• [چۈشەنچە] «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا» - [رەسساملىق]

    2009-06-30

    «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا» داۋىنچى مىلاندىكى سان مارىيا مۇناستىرىنىڭ ئاشخانىسىغا سىزىپ بەرگەن تام رەسىمى بولۇپ ،ئىنجىلدىكى ھېكايە تېما قىلىنغان. رەسىمدە ئەيسا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزىنىڭ12مۇرتى بىلەن كەچلىك غىزاغا ئولتۇرغاندا،«سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى بىر ئادەم ماڭا ساتقۇنلۇق قىلماقچى»دېگەن بىر جۈملە سۆزنى قىلىدۇ.گەپ تۈگىشى ھامان ئۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭ غۇلغۇلا قوزغۇلىدۇ. رەسىمدە ئەيسانىڭ ئو تەرىپىدىكى ياش ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كېتىدۇ.ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ،ئۆزىنىڭ خىرىستوسقا بولغان ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ياشانغان ياكود غەزەپ بىلەن قولىنى كېرىيدۇ.توماس خۇداغا قەسەم بېرىۋاتقاندەك قولىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ. ئەيسانىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى يۇداس«ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك»دېگەندەك قورققان ھالدا كەينىگە داجىيدۇ.قورقۇنۇچلۇق كۆزلىرى بىلەن ئەيساغا قارايدۇ ۋە ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىپ تاپقان ھەميىنىنى ئختىيارسىز ھالدا چىڭ سىقىمدايدۇ . جۇھان غەمكىن ھالدا بېشىنى مۈرىسىگە قىيسايتىدۇ.پېتىر بېشىنى ئالدىغا سوزۇپ، پىچاق بىلەن ئۇستازىنى قوغدىماقچى بولۇۋاتقاندەك بولكا كېسىدىغان پىچاقنى چىڭ سىقىمدايدۇ. ئۇنىڭ دەرغەزەپكە كەلگەن يارقىن ئوبرازى بىلەن يۇداسنىڭ خۇنۇك،ھومايغان رەزىل قىياپىتى كۈچلۈك سىلىشتۇرما قىلىنغان.پېتىرنىڭ يىنىدىكى ئۈچ مۇرتى ساتقۇننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىماقچى بولىۋاتقاندەك ئەيساغا تەئەججەپلۈنۈپ قاراپ تۇرىدۇ. ئۈستەلنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرغان ماتتېۋ غەزەپلەنگەن ھالدا ئىككى قولىنى ئالدىغا سوزۇپ ياشانغان تادداۋۇستىن ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەكچى بولغاندەك ئۇنىڭغا بۇرۇلۇپ قاراپ تۇرىدۇ.تادداۋۇس ھېچنېمىنى بىلمىگەچكە سېمونغا قاراپ تۇرىدۇ. سېمونمۇ ساتقۇننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە ھاڭ –تاڭ بولۇپ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ.

    داۋىنچى بۇنداق تېمىدىكى رەسىم سىزىشنىڭ كونا قىلىپىنى دادىللىق بىلەن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئەيسا بىلەن مۇرتلىرىنى ئۇدۇلدىكى ئۇرۇنغا قويۇپ، بۇكومىدىيلىك كۆرىنىشنى تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەن.

    داۋىنچى بۇرەسىمنىڭ كومپوزىتسىيسىنىمۇ ئىنتايىن مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا بىر تەرەپ قىلغان، ئۇ بارلىق پرىسپېكتىۋ سىزىقلىرىنى ئاساسلىق پېرسۇناژ ئەيسانىڭ بېشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ يوقاتقان،شۇنداقلا كۈچلۈك يورۇق- قاراڭغۇ سىلىشتۇرما ئارقىلىق ئەيسانىڭ ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرگەن. ئۇنىڭ ئىككى ئەتراپىدىكى مۇرتلارنى ئۆز ئارا ئالاقىدار تۆت گورۇپپىغا بۆلۈش ئارقىلىق ،كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت نەمۇنە ياراتقان.

    قوشۇمچە:

    لېئون ناردو . داۋىنچى(1452-1549) ــ ئىتالىينىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش دەۋرىدە ياشىغان داڭلىق رەسسام بولۇپ سەنئەت جەھەتتىكى مۇۋاپىقىيتىدىن باشقا يەنە پەلسەپە،ماتېماتىكا،ئاسترونومىيە،فىزىكا،بىئولوگىيەۋە مېدىستىنا قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارغان،رەسساملىق جەھەتتە «ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا»،«موناللىزا»ئۇنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئەسەرلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.  

    سۈرەتنى ئايرىم بەتتە كۆرۈڭ.

    بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن بەلگىلىك دەرىجىدە مەمنۇنىيەت ھىس قىلغان بولسىڭىز ،بىر نەچچە سىكۇنت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئېلاننى بىر چىكىپ قويۇڭ.

    分享到:

    收藏到:Del.icio.us

    خەتكۈچ:
ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.