• V-ray1.5 دىن دەسلەپكى ئاساس - [كومپيۇتېر گرافىكى]

    2011-02-07

     1- دەرس: V-ray1.5 بىلەن دەسلەپكى تونۇشۇش

    1- Vray نى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش:

    Vray Adv1.5 ــ 3DS MAX نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھاسىللاش قىستۇرمىسى بولۇپ، قايسى نەشىرى بولىشىدىن قەتئىينەزەر 3DS MAX6.0 نەشىرىدىن كېيىنكى نەشىرلىرىنى قوللايدۇ.

    Vrayــ 3DS MAX نى قىستۇرما بىلەن تەمىنلەيدىغان داڭلىق شىركەت Chaos group نىڭ بىر تۈرلۈك كىچىك ،ئەمما ئىقتىدارى كۈچلۈك ھاسىللاش قىستۇرمىسى.

    Chaos group نىڭ يەنە تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن sim cloth (ھەقىقىي تۇيغۇدىكى رەخت ھاسىللاش قىستۇرمىىسى)، Phenix (ئوت-يالقۇنى ھاسىللاش قىستۇرمىسى) ۋە shag ful (يۇڭ-تۈك ھاسىللاش) قاتارلىق قىستۇرمىلىرى بار.

    Vrayــ نۆۋەتتىكى مۇنەۋۋەر ھاسىللاش قىستۇرمىلىرىنىڭ بىرى،بولۇپمۇ ئۆي ئىچى-سىرتى ئۈنۈم خەرىتىسى ئىشلەشتە Vray سۈرئىتى تېز، ھاسىللاش ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى ھاسىللاش يۇمشاق دېتالى بولالايدۇ.

    Vray نىڭ ھاسىللاش ئۇسۇلى ــ * فوتون ئارقىلىق ھىسابلاش ئېلىپ بارىدۇ . بۇنىڭغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئۈنۈم خەرىتىسى ئىشلەش ئەمىلىيتىدە Vray نىڭ مۇكەممەللىكى ئىسپاتلاندى.

    Vray نىڭ ئالاھىدىلىكى:

    1)     چىنلىق(ھەقىقىيلىك) ــ Vray دىن پايدىلىنىپ، ئەسەر ئىشلىگەندە فوتو-سۈرەت دەرىجىسىدىكى ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، ھەتتا كىشلەرگە يالغاننى راست كۆرسىتىشتەك ئۈنۈمگە تەتكىلى بولىدۇ. كۆلەڭگىسى ئىنتايىن تەبئىي، ماتېرىياللارنىڭ ئىپادىلىنىشى ئىنتايىن جايىدا.

    2)     ئومۇميۈزلىكى ــ  Vray دا ئۆي ئىچى-سىرتى ئۈنۈم خەرىتىسى ، قۇرۇلۇش مەنزىرىسى ئۈنۈم خەرىتىسى ،تېلىۋىزىيە ئېلانچىلىقى، سانائەت مودىلى قاتارلىقلارنى پۈتۈنلەي ئىشلىگىلى بولىدۇ.

    3)     جانلىقلىق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملىكلىكى ــ ئەمىلي ئىھتىياجغا قاراپ پارامېتىرلارنى تەڭشەپ ،خالىغان ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولىدۇ ، پارامېتىرلارنى تۆۋەن تەڭشەپ،تېز سۈرئەتتە ھاسىللاش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ،ئەگەر ئەسەرنىڭ سۈپەت تەلىپى يۇقىرى بولۇشنى تەلەپ قىلغاندا ھاسىللاش پارامېتىرلىرىنى يۇقىرى تەڭشەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى ھاسىلللاپ چىققىلى بولىدۇ.

    Vray نىڭ نەشىرى :

    Vray نىڭ نەشىر تەرەققىياتىغا قارايدىغان بولساق ،ئاساسلىق 3باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، دەسلەپكى باسقۇچ: ئاساسلىقى 1.09 نەشىر باسقۇچى ، ئىككىنچى قېتىملىق باسقۇچ: 1.47 نەشىر باسقۇچى (ئاساسلىقى 1.45 نەشىرىدىن 1.49 نەشىرىگىچە بولغان باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

    ئۈچىنچى قېتىملىق باسقۇچ: 1.5 نەشىرى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىر باسقۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (1.5 نەشىرىدىن كېيىن «چىراغ نۇرى بۇففىرى» ئەندىزىسى، Vray كامىراسى، Vray ئوبىيكىتلىرى، ماتېرىيال سۈپىتى تۈرلىرى، چاپلىما رەسىم تۈرلىرى، چىراغ نۇرى تۈرلىرى، ئالاھىدە ئۈنۈم تۈرلىرى قاتارلىق 7خىل ئىقتىدار يېڭىدىن قوشۇلدى)

