىز،مەن ئۆزۈم ئىزدەي.
    2011-01-05 00:35:11
  • تولىمۇ ياقتۇردۇم ،تەكشىلىكتە لايىھەلەشنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگەنمەكچى ئىدىم، كەلگۈسىدە ياردەملىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز~ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي~
    Atash回复بۆرەيار说:
    رەھمەت، مەنمۇ تېخى ئۈگەنگۈچى ، بىرلىكتە تىرىشساق بولىدۇ ئەمەسمۇ.

    تىرىشايلى، ئىزدىنەيلى.
    2011-01-05 00:37:12
  • تولىمۇ ياقتۇردۇم ،تەكشىلىكتە لايىھەلەشنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگەنمەكچى ئىدىم، كەلگۈسىدە ياردەملىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز~ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي~
  • ھەقىقەتەن چىرايلىق ، ئېسىل چىققان لايھەلەركەن . داۋاملاشتۇرۇڭ !
    Atash回复دولقۇن731说:
    رەھمەت.
    2011-01-05 00:39:12
  • سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن
    Atash回复Ershad说:
    رەھمەت.
    2011-01-05 00:29:47
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىزنىڭ بۇ ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ سىزگە تىخىمۇ قايىل بولدۇم ھەقىقەتەن تالانتىڭىز باركەن .
    ھەي.... بىزلەر قاچانمۇ سىزدەك نوچى لاھىيەلەرنى لاھىيلىگىدەك بولارمىز كىنتاڭ ؟؟؟؟؟
    Atash回复Ershad说:
    ئىرشاتجان سەل ئاشۇرۋەتلىمۇ -يا؟ سىلىمۇ بوش ئەمەس ،ئۆزلىرىنى كىچىك چاغلىمىسىلا.
    2011-01-05 00:26:56
  • ياخشى ياساپ چىقىپسىلەر .قابىليىتىڭلرنى تىخىمۇ جارى قىلىدۇرۇڭ... كەسىپداش ئەنۋەر
    Atash回复ئەنۋەر 说:
    ئەنۋەرجان بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى، ئەنۋەرجانغا يارىغان بولسا مەن شۇنىڭدىن خوش.
    2011-01-05 00:25:31
  • سالام دوستۇم بۇ كۆرگەزمىڭىزدىكى لايىھلىگەن رەسىملىرىڭىز مەن ئويلىغاندىنمۇ كۆركەم چىرايلىق چىقىپتۇ، قوللىرىڭلارغا دەرت بەرمىسۇن
    Atash回复شاھ ئۇيغۇر说:
    رەھمەت.
    2011-01-05 00:23:26
  • ھەقىقەتەن كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك ئۇز ئەسەرلەركەن! ئاپىرىن !
    Atash回复Yuksel说:
    ئاتاماننىڭ بلوگىمغا قەدەم-تەشرىپ قىلغىنىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم ،رەھمەت.
    2011-01-05 00:21:40
  • ئىشلىرىڭلار بەرىكەتلىك بولسۇن ، مەن ئىشىنىمەن ،ئاتەش گۈزەل سەنئەت ئىشخانىسىنىڭ ئىسىل كۈنلىرى تېخى ئالدىدا !
    Atash回复padishah说:
    رەھمەت پادىشاھ ئەپەندى، بۇ گېپىڭىز بىلەن كۆڭلۈم بۆلەكچىلا ئۆسۈپ قالدى -جىمۇ!
    2011-01-05 00:19:05
  • بۇ لاھىيەلىرىڭىز ھەقىيقەتەنمۇ بىر-بىرىسىدىن ئېسىل چىققان لاھىيەلەر ئىكەن. تالانتىڭىزغا قايىل بولدۇم قېرىندىشىم. ئاتەش گۈزەل-سەنئەت بلوگىنىڭ تېخىمۇ دادىل قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!
    Atash回复چەۋەنداز说:
    رەھمەت، چەۋەندازلار بلوگىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ، زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشمەن.
    2011-01-05 00:16:03
  • ئەسسالام ئەلەيكۇم. يۇقارقى ئەسەرلىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ.
    Atash回复Zoro说:
    رەھمەت، يوقاپ كەتمەي پات-پات كېلىپ تۇرارسىلەر.
    2011-01-03 00:11:07
  • ياخشى لاھىيلەپسىز خىلى تالانتىڭىز باركەن كەمىنىگىمۇ ب ىرەنى لاھىيلەپ بەرمەمسىز
    Atash回复بايلىق说:
    بولىدۇ، شەرت يەنە ئوخشاش: سودا خارەكتىرىنى ئالمىسىلا ۋاقىت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا ھەقسىز لايىھىلەپ بەرسەم بولىدۇ.
    2011-01-01 23:39:36
ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.