• كارتون(ھەرىكەت)ئىشلەش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئىش پىرىنسىپى - [كومپيۇتېر گرافىكى]

    2010-07-19

    كارتون كىشلەرنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ ، ئەگەر بىز بىر قاتار ھەرىكەت كۆرنىشىنى كۆزىتىدىغان بولساق ، ئۈزلۈكسىز قويۇلىۋاتقان تىنىچ ھالەتتىكى رەسىملەرنىڭ(سۈرەتلەرنىڭ) ھەركەتلىنىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمىز. مانا بۇ داڭلىق بولغان«كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ قالدۇق تەسىرى پىرىنسىپى»

    كارتون ئىشلەش ئۇقۇمىدا،ھەربىر مۇستەقىل سۈرەت(رەسىم)نىڭ ھەممىسى -*«فىرامى»دەپ ئاتىلىدۇ.

    ۋاقىت بىلەن فىرامىنىڭ مۇناسىۋىتى نىسپىي بولۇپ،3DS MAX تا ئەڭ چوڭ بولغاندا «4800فىرامى/ سىكۇنت» نى قوللايدۇ. ئەنئەنىۋى كارتۇن فىلىملەردە 12دىن 15كىچە فىرامى/ سىكۇنت ،*PAL تېلېۋىزىيە شەكلىدە 25 فىرامى/ سىكۇنت ، *NTSC تېلېۋىزىيە شەكلىدە 30 فىرامى سىكۇنت ، كىنوغا 24 فىرامى/ سىكۇنت قوللىنىلىدۇ. شۇنداق دىيىشكىمۇ بولىدۇكى ، كىنو شەكلىدە ھەربىر سىكۇنتتا 24 پارچە سۈرەت ئۈزلۈكسىز قويۇلىدۇ.

    ئەنئەنىۋى كارتون ئىشلەش ئۇزۇن جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ ، كۆپ مىقداردىكى يەككە سۈرەت(رەسىم)لەرنى قولدا سىزىش ، ئاندىن بېرىكتۈرۈش ۋە ئاۋاز كىرىشتۈرۈپ ، قىيىپ رەتلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بىرىلاتتى. بىر مېنۇتلۇق ئەنئەنىۋى كارتون ئىشلەشكە ئوخشىمىغان سۈپەت تەلىپىگە ئاساسەن 720 پارچىدىن 1800 پارچىغىچە يەككە ، مۇستەقىل سۈرەت(رەسىم) ئىشلىتىلەتتى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا ھالقىلىق فىرامى تېخنىكىسى ۋەزىيەت ئىھتىياجىغا ئاساسەن بارلىققا كەلدى.

    كارتون ئىشلەش جەريانىدىكى كۆپ سانلىق فىرامى ئۆتكۈنچى خارەكتىرگە ئىگە بولۇپ ، ئەنئەنىۋى كارتون ئىشلەش ئىشخانىلىرى بۇنى بايقىغاندىن كېيىن ، ئاۋۋال بىر قىسىم مۇھىم كۆرنىشلەرنى سىزىۋىلىپ ، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. بۇ كۆرنىشلەر«ھالقىلىق فىرامى(كۆرۈنۈش)» دەپ ئاتالغان. ئاندىن ھالقىلىق كۆرنۈشلەرنىڭ ياردىمىدە ئارىلىقتىكى ئۆتكۈنچى كۆرنۈشلەرنى سىزىپ چىقىپ ،  بۇلارنى «ئارىلىقتىكى كۆرۈنۈش» ياكى«ئۆتكۈنچى فىرامى(كۆرۈنۈش)» دەپ ئاتىغان.
    تېخنىكا ئۇچقاندەك تەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ، ئەگەر بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن مۇكەممەل كارتون فىلىم (ھەرىكەتلىك فىلىم)ئىشلەش ئۈچۈن مىڭلىغان ، يۈزمىڭلىغان سەنئەتكارلار ئىشلىشى كېرەك ،ئەلۋەتتە.

    كارتۇن ئىشلەش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئىش پىرىنسىپى بىز يۇقاردا دەپ ئۆتكەندەك ، «كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ قالدۇق تەسىرى پىرىنسىپى» نى ئاساس قىلىپ ، كارتوندىكى«ھالقىلىق فىرامى» ۋە «ئۆتكۈنچى فىرامى» نىڭ مۇناسىۋىتى ئاساسىدا ئىش ئىشلەيدۇ.

    يۇمشاق دېتال ياردەمچى ، بىز بولساق ئاساسلىق كارتون لايىھىلىگۈچى بولىمىز. بىز پەقەت قايسى ھەرىكەتنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپىنىڭ ھالقىلىق كۆرنىشىنى بېكىتىپ بەرسەك ، يۇمشاق دېتال ئاپتۇماتىك ھالدا ئارىلىقتىكى ھالقىلىق كۆرنىشلەرنى ئىشلەپ ، ئاخىرىدا مۇكەممەل بولغان كارتون(ھەرىكەت) كۆرنىشىنى ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ.

    ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
    ئاتالغۇلارغا ئىزاھات:

    «فىرامى» - رەسىمنىڭ بىر پارچىسى،پارچە دېگەندەك مەنىگە ئىگە.

    PAL تېلېۋىزىيە شەكلى- شىياڭگاڭ ، جۇڭگۇ چوڭ قۇرۇقلىقى ، ياۋرۇپا قىتئەسى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ تېلېۋىزىيە شەكلى.

    NTSC تېلېۋىزىيە شەكلى- جۇڭگۇ تەيۋەن ، ياپۇنىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق رايۇن ۋە دۆلەتلەرنىڭ تېلېۋىزىيە شەكلى.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    خەتكۈچ:
ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.