• ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگى ئومۇميۈزلۈك ئۇسلۇب يېڭىلىدى - [بلوگ بىلدۈرگىسى]

    2010-10-31

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بلوگ كۆرۈرمەنلىرى

    ئۇزۇندىن بۇيان بلوگ ئۇسلۇبىنى يېڭلاشنى ئويلاپ كەلگەن بولساممۇ ، پۇرسەت چىقمىغان ئىدى. يىقىندىن بىرى كەڭ بلوگگىرلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۇسلۇب يېڭىلىشىغا ئەگىشىپ،«غورا غورىنى كۆرسە ئالا بوپتۇ» دېگەندەك ،مەندىمۇ بلوگ ئۇسلۇبىنى يېڭلاش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، تارىم بلوگىنىڭ تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «پىكاپ ئۇسلۇبى» نى مەزكۇر بلوگقا ئۆزلەشتۈرۈپ،بلوگ ئۇسلۇبىنى «ئاتەش2011» دەپ ئاتىدىم.(باشقىلارمۇ مىكروسوفىتنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ،Ghost XP دەپ ئاتايدىكەن شۇڭا بۇنداق ئاتىسام بۇمۇ خاتا بولماس دەپ ئويلىدىم)

    ئۇسلۇبنى ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا بىرقىسىم تورداشلار ۋە بلوگگىرلار ئۆزىنىڭ خالىسانە ياردىمىنى ئايىماي، يولۇققان ئەمىلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىپ بەردى. مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلغان تارىم بلوگىغا،تېخنىكا جەھەتتىن ياردەمدە بولغان ئەقىللىق بلوگىغا ۋە توردىشىمىز ئەيساجان ئەپەندىلەرگە چوڭقۇر رەھمىتىمنى ئىيتىمەن.

    يېڭى ئۇسلۇبتىكى ئۆزگىرىشلەر:

    1.      بلوگ ئۈستىدىكى فىلەش قايتا لايىھىلىنىپ،سغىمى بۇرۇنقىدىن كىچىكلىتىلدى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە بلوگ سەھىپىلىرى فىلەشكە بىرلەشتۈرۈلۈپ، بلوگنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى كۆرىنەرلىك تېزلىتىلدى.

    2.      بلوگ يۈزىدىكى بىرقىسىم مۇناسىۋەتسىز بۆلەكلەر ئېلىۋىتىلدى ۋە ئىخچاملاشتۇرۇلدى.

    3.      دوستانە ئۇلىنىشلار «ئىتتىپاقداشلار» ۋە«بلوگلار ئۇلىنىشى» بويىچە قايتىدىن رەتلەپ چىقىلدى.

     

    قوشۇمچە:

    بلوگ ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلىرى بولسا كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ۋە بلوگگىرلارنىڭ تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    خەتكۈچ:uslub atash 2011

    评论

  • ياخشى . بىزئۆزئارا ئۇلىنىش قىلىشساق دىگەنتىم قانداق قارايسىز كىن
  • ياخشىمۇ سىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
    Atash回复چولپانلار بىلوگى说:
    خۇداغا شۈكرى،ئۆزلىرىچۇ؟
    2010-12-06 12:33:29
  • ياخشىمىۇسىز ئاتەش ئەپەندى ، مەنمۇ بىر بىلوگ ئويناشنى ياخشى كۆرگۈچى ، بەزەنبىر بىلوگ ياساش تەجىرىبەم كەم بولغاچقا سىز دىن ياردەم سۇراي دېگەن.ياردەم قىلامسىزكىن؟.قوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن..