    فوتون ــ نۇرنى تەشكىل قىلغۇچى ئاساسىي زەرىچە ، ئۇ بەلگىلىك ئېنىرگىيەگە ئىگە بولۇپ، يورۇقلۇق ئېنىرگىيەسىنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئېنىرگىيەسى نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دولقۇن ئۇزۇنلىقى قانچە قىسقا بولسا فوتوننىڭ ئېنىرگىيەسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

    V-ray1.5 نى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ. (خەنزۇچىلاشتۇرۇلغان نەشىرى)

     

    ئەسكەرتىش:  بۇ دەرسلىك V-ray1.5 نى دەسلەپكى ئۈگەنگۈچىلەرگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، بۇ دېتال توغرىسىدا ئۇيغۇرچە دەرسلىك بولماسلقىنى كۆزدە تۇتۇپ ،ھەقسىز ئىشلەندى.  سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقتىن دەرسلىكتە بىرقىسىم خاتالىقلار بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ ۋە كەسىپداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن.

    دەرسلىكنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۋىلىڭ.

    http://u.115.com/file/t28791278

    http://iask.sina.com.cn/u/1696179962/ish?folderid=251955


    收藏到:Del.icio.us




    خەتكۈچ:3D MAX Vray1.5

    评论

  • ھەقىيقەتەنمۇ ئېسل يازما بولۇپتۇ. بۇلارنى ساقلىۋېلىپ ئۈگەنسەم بولغىدەك. ھەمدەمدە بولارسىز قېرىندىشىم. ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم، چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    Atash回复چەۋەنداز说:
    قولۇمدىن كەلسىلە قولۇم كۆكسۈمدە قىرىندىشىم.
    2011-02-25 23:11:23
  • بولسا مۇشۇ دەرسلىكلەرنى فىلىمگە ئېلىش دېتالىنى دەرسلىك قىلىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز، ئېكران تۇتىدىغان دېتاللار ناھايىتى كۆپكەن قايسىس ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن.
    Atash回复cartoon说:
    بولىدۇ، مەن ئارىلىقتا ۋاقىت چىقىرىپ سۈرەتلىك دەرسىنى ئىشلەپ قوياي.
    2011-02-19 16:16:43
  • مەنمۇ ئۆگىنىشنى باشلىدىم ئەمىسە....
    سىزمۇ wordpress كە كۆچۈۋالمامسىز بولمىسا.
    ھە. راسىت، تاس قاپتىمەن ئۇنتۇپ قالغىلى .. ئىزدەن بىلوگى ئۆي كۆچتى.
    يېڭى مەنزىل: http://www.izdengin.com
    Atash回复ئىزدەنگىن说:
    يېڭى ئۆيىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ، «ئۈرۈك ئۈرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ» دېگەندەك ئاخىرى مەنمۇ ئالا بولۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن، بلوگباسنىڭ بەزى ۋاقىتلاردىكى مۇقىمسىزلىقىنى دېمىسەم كۆچكۈممۇ يوق ئىدى ،بولمىسا.
    2011-02-15 20:13:58
  • بۇ دەرىسلىكلەر بەك ياخشى بوپتۇ . چۈشۈرۈپ ساقلىۋالدىم . Vray ھەقىقەتەن ياخشى ھاسىلىلىغۇچ. ئەمگىكىڭلاغا بارىكاللا !
    Atash回复ئەلى说:
    دەرسلىكتە خاتالقلار بولىشى مۇمكىن ،بۇنى پەقەت سىلىدەك كەسىپ ئەھلىلىرىلا بىلىدۇ، توغرا چۈشىنەرسىلەر.
    2011-02-11 17:59:53
  • مەن گەرچە max تا mental ray نى كۆپىرەك ئىشلەتسەممۇ ، Vray نى ئىشلىتىپ باقماپتىكەنمەن . مەنمۇ بىر سىناپ باقاي. رەھمەت سىزگە.
    Atash回复خۇشنۇت说:
    مەن Mental Ray نى ئۈگۈنۈشنى ئويلاۋاتقان ئىدىم ،سىز Vray نى ئۈگۈنۈڭ، مەن Mental Ray نى.
    2011-02-09 16:36:47
ئۇيغۇرچە بىلەن ئېنگلىزچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.