• شىنجاڭ ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى- ھېيتگاھ جامەسى - [بىناكارلىق]

    2009-06-18

    ھېيتگاھ جامەسى قەشقەر شەھرىنىڭ مەركىزى مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ ،قەشقەر شەھرىنىڭ سىموۋلى ھېساپلىنىدۇ . ئۇ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى چوڭ مەسچىدلەرنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي يەنە جۇڭگۇدىكى چوڭ مەسچىتلەرنىڭ بىرى .

    جامە ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخىي ، ھەيۋەتلىك تۇرقى ۋە كۆركەم رەڭلىرىدىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكلرى بىلەن ئىلىمىز ۋە چەت ئەللەردە داڭ چىقارغان .

    ھېيتگاھ جامەسى ھىجىرىينىڭ 846 – يىلى (مىلادى1426-يىلى)ياسالغان بولۇپ 500يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە،جەنۇپتىن شىمالغا ئۇزۇنلىقى 140مېتىر ،شەرقتىن غەرپكە كەڭلىكى 120 مېتىر ،ئومۇمىي يەر مەيدانى 25.22مو (16800كۋادرات مېتر) كېلىدۇ.

    جامە :دەرۋازا ،ھويلا ، مەسچىت ، مەدرىس ، ھوجرىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلىنىدىغان بولۇپ ، دەرۋازا قىسمىدىن ئالغاندا مۇنار ، دەرۋازا ، گۈمبەز قاتارلىق ئۈچ قىسىم بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر گەۋدە ھاسىل قىلغان .

    جامە دەرۋازىسىنڭ كەڭلىكى 4.3 مېتىر ،ئېگىزلىكى 4.7 مېتىر (ئۈستۈنكى قىسمى بىلەن قوشقاندا 12 مېتىر)كېلىدۇ ،چوڭ دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئېگىز ، ھەيۋەتلىك ، كۆركەم سىرىق سىر بىلەن سىرلانغان ئىككى مۇنار بولۇپ ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 19 مېتىر كېلىدۇ .

    جامە ھويلىسىدا دەل-دەرەخ ، گۈل-گىياھ ۋە كۆلچەكلەر بار ،جامە ئۆگزىسىنى 158 دانە تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، تۇرۇس ۋە تۈۋرۈكنىڭ تۆت ئەتراپىغا نەپىس ئويمىلار ئويۇلۇپ ،كۆركەم نەقىشلەر بىلەن بىلەن نەقىشلىنىپ زىننەتلەنگەن .

    بۇ جامە شىنجاڭدىكى ئىسلام بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

    بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن بەلگىلىك دەرىجىدە مەمنۇنىيەت ھىس قىلغان بولسىڭىز ،بىر نەچچە سىكۇنت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئېلاننى بىر چىكىپ قويۇڭ.

    分享到:
    خەتكۈچ:

ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.