    Atash回复yigana520说:
    بولىدۇ،قولۇمدىن كەلسىلا.
    2010-11-06 19:38:02
  • ئۇسلۇبىڭىز ھەقىقەتەن چىرايلىق چىقىپتۇ، بولۇپمۇ ئۈستى تەرىپى ماڭا بەك ياقتى . مۇبارەك بولسۇن.
    Atash回复شەمسى说:
    رەھمەت، پات-پات كېلىپ پايدىلىق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرغايسىز.
    ھە-راست،بلوگىڭىزنى دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇۋالدىم.
    2010-11-04 22:43:11
  • سەھرا بلوگى ئالامەت ئۇسلۇبتىن بىرنى ياسىۋەتتى، قىنى مەرھەمەت قىلىڭ!!!
    Atash回复سەھرا说:
    يېڭى ئۇسلۇبىڭىزنى كۆردۈم،ھەقىقەتەن ئۆزگىچىكەن.
    2010-11-03 21:57:46
  • ئۇسلۇبىڭىز پەيزى چىقىپتۇ، بولۇپمۇ head قىسىملىرىغا ئەجرىڭىز بەك سىڭگەندەك قىلىدۇ، توختاپ قالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    Atash回复تەدبىركار说:
    رەھمەت،ئۇستاز.
    ئۇستازنىڭ تۇنجى قېتىملىق قەدەم-تەشرىپ قىلغىنىدا ۋاقتىدا ئالدىغا چىقالماپتۇق، خىجىلمەن.
    (ئىنكاس يوشۇرۇن بولۇپ قاپتىكەن)
    2010-11-03 21:32:09
  • ئاتەش ئاداش بلوگىڭلارنى www.3koy.com غا قۇيىۋېتەي دىسەم ماس كەلگىدەك رەسىم تاپالماي قالدىم، بىر رەسىم يوللاپ بىرىڭلار. 125*60 ئۆلچەمدىكى قوشىۋېتەي.
    Atash回复Zoro说:
    بولىدۇ،مەن تەييارلاپ سىلىنى ئىزدەي.
    2010-11-03 22:04:00
  • يوللىغان ئىنكاسىم چىقماپتىغۇ،بۇ قانداق ئىش ئۇدا ئىككى قىتىم يوللاپ باقتىم.
    Atash回复بارخان说:
    ئىنكاس يوشۇرۇن بولۇپ قاپتىكەن،بۇنى بىلمەي يۈرىۋىرىپتىمەن.
    چەۋاندازئەپەندى دېمىگەن بولسا بىلمەي يۈرىۋىردىكەنمەن.
    2010-11-03 21:51:48
  • بۇ ئۇسلۇب بەك ئازادە كۆرۇنىدىكەن.ئۇستىدىكى رەسىممۇ بلوگىڭىزنىڭ خاسلىقىنى،تۇتقان يولىنى قاراپلا بىلگىلى بولغۇدەك ياخشى لايھىلىنىپتۇ.
  • بلوگىڭىز تىخىمۇ ئازادە كۆرۈنىدىغان بوپتۇ.ئۇستىدىكى رەسىم بلوگىڭىزنىڭ خاسلىقىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدىغان دەرىجىدە ياخشى لاھىلىنىپتۇ.
    Atash回复بارخان说:
    رەھمەت،دوستۇم.
    مۇبارەك قەدىمىڭىز ئۈزۈلپ قالمىغاي.
    2010-11-03 21:38:54
  • ھەقىقىي سەنئەتلىك تۈس چىقىپتۇ! بلوگ ئۇسلۇبلىرىغا يېڭى بىر ئىنقىلاپ شەكىللىنىش مۇمكىن. ھەقىيقەتەن ئېسىل چىقىپتۇ قېرىندىشىم.
    Atash回复چەۋەنداز说:
    رەھمەت،قىرىندىشىم،ۋاقتىدا ئىنكاس يازالماي تازا سەت بولدى. كەچۈرۇڭ.
    2010-11-03 21:28:58
  • ئۇسلوب بەك چىرايلىق لاھىيلىنىپتۇ ،مومكىن بولسا ئوڭ يان تەرەپتىدىكى سەھىپە تۈرلىرىنى پىرىستان ئوسلوبىدەك تەڭشىەەن بولساڭلار بوپتىكەن
    Atash回复پادىشاھ 说:
    رەھمەت،پادىشاھ ئەپەندى،مەن كۆرۈپ بېقىپ مۇۋاپىق پايدىلناي.تەكلىپ-پىكىر بەرگىنىڭىزگە تەشەككۇر.
    ھە،راست، ئىنكاس يوشۇرۇن بولۇپ قالغاچقا ۋاقتىدا جاۋاپ يازالماپتىمەن،توغرا چۈشىنىڭ.
    2010-11-03 21:27:42
ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.