• گىگانىت ئوبراز- «ۋەتەن ئانا» - [ھەيكەلتاراشلىق]

    2010-07-10

    «ۋەتەن ئانا» خاتىرە ھەيكىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى «سىتالىنگراد چوڭ ئۇرۇشى» نى خاتىرلەش ئۈچۈن ياسالغان بىر گورۇپپا ھەيكەللەرنىڭ بىرى ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز خاتىرە ھەيكەللەرنىڭمۇ بىرى. ھەيكەل 1966-يىلى ياسالغان بولۇپ، ئورنى بۈگۈنكى  روسىينىڭ  ۋولگاگراد شەھرىدىكى ئېگىز تۆپىلىكتە. «ۋەتەن ئانا» دېگەن ھەيكەل تۆپىلىكنىڭ چوققىسىغا جايلاشقان ، ئىگەللىگەن كۆلىمى 1000 كىۋادرات مېتىر.

    ھەيكەلنى دۇنياغا مەشھۇر سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ھەيكەلتاراشى فۇتىنىچ لايىھىلىگەن ۋە ياسىغان.

    «ۋەتەن ئانا»نىڭ گەۋدىسىنىڭ ئېگىزلىكى 52 مېتىر ، ئوڭ قولىدا كۆتۈرگەن شەمشەر بىلەن قوشقاندا 85مېتىر ، تەگلىك بىلەن قوشقاندا 104 مېتىر  كېلىدۇ . ھەيكەلنىڭ ئېغىرلىقى 8000 توننا ، ئىچكى قىسمىدا پەلەمپەي بولۇپ،ھەيكەلنىڭ مۈرە قىسمىغا چىققىلى بولىدۇ.

    بۇ بىر غەزەپلەنگەن ئانىنىڭ ئوبرازى بولۇپ ، ئۇنىڭ بىر پۇتى ئالغا ئىنتىلگەن ، بەدىنىنى جىددىي بۇراپ ، قولىدىكى شەمشەنى پۇلاڭلىتىپ ، ئۆز پەرزەنتلىرىگە «ۋەتەننى قوغدايلى!» ، «ئانىلارنى قوغدايلى!» دەۋاتقاندەك  تۇيۇلىدۇ. يەلپۈنۈپ تۇرغان كىيىم قاتلاقلىرى ۋە مۈرىسىگە چۈشۈپ قالغان ياغلىقى ھەرىكەتنىڭ جىددىيلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئانىنىڭ غەزەپلەنگەن ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ۋە ھەققانىيەتچى ئىشەنچىسىنى تولۇق نامايەن قىلىدۇ .

    «ۋەتەن ئانا» سىمونتتىن ياسالغان ھەيكەل.

     

     

     

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    خەتكۈچ:
ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.