• ئەكبەر تۇرسۇن ماي بوياق ئەسەرلىرى - [رەسساملىق]

    2010-11-21

     

    ئەكبەر تۇرسۇن 1979-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۇنى كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ، 1998 - يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئنىستىتوتىنىڭ گۈزەل سەنئەت تولۇق  كۇرۇس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان ،ھەمدە ئۆز كەسپىنى سۆيۇپ جاپالىق تىرىشىش نەتىىجىسدە 2002-يىلى11 –ئاينىڭ 23-كۇنى ئۈرۈمچى شەھرىدە ‹‹ئەكبەر تۇرسۇن گۇزەل سەنئەت ئەسەرلىرى›› تېمىسىدا شەخسى كۆرگەزمە ئېچىپ ئوقۇتقۇچى –ئۇستازلىرى ۋە كەڭ جامائەتنىڭ  ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن  ھەم  ئەلا نەتىجە بىلەن  ئوقۇش  پۇتتۇرگەن،  2003-يىلى ئۆز قىزىقىشى  بىلەن ‹‹12 مۇقامنى سۇرەتكە ئېلىش گورۇپپىسى»نىڭ ‹‹ئەجەم مۇقامى ›› گورۇپپىسىغا قاتناشقان، 2004- يىلى قەشقەر  سەنئەت  مەكتىۋىگە  خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.ئۇ بىر تەرەپتىن ئەۋلادلارنى  تەربىيلەش بىلەن  بىرگە بوش ۋاقىتلاردىن ئۈنۈملۇك پايدىلىنىپ گۇزەل سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ، مەملىكەتلىك ،ئاپتۇنۇم  رايۇنۇق ، ۋىلايەتىلىك  چوڭ كۆرگەزمىلەردە،نۇرغۇن  ئەسەرلىرى مۇكاپاتلانغان ، 2003-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ‹‹پادىچى قىز››،‹‹قەدىمى شەھەر››،‹‹بالىلغم››،‹‹قەشقەر كوچىسى ››، ‹‹قوغۇنچى بوۋاي››، ‹‹كىچىك باققال›› ،‹‹ئۇيغۇر بوۋاي››  قاتارلىق 7پارچە ئەسىرى مەملىكەتلىك گۇزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ  گۈزەل سەنئەت، فوتو-سۈرەت ،ھۆسنىخەت  ئەسەرلىرى  مۇسابىقىسىدە ئايرىم –ئايرىم ھالدا1 -2 -3- دەرىجىگە ئىرشكەن  ،2005 -يىلى مەملىىكەتلىك  گۇزەل سەنئەت،   ھۇنەر-سەنئەت ،لاھيلەش ، مۇسابىقىسىدە ‹‹ئەتىرگۇل ھارىقى›› تېمىسىدىكى  ئېلان  لاھىيەسى  3-دەرىجىگە  ئىرىشكەن،2007-يىلى 11-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى بويىنچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ماي  بوياق  ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە ‹‹بازار›› ناملىق ئەسىرى 3 -دەرجىگە  ئىرىشكەن ،2008-يىلى ‹‹مەرھابا باھار›› تىمىسىدا  ئۆتكۇزۇلگەن  رەسىم  كۆرگەز مىسىدە ‹‹شاپتۇل پىشىتى›› ناملىق  ماي  بوياق  ئەسرى 2- دەرىجىگە  ئىرىشكەن، 2009-يىلى 10-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكۇزۇلگەن جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ  60 يىللىقىنى تەبرىكلەش، گۈزەل سەنئەت ،ھۆسنىخەت، فوتو-سۇرەت مۇسابىقىسىدە ‹‹‹پادىچى قىز›› ناملىق ماي بوياق ئەسەر1 -دەرىجىگە ئىرىشكەن.

    ئۇندىن باشقا ئەكبەر تۇرسۇنىڭ ئىلمى ماقالىلىرى ،ماي بوياق رەسىملىرى  ،شىئىرلىرى، ‹‹شنجاڭ سەنئىتى››،‹‹كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش››،‹‹مىراس››،‹‹شىنجاڭ مارئارىپى››،‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى››،‹‹شنجاڭ گېزىتى››،‹‹قەشقەر گېزىتى›› قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 47 پارچە ئەسىرى ئېلان قىلىنغان، 2010-يىلى 7-ئايدا چاڭچۇن شەھرىدە ئۆز كەسپى بويىنچە تەربىيلىنىشكە بارغان .

    2004-يىلدىن ھازىرغىچە قەشقەر سەنئەت مەكتەپتە ئىشلەپ كەلمەكتە.

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

      

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

     

    قوشۇمچە:

    يۇقارقى ماي بوياق رەسىملەرگە ئىھتىياجلىق تورداشلار ئاپتۇر بىلەن بىۋاستە ئالاقىلەشسە بولىدۇ.

    تىلفۇن: 15099390849

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    خەتكۈچ:ماي بوياق

    评论

  • رەڭلەرنى بەك شوخ ،جايىدا ئىشلىتىپ قويىدىكەن بۇ مۇئەللىم.
    كەسپى تەرەققىياتى تىز بوپتۇ،ئاپىرىن!!!!!!
  • بىشىدىكى 3 پارچە رەسىمىدىكى رەڭلەر بەك ئوچۇق ،شوخ رەڭلەركەن ،شۇ ئۇسلۇپ بويىچە كارتون رەسىملەرنى سىزسا بەك تاتلىق چىقاكەنتۇق.
    Atash回复ئەلى 说:
    شۇنداق ،راستىنلا رەڭ بەك ئوچۇق ،ھەتتا بەزى رەڭلەرنى بوياقنى سىقىپ، ئارىلاشتۇرمىغاندەكلا.
    مەن پەقەت مۇشۇنداق ئوچۇق رەڭ ئىشلىتەلمەيمەن،بۇنداق رەڭ ئىشلىتىشتىن قورقىدىكەنمەن.
    2010-12-09 13:32:37
  • مەن ئەكبەر تۇرسۇننىڭ بۇ ماي بوياق رەسىملىرىنى بەكلا ياخشى كۆردۈم. بېرىلگەن رەڭ بەكلا جانلىق ھەم ئۆزگىچە ئىكەن . تېخىمۇ تىرىشىپ يېڭى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.
    Atash回复خۇشنۇت说:
    ماڭىمۇ رەڭنى ئوچۇق،پاكىز ئىشلىتىشى يارايدۇ.
    2010-11-22 23:15:04
  • مەن ئەكبەر تۇرسۇننىڭ بۇ ماي بوياق رەسىملىرىنى بەكلا ياخشى كۆردۈم. بېرىلگەن رەڭ بەكلا جانلىق ھەم ئۆزگىچە ئىكەن . تېخىمۇ تىرىشىپ يېڭى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.
ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.