ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  mp3 ناخشا  »  پىلاستىنكىلار

بىكەت تەۋسىيسى

  • ئەقىدە
  • ۋىسال ئىشقى
  • ئالدىما
  • يېنىپ كەل
  • تەنھالىق
  • مۇشتەرى
پىلاستىنكا نامى : رەنجىمەيمەن  
ئورۇنلىغۇچى : ئابدۇغىنى ئابلېكىم
كۆرۈلىشى : قېتىم
پىلاستىنكا تىلى : ئۇيغۇرچە
نەشىر قىلغۇچى ئورۇن : دىل كۈيى ئۈن سىن مەركىزى
تارقىتىلغان ۋاقتى :
1 رەنجىمەيمەن ئاۋاتلىقى : 535 قوشۇلغان ۋاقتى : 2015-01-21
2 مىنى چۈشەن ئاۋاتلىقى : 250 قوشۇلغان ۋاقتى : 2015-01-21
3 سىنى دەيمۇ ئاۋاتلىقى : 311 قوشۇلغان ۋاقتى : 2015-01-21
4 ھەسرەت ئاۋاتلىقى : 169 قوشۇلغان ۋاقتى : 2015-01-21
5 ئايخىنىم سۈزۈك چىراي ئاۋاتلىقى : 150 قوشۇلغان ۋاقتى : 2015-01-21
6 سۆيەرسەنمۇ ئاۋاتلىقى : 156 قوشۇلغان ۋاقتى : 2015-01-21
7 سەن بولمىساڭ بولمايدۇ ماڭا ئاۋاتلىقى : 302 قوشۇلغان ۋاقتى : 2015-01-21
8 سېغىنىش ئاۋاتلىقى : 120 قوشۇلغان ۋاقتى : 2015-01-21
9 ئۇيغۇر قىزى ئاۋاتلىقى : 119 قوشۇلغان ۋاقتى : 2015-01-21
10 يايرىم ئاۋاتلىقى : 105 قوشۇلغان ۋاقتى : 2015-01-21
11 تېلفۇن ئاۋاتلىقى : 140 قوشۇلغان ۋاقتى : 2015-01-21
12 يار دەردى ئاۋاتلىقى : 125 قوشۇلغان ۋاقتى : 2015-01-21
13 ئاشىق سۇيگۇسى ئاۋاتلىقى : 117 قوشۇلغان ۋاقتى : 2015-01-21
ئۈمىدلىك مۇزىكانت، ياش كومپۇزىتور، تالانتلىق ناخشىچى1981- يىلى 4- ئاينىڭ 8 - كۈنى قەدىمىي شەھەر قەشقەردە سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دادىسىنىڭ تەسىرى بىلەن كىچىكىدىنلا سەنئەتكە ئىشتىياق باغلاپ چوڭ بولغان.
ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۆسمۈرلۇك چاغلىرى ياكى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بالىلىق چاغلىرىدىلا بولمىسۇن، دەرستىن سىرتقى چاغلىرىدا ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئېلېكتىرونلۇق رويالنى چىلىپ، ناخشا ئېيتىشنى دائىملىق ئادەتكە ئايلاندۇرغان. ئۇ شۇ ئارزۇسى بىلەن 1997 - يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بىرىپ ئۆتۈپ 2000 - يىلغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ مۇزىكا ئىنىستىتۇتىدا نەي كەسپىدە ئوقۇپ ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن. ئۇ 2000 - يىلدىن ھازىرغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسۇل تىياتىر ئۆمىكىدە ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈش بىلەن بىللە كەسىپداشلىرى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ ياردىمى ھەم دادىسىنىڭ بىۋاستە يىتەكلەش نەتىجىسىدە ناخشا ئېيتىش ۋە مۇزىكا ئىجادىيەت جەھەتتە كۆپ تىرىشىپ «سىنى دەيمۇ»، «ياشلىق مەۋسۇمى»، «ئۇيغۇر قىزى»، «سەن بولمىساڭ»، «سېغىنىش»، «ئاشىىقلار سۆيگۈسى»، « سۆيەمسەن دېگىن » قاتارلىق ناخشا-مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ ھەم «رەنجىمەيمەن»، «مۇھەببەت»، «يۇرتۇم»، «ھەسرەت» قاتارلىق ئىجادىي ناخشىلارنى ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بىلەن سەھنە، تېلىۋىزور، رادىئولاردا ئورۇنلاپ كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئىرىشىش بىلەن بىرگە 2003 - يىلى 10 - ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «قەشقەرنى مەدھىيەلەش» ئىجادىي ناخشا مۇسابىقىسىدە ئۆزى ئىجاد قىلغان «ياشلىق مەۋسۇمى» ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2004- يىلى  2- ئاينىڭ  27- كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ مىللىي چالغۇ ئورۇنلاش مۇسابىقىسىدە يالغۇز نەي بىلەن «يايلاقتىكى باھار يامغۇرى» ناملىق مۇزىكىنى ئورۇنلاپ، كەسپىي گۇرۇپپىلار بويىچە مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2004- يىلى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك يىڭى ئادەم، يىڭى ئەسەر، يىڭى ناخشا مۇسابىقىسىدە «رەنجىمەيمەن» ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ، ئاممىباب ناخشا ئېيتىش بويىچە مۇنەۋۋەر ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
ئابدۇغەنى ئابلىكىم يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆز ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلىپ «مىنى چۈشەن» ناملىقMTV ,DVD ,VCD  پىلاستىنكىسىنى نەشر قىلدۇرۇپ تارقاتقاندىن كېيىن، سەنئەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ئۇ ئىجادىيەتتىكى ئۆزگىچىلىكى، ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبىدىكى خاسلىقى بىلەن داۋاملىق تىرىشىپ، تېخىمۇ نادىر ناخشىلارنى خەلقىمىزگە سوۋغا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. بىز بۇ كۆپ قىرلىق سەنئەتكارنىڭ، ئەجدادلىرىمىز ناخشىچىلىقىغا بىقىنغان ئاساستا ئۆزى ئاشىق بولۇپ، كۆيگەن ھەم سۆيگەن كەسپىدە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ھاياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشۇشنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 1389-نۇمۇر9-بىنا 102-ئىشخانا