-
سۇلايمان(ئىمىن)ۋاڭ مۇنارى - [بىناكارلىق]
2009-06-25
سۇلايمان(ئىمىن)ۋاڭ مۇنارى
سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى(ئىمىن ۋاڭ مۇنارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)
تۇرپان شەھرىنىڭ شەرقىدىن 2كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 44 مېتىر بولۇپ،پۈتۈنلەي توپا رەڭ سىرىق خىش بىلەن كۆپ خىل گىئومېتىرىك نەقىش چىقىرىپ ياسالغان. مۇنارنىڭ چوقىسىغا يېشىل كاھىش چاپلانغان ۋە قۇببا چىقىرىلىپ ھېلال ئاي شەكلى قوندۇرۇلغان، مۇنار ئىچىدە بۇرمىسىمان 72 پەلەمپەي بولۇپ،مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ يىراققا نەزەر تاشلىسىڭىز بوستانلىقتىكى تۇرپاننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ .
ئۇنىڭ شەكلى ئۆزگىچە،ھەيۋەتلىك،سەلتەنەتلىك بولۇپ،شىنجاڭدىكى مەشھۇر،قەدىمكى مۇنار ھېساپلىنىدۇ.
سۇلايمان ۋاڭ دادىسى ئىمىن ۋاڭنى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ مۇنارنى 7000سەر كۈمۈش خەجلەپ ياساتقان ۋە مۇنارنىڭ ئاستىغا ئابىدە تىكلەتكەن .
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن بەلگىلىك دەرىجىدە مەمنۇنىيەت ھىس قىلغان بولسىڭىز ،بىر نەچچە سىكۇنت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئېلاننى بىر چىكىپ قويۇڭ.
收藏到:Del.icio.us