• ئۇستاز رەسسام - ئابدۇشكۈر كېرىم كۆك - [ئۇستازلىرىمىز]

    2010-05-24

    ئابدۈشكۈر كېرىم (كۆك)،ئۇيغۇر،1949-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان.1970-يىلى شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن.1982-يىلى جېجىياڭ گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرغان،ھازىر شىنجاڭ رەسساملار ئاكادىمىيسىنىڭ كەسپىي رەسسامى،جۇڭگۇ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ رەسساملار جەمئىيتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك رەسسام.

    «ئۇدۇم قالدۇرۇش»،«قۇمۇل كۆك مەشرىپى»،«قارا چىراغ ئۇسۇلى»،«پامىرلىقلار»،«ئائىلەم»،«بۈركۈت ئۇسۇلى»...قاتارلىق ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىلىرىگە تاللانغان،بىر قىسىم ئەسەرلىرى چەتئەللەردە ساقلىنىۋاتىدۇ.

    1995-يىلى جۇڭگۇ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا شەخسىي ماي بوياق ئەسەرلىرى ۋە خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاچقان،ھەمدە «خەلق گېزىتى» قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا مەخسۇس تېمىدا تونۇشتۇرۇلغان،«ئايال خوجايىن»،«قىزىم» قاتارلىق ئەسەرلىرى جۇڭگۇ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ساقلانماقتا.

    1993-يىلى شەخسىي ماي بوياق ئەسەرلىرى توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

    2001-يىلى ئۈرۈمچى شەھرىدە شەخسىي ماي بوياق ئەسەرلىرى ۋە خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاچقان.

    ئەسكەرتىش : رەسسامنىڭ تەرجىمھالى ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر رەسسامنىڭ شەخسىي ماي بوياق ئەسەرلەر توپلىمى ۋە «زامانىمىزدىكى جۇڭگۇ شىنجاڭ ماي بوياق رەسساملىرى»دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

    ئەگەر ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتتى دەپ قارالسا بلوگىمىزدىن مەزكۇر يازمىنى 24سائەت ئىچىدە ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

     

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